يەنە توققۇز كۈن

يوللىغۇچى : qimangul يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-29 01:06:00

يەنە توققۇز كۈن چىمەنگۈل ئاۋۇت توققۇز تال مېغىزنى ساناپ ئولتۇرۇپ ، توققۇز تال غۇنچىگە گۈل بوپ قېتىلدىم . بوينۇڭغا ئېسىلغان تاشنىڭ يىپىدەك ، قىسمەت ئالقانلىرىدا جىمجىت ئىشىلدىم . توققۇز تال كىرپىك...

    يەنە توققۇز كۈن

     

    چىمەنگۈل ئاۋۇت

     

    توققۇز تال مېغىزنى ساناپ ئولتۇرۇپ ،

    توققۇز تال غۇنچىگە گۈل بوپ قېتىلدىم .

    بوينۇڭغا ئېسىلغان تاشنىڭ يىپىدەك ،

    قىسمەت ئالقانلىرىدا جىمجىت ئىشىلدىم .

     

    توققۇز تال كىرپىكىم تۆكۈلسە لەرزان ،

    توققۇز تال ئوقيارىڭ كەلدى ئېسىمگە ،

    ئاھ توققۇز كېچىنى ئۆتكۈزدۈم قانداق ،

    مەن ساڭا ئېيتمىسام ئېيتىمەن كىمگە ؟

     

    توققۇز تال ئاچقۇچ بار قولۇڭدا جېنىم،

    بىمالال ئۆتىسەن توققۇز قوۋۇقتىن .

    تۇلپارىڭ كىشنىسە كىلىمەن يۈگرەپ ،

    سۇ ئېلىپ يۈسۈپ چۈشكەن يالغۇز قۇدۇقتىن .

     

    قەدرىمنى قەھرىڭگە قىلىمەن پايخان،

    تاڭلارغا ئۇلاشتۇر مېنىڭ يولۇمنى .

    توققۇزتال كوكۇلام سۆرۈلدى يەرگە،

    تارتىۋال ھېجراندىن تۇتۇپ قولۇمنى .

     

     

    بىمالال ئۇزايدۇ توققۇز يىلمۇ ھەم ،

    ئاھۇمۇ ئوغلىمىزدەك كوماك بولىدۇ .

    ئۆسكەن ساقاللىرىڭنى سىيلىسام قېنىپ ،

    قىلىقىم بالىمىزدەك ئوماق بولىدۇ .

     

    تۈڭلۈكتە كۆيىدۇ زۆھرە يۇلتۇزى ،

    ئەركىكىم شەۋكىتىڭگە بەرگەنچە دۇئا .

    ھاياتىم –ماماتىمنىڭ غەمخانى ئۆزۈڭ ،

    بەختىمنى باغرىڭدا قىلىسەن ئادا .

     

    ئۇزاتسام بوسۇغىدا سالىمەن ئىسرىق ،

    توققۇز تال ئالمىنىڭ قېقىنى قوشۇپ .

    ئېتىڭنىڭ قۇلاقلىرىغىمۇ شىۋىرلايمەن ئاھ..

    سەن ماڭا قارايسەن دەردىمنى قۇچۇپ .

     

    توققۇز كۈن،توققۇز يىل مەيلى توقسان يىل ،

    كۈتۈشنىڭ پاراغىتىدە ياشايمەن كۈلۈپ .

    ئۆتىمەن بالىمىزنى يىتىلەپ مەغرۇر ،

    ئىزىڭدىن يۇلغۇنلار قالسا گەر ئۈنۈپ....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق