قاينامى:ھەمدۇسانا...

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 21:56:02

ھەمدۇسانا...قولۇمنىڭ يوقلۇقىدىنكۆزۈمنىڭ كورلىقىدىنتىلىمنىڭ كېسىلگەنلىكىدىنئاۋازىمنىڭ قۇشخانىلاردا جان تالىشىۋاتقانلىقىدىنخىيالىمنىڭ تاملار قورشاۋىدا زېرىككەنلىكىدىنئىدىيەمنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى...

     

    ھەمدۇسانا...

     

    قولۇمنىڭ يوقلۇقىدىن

    كۆزۈمنىڭ كورلىقىدىن

    تىلىمنىڭ كېسىلگەنلىكىدىن

    ئاۋازىمنىڭ قۇشخانىلاردا جان تالىشىۋاتقانلىقىدىن

    خىيالىمنىڭ تاملار قورشاۋىدا زېرىككەنلىكىدىن

    ئىدىيەمنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىدىن

    سۆڭەكلىرىمنىڭ قارىدىغان ئوڭ يۈزىدىن

    ئاسمىنىمنىڭ سۇسىز بۇلۇتلىرىدىن

    يۇلتۇزلىرىمنىڭ ئېقىپ چۈشىۋاتقان تېنىدىن

    ئېسىم زەنجىرلىرىگە سېلىنغان ئالتۇن قۇلۇپتىن

    ئالتۇن شىرغا مىنىۋالغان شامالدىن

    ئىشقىمنىڭ ئەخلەت دۆۋىلىرىگە ئارلىشىپ كەتكەنلىكىدىن

    كۆمۈش يالىتىلغان تەننىڭ سەھنىلەردىكى رەسۋالىقىدىن

    قارا كىيىم كىيگەن كۈندۈزنىڭ ۋاقىت ھارۋىسىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن

    ئۇيقۇنىڭ دات باسقان كەتمىنىدە چانالغان قوناق مايسىلىرىدىن

    ...قۇشۇمنىڭ تەن قەپىسىمدە جىمجىت ئۆلۈپ قالغانلىقىدىن

    بۇ ئۆلۈمنىڭ جەريانىنىڭ ئاچچىق تەمىدىن

    بۇ تەمنىڭ يۈرىكىمنىڭ قېنىغا قوشۇلۇپ ئاققانلىقىدىن

    بۇ قاننىڭ پېتىۋاتقان قوياشقا ئوخشىغانلىقىدىن

    ئۆكۈنمەيمەن،ئۆكۈنمەيمەن

    ساڭا يارىغان بولسام...

    2011/05/31

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قاينامى ھەمدۇسانا _