يامغۇرلۇق كېچە(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 05:56:15

يامغۇرلۇق كېچەئادىل تۇنىيازيامغۇرلۇق تۈن كەتسە يىراقلاپ،كىرپىكلەر شام ئاقار تاراملاپ.يەم بولىمەن كۆزلەرگە تەكراربىرلىرىگە ھولۇقۇپ قاراپبىرلىرىنى قىلىپ ئىختىيار.بەلكىممەڭگۈ يېپىق ئىشىك تۈۋىد...

    يامغۇرلۇق كېچە
    ئادىل تۇنىياز


    يامغۇرلۇق تۈن كەتسە يىراقلاپ،
    كىرپىكلەر شام ئاقار تاراملاپ.
    يەم بولىمەن كۆزلەرگە تەكرار
    بىرلىرىگە ھولۇقۇپ قاراپ
    بىرلىرىنى قىلىپ ئىختىيار.

    بەلكىم
    مەڭگۈ يېپىق ئىشىك تۈۋىدە
    كۈتكەندىمەن بەختىمنى شۇنچە.
    شېئىر يېزىش ئۈچۈن مەن لېكىن
    تەقەززارمەن قايغۇ-ھەسىرەتكە.

    مەندە يۈرەك بولغاندىن باشلاپ،
    ئۆزۈمگە ئۆزۈم
    تەۋە بولۇپ باقمىدىم بىر كۈن.
    ياشىمىدىم سېنى دەپمۇ ھەم
    ياشىمايمەن ھېچ كىشى ئۈچۈن.
    ئىگەللىگەن باشقىلار ئەمما
    ئوڭۇم ئەمەس چۈشۈمنى ھەتتا.

    ئۆتمۈش
    ئۆز لېۋىنى يامغۇرلۇق كەچتە
    لېۋىم تامان كېلىدۇ سوزۇپ.
    كەشتىلەيمەن خىياللىرىمغا
    نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر لەۋنى
    (سىم-سىم يامغۇر كەتكەندە توزۇپ)
    تاتىرىمەن نۇر بولۇپ ئاپئاق
    قايتقانغا نۇر سونۇق ئەينەكتىن.
    سۆيەلمەيمەن ئۆزۈمنى شۇڭا
    سۆيەلمەيمەن سېنى بۆلەكتىن.
    خىياللىرىم بولغىچە بوۋاي
    سۆيەلمەيمەن سېنى بۆلەكتىن...

    يامغۇرلۇق تۈن كەلسە يېقىنلاپ
    كىرپىكىم شام ئاقار تاراملاپ.
    يەم بولىمەن كۆزلەرگە تەكرار
    كېچە مېنى كېتىدۇ يالماپ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادىل تۇنىياز كېچە