ئۇيغۇر تىلى(ئابدۇرېھىم زۇنۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-31 13:06:04

ياشنىسۇن گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى(مۇخەممەس )ئابدۇرېھىم زۇنۇنبىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇ...

     

     

                        ياشنىسۇن گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى(مۇخەممەس )                  
    ئابدۇرېھىم زۇنۇن



    بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.

    ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،
    ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،
    ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ - يۆلىكى،
    ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە، قەلىب ئەينىكى،
    بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .

    پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،
    تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم .
    ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر، كەۋسەر تىلىم،
    بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر، نەشتەر تىلىم،
    ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

    ئانا بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل - زۇۋانغا مەڭگۇ تەم،
    قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم،
    تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم
    تىل بىمار، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا، ئاچلارغا يەم
    خاسىيەتلىك تىل تۇمار، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى .

    يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
    مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام،
    مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام،
    مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،
    قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .

    سۇ بىرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق،
    ئۇ - چىراق، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،
    ئانا تىل يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا - ئۇلاق،
    ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،
    بىزگە پۇتمەس كان، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .

    قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،
    تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا،
    ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، <مىڭ ياشا !>دېگەن سادا،
    مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،
    ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

    شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
    مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،
    مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان،
    مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،
    مەڭگۇ ئەنگۇشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .

    مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،
    مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا،
    مۇشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،
    مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا،
    پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى .

    ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،
    ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار،
    ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار،
    ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھاببەت ... ھەممە بار،
    بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۇردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

    بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
    ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم،
    بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،
    ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
    ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى .

    خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
    مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل - يۇرت ئاۋات،
    كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،
    مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،
    ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .

    تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،
    بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،
    بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما
    شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،
    قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

    ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
    شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا،
    ئانا تىلسىز گال، كېكەچ مەن، بولىمەن جاندىن جۇدا،
    چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
    سۈيىدە ئاق، ئوتىدا كۆي , گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !


    مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.