ئىش بىجىرىش خاتىرىسى(رىسالەت مەردان)

يوللىغۇچى : tash يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-26 10:10:04

ئىش بىجىرىش خاتىرىسى رىسالەت مەردان ھېچكىم ۋە ھېچنىمە پەقەت ئىككى پارچە قەغەزگەيېزىلغاندۇ بارلىق نەرسىلەرسېنىڭ چىرايىڭ، خىياللىرىڭ، ئۈمىدىڭتەڭ ئەمەستۇر بىر ۋاراق خەتكە ساقلاش، توختىماي ساقلاش...

    ئىش بىجىرىش خاتىرىسى

     


    رىسالەت مەردان


    ھېچكىم ۋە ھېچنىمە
    پەقەت ئىككى پارچە قەغەزگە
    يېزىلغاندۇ بارلىق نەرسىلەر
    سېنىڭ چىرايىڭ، خىياللىرىڭ، ئۈمىدىڭ
    تەڭ ئەمەستۇر بىر ۋاراق خەتكە

    ساقلاش، توختىماي ساقلاش
    سېنىڭ ئالدىرىشىڭ
    كۈتۈشلىرىڭ
    ئۆيدە قىلغان ھېسابلىرىڭ
    بۇ ماددىيلاشقان دۇنيادا
    ھېچنىمىگە بولمايدۇ تەڭداش

    تۆشۈكلەر سوغۇق
    ئادەملەر يوقاپ كۆلەڭگىسى قالغان
    تاشتەك كونۇپكىلارنى بېسىپ ئولتۇرۇپ
    ھېچنىمىنى قىلمايسەن خىيال
    ھېچكىملەردىن كۈتمەيسەن ئۈمىد
    ئالدىرىاس
    ھېچنىمىگە قىزىقماس
    ھېچنىمىنى كۈتمەس بولىسەن
    ھەممە ئىشىڭ پوتكەن چېغىدا

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رىسالەت مەردان