ئالدامچى تېۋىپ(ئابدۇللا ياقۇپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-17 23:53:12

ئالدامچى تېۋىپ!ئابدۇللا ياقۇپبىلىمەن دەيسەن تېبابەتنى يوغان پاختاڭ تېۋىپ،يوق پەقەت سەندە بىلىم، راستىن ئۆزۈڭ سالتاڭ تېۋىپ.ئاچىسەن پىنھان دۇكان ئەپ يەرنى ئىزدەپ دالدىدا،خىلمۇ خىل جا دورىغا ت...

    ئالدامچى تېۋىپ!
    ئابدۇللا ياقۇپ




    بىلىمەن دەيسەن تېبابەتنى يوغان پاختاڭ  تېۋىپ،
    يوق پەقەت سەندە بىلىم،  راستىن ئۆزۈڭ سالتاڭ تېۋىپ.


    ئاچىسەن پىنھان دۇكان ئەپ يەرنى ئىزدەپ دالدىدا،
    خىلمۇ خىل جا دورىغا تولغان قۇرۇق خالتاڭ تېۋىپ.


    ساقنىمۇ دەيسەن كېسەل تۇتساڭ تومۇر باش ئاغرىتىپ،
    كەلسە پۇرسەت خەقنى باپلايدۇ  يەنە نوختاڭ تېۋىپ.


    «بەك شىپالىق دورا» دەپ،«كۆپرەك ئېلىڭ بۇنى» دەپ،
    سەن ئۈچۈن پۈۋلەيدۇ يەل يانىڭدا بار غالچاڭ تېۋىپ.


    چۆمگەن چىرايىڭ كۈلكىگە،  ئوخشار سىياقىڭ تۈلكىگە،
    ھىجىيىپ جاۋغايلىرىڭمۇ بولىدۇ  كالچاڭ، تېۋىپ.


    دەيدىكەنسەن «مەن داۋا قىلسام شىپا تاپقاي كېسەل»
    تەلتۆكۈس كېسەلنى ھەيدەرمىش تېخى قامچاڭ،  تېۋىپ.

    تاپمىغاي ئاغرىق شىپا،  يۇقماس سېنىڭدىن قىلچە نەپ،
    ساقنىمۇ قىلغاي كېسەل بەرگەن ئاشۇ دوراڭ،  تېۋىپ.


    تويمۇغۇر نەپسىڭ ئۈچۈن ئوت بولسىمۇ يالماپ يۇتۇپ،
    ئالداپ يۈرەمسەن خەقنى شۇنچە سەن قىلىپ گالۋاڭ تېۋىپ؟


    ئۆزىنى قىلغاي ئوسال ساختىپەزنىڭ ھىيلىسى،
    بىل شۇنى باشىڭغا چىققاي شۇ ھارام ئاقچاڭ تېۋىپ.


    ئاجرىماس سىرتماق بولۇپ بوينۇڭنى سىققاي قىلمىشىڭ،
    ئاقىۋەت چاپقاي پۇتۇڭنى راسلىغان پالتاڭ،  تېۋىپ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.