پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى(نۇرمۇھەممەد ئېركى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-19 16:52:38

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنىنۇرمۇھەممەد ئېركى( 1927 - 1984) ئالىمدۇر دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ جېنى،ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.يۇرتىمىز ئالىمنىڭ، ئەدىبنىڭ كانى،كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟پە...

    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى
    نۇرمۇھەممەد ئېركى( 1927 - 1984)


    ئالىمدۇر دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ جېنى،
    ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.
    يۇرتىمىز ئالىمنىڭ، ئەدىبنىڭ كانى،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    شەرق ئىلىم دۇنياسى ئىچرە يىگانە -
    بىر يۇلتۇز شۇنچە ساپ، شۇنچە نۇرانە.
    ئەجرىگە قايىلدۇر ئۆز ۋە بىگانە،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا سەرۋەرى،
    يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا ھۆكەرى.
    مۇبارەك ئىسمىدۇر مەھمۇد كاشغەرىي،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    تىل دېمەك - بىر ئەلنىڭ ھايات بەلگىسى،
    مەھمۇددۇر شۇنچە زور بەلگە ئىگىسى.
    ئانا تىل سۆيگۈسى - ۋەتەن سۆيگۈسى ...
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    <دىۋان>دۇر - تۈرك تىلى ئىرپان غەزنىمىز،
    مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى بىلىم پەللىمىز.
    <دىۋان>دىن شەرەپ ھىس قىلار خەلقىمىز.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    <دىۋان> دۇر دۇنيادا ئەجەپ مۆجىزات.
    بولمىدى ئۇ تارىخ بەيگىسىدە مات.
    بەلكى ئۇ بولدى پەن ئەھلىگە قانات،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    بىر ئەلكى، بەرسە ئۇ شۇنداق بىر ئوغۇل،
    بولسا ئۇ ئىرپاندا ئالەمگە مەقبۇل،
    قىسمامدۇ بېشىغا قىلىپ ئۇنى گۈل؟!
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    گۈل قىلىپ قىستىڭ سەن، ئاپىرىن ساڭا!
    كۆپ ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئەيلىدىڭ ئاڭا.
    زامانەم، بۇ ئىشىڭ يارىدى ماڭا.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    ئالىمنى ھۆرمەتلەش - گۈللەشكە ئاساس.
    ھەر ئەلدە راۋاج ۋە ياشناشقا ئاساس.
    ئىرپانغا ھەممىنى ئۈندەشكە ئاساس.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    مەھمۇدنىڭ ۋەتىنى - ئەي ئەزىز قەشقەر!
    قەدىرلە ئوغلۇڭنى، ئۇ گوياكى زەر!
    ئۇ - ئادەم شەكلىدە يارالغان گۆھەر ...
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    گەر ئاڭا زامانداش بولمىسام ئۆزۈم،
    تۇپراقداش بولغاچقا ئاپتاپتۇر يۈزۈم ...
    قەبرىنىڭ خاكىنى سۈرتىۋال كۆزۈم.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    بوۋامنى ئالەمگە راسا داملىتاي.
    ۋەسىيەت: مەن ئۆلسەم يېنىدا ياتاي.
    جاۋاھىر ئورنىدا شېئىرىمگە قاتاي.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

                                                                            1983 - يىل. قەشقەر



ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.