وقالغانىكەن ئۇنتۇش ھوقوقۇم(جەناگۈل قەييۇم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:50:16

يوقالغانىكەن ئۇنتۇش ھوقوقۇمجەناگۈل قەييۇمسۆيۈپ قالدىم سېنى نېمىشقا،قېچىشىڭدا چەيلەنسە سۆيگۈم.سېغىنىشلار ماڭىلا مەنسۈپ،مۇھەببىتىڭ مەڭگۈگە مەۋھۈم.قېتىپ قالدى كۆزۈمدە لېۋىڭ،ئىللىتماقتا تېنىمنى...

    يوقالغانىكەن ئۇنتۇش ھوقوقۇم
    جەناگۈل قەييۇم


    سۆيۈپ قالدىم سېنى نېمىشقا،
    قېچىشىڭدا چەيلەنسە سۆيگۈم.
    سېغىنىشلار ماڭىلا مەنسۈپ،
    مۇھەببىتىڭ مەڭگۈگە مەۋھۈم.

    قېتىپ قالدى كۆزۈمدە لېۋىڭ،
    ئىللىتماقتا تېنىمنى تېنىڭ.
    قوشۇلمايدۇ كېچە جۈپ كىرپىك،
    يىغلاتماقتا يۈرەكنى سۆزۈڭ.

    قار چۈشكەن كۈن ئەسلىمىلىرى،
    مۇزلىغۇم بار قايتىدىن رەت - رەت.
    قىشتىن ئەنداز ئالغان يۇرتۇڭ،
    جاۋاب يازسۇن تېز ئىۋەتىۋەت.

    ئويغاق بولساڭ مۇشۇ كېچىدە،
    سۆزلىرىمنى ئاڭلىدىڭ چوقۇم.
    سىرغىغاندا كۆزۈڭدىن تامچە،
    يوقالغانكەن ئۇنتۇش ھوقوقۇم.



    ئېھتىمال


    ئېھتىمال
    قېچىپ كەتكۈڭ كېلىدۇ مەندەك،
    سۆيگىنىڭدىن يىراقلاپ - يىراق.
    تەشنالىقتىن سىقىلغان يۈرەك،
    ئاشۇ قىزنى ئەسلەيدۇ بىراق.
    ئازاب ئوراپ تۇرغان دۇنياغا،
    سۆيگۈ ئوتى بولىدۇ چىراق.
    مەندىمۇ بار سەندىمۇ شۇنداق،
    قاچقانلارغا ئاتالغان پىراق.

    ئېھتىمال
    ئۇقىز ساڭا سەنمۇ ھەم ماڭا،
    سۆيۈلۈشكە بولمايمىز نائىل.
    كۆڭۈل دېگەن جاھىل مۇستەبىت،
    بەختىمىزگە بولىدۇ قاتىل.
    يېتىمسىراپ قالدى سالام خەت،
    سەن بار يەردە ھەممىسى باتىل.
    كۆپ بولسىمۇ دۇنيادا ئاقىل،
    مەن نېمىشقا ساڭىلا قايىل؟


    ئېھتىمال
    يامغۇر بىلەن ئاقتىڭ مەنسىمان،
    يۈرەكلىرىڭ قاتتى مۇز بولۇپ.
    سەن يارىڭنى ئەسلىگەن بۇچاغ،
    كۆزلىرىمگە تۇرار ياش تولۇپ.
    سەندەك ئازاب چېچىپ بىراۋغا،
    خۇشلۇقۇمغا سېلىندى قۇلۇپ.
    جامالىڭنى چۈشەپ ھەر كېچە،
    قاچانغىچە يۈرەرمەن سولۇپ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.