چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا(تەلئەت قادىرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:13:10

چوڭ بولماقتا شەھەردە بالاتەلئەت قادىرىچېكىپ قالدى بىر كۈن ئىشىكنى،تەرەبباللا ئوتۇنجى بوۋاي.تۇرۇپ كەتتىم بىر ھازاغىچە،بۇ قانداق ئىش، ئەمدى نە قىلاي؟بېسىپ قوياي دېسەم يوق ھويلام،ئوتۇنىدىن ئېل...

    چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا
    تەلئەت قادىرى


    چېكىپ قالدى بىر كۈن ئىشىكنى،
    تەرەبباللا ئوتۇنجى بوۋاي.
    تۇرۇپ كەتتىم بىر ھازاغىچە،
    بۇ قانداق ئىش، ئەمدى نە قىلاي؟

    بېسىپ قوياي دېسەم يوق ھويلام،
    ئوتۇنىدىن ئېلىپ بىر باغلاپ.
    ئۆگزىسى يق كاتەكتەك ئۆيدە،
    ياشىغاچ بىز خوتۇن ۋە بالام.

    ئۇنتۇلماقتا ئوتۇنچى بوۋاي،
    ئۇنتۇلماقتا جاڭگال ئوتۇنى.
    ئۇنتۇلماقتا مەھەللىلەرنى
    قاپلىغان شۇ ئارچا تۈتۈنى.

    تەبىئەتنى بىلىدۇ بالام،
    مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن پەقەت.
    جاڭگال، توغراق، يۇلغۇن دېگەننى
    تونۇمايدۇ ئۇلار شۇ سەۋەب.

    چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا،
    تەبىئەتتىن شۇنچە يىراقتا.
    ئېمىپ پات-پات مومىلىرىنى
    تاش ئەينەكتىن مۇزېيخانىدا.

    رەنجىمىگىن، ئوتۇنچى بوۋاي،
    ئوتۇنىڭدىن ئالاي بىر باغلام.
    كۆرۈپ قويسۇن توغراق دېگەننى،
    شور تۇپراقنى پاسپورتلۇق بالام.

    تەقلىدىي سۈت ئېمىپ ھەر كۈنى،
    چوڭ بولماقتا شەھەردە بالا.
    شۇ بىر باغلام ئوتۇنغا ئوخشاش،
    قېرىماقتا شەھەردە دادا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.