شەكسىز (غەلىبە مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-30 19:26:00

شەكسىز ( غەلىبە مۇھەممەت ) كۆتۈرمەيمەن ئۆزۈم ئۈچۈن قول ،دۇئالىرىم سەن ئۈچۈن بالام .ئىزدىمەيمەن ئۆزۈم ئۈچۈن يول ،سەپەر لىرىم سەن ئۈچۈن بالام .قاتۇرمايمەن ئۆزۈم ئۈچۈن باش ،پىدالىرىم سەن ئۈچۈن ب...

    شەكسىز

    ( غەلىبە مۇھەممەت )

    كۆتۈرمەيمەن ئۆزۈم ئۈچۈن قول ،
    دۇئالىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
    ئىزدىمەيمەن ئۆزۈم ئۈچۈن يول ،
    سەپەر لىرىم سەن ئۈچۈن بالام .

    قاتۇرمايمەن ئۆزۈم ئۈچۈن باش ،
    پىدالىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
    تېمىتمايمەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياش ،
    نىدالىرىم سەن ئۈچۈن بالام .

    جاپا نېمە مۇشەققەت نېمە ،
    ياداشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
    چۆلدە يەتكەن يالغۇزلۇق نېمە ،
    چىداشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .

    قانچە كەڭرى بولسىمۇ گەر سول ،
    ھارماسلىقىم سەن ئۈچۈن بالام .
    چىللىسىمۇ داستىخانى مول ،
    بارماسلىقىم سەن ئۈچۈن بالام .

    قىلغۇم كەلمەس ئۆزۈم ئۈچۈن گەپ ،
    دېگەنلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
    ئوغا بولسا ئۆتەلەيمەن يەپ ،
    كېرەك بولسا سەن ئۈچۈن بالام .

    تاش چاينىسام ئەمەسمۇ لەززەت ،
    سەن ئاش يىسەڭ، مەن ئۈچۈن بالام .
    ئۆلۈش ھەتتا ئاجايىپ پۇرسەت ،
    گېزى كەلسە سەن ئۈچۈن بالام .

    مۇڭ ئىچىدە تۇرۇپ تۇيۇقسىز ،
    ئوت ئالمىقىم سەن ئۈچۈن بالام .
    مەشرەپ كەبى سەرسانە، يوقسىز ،
    بوپ قالمىغىم سەن ئۈچۈن بالام .

    ئانام دەيمەن ئانامغا ئوخشاش ،
    كۆرگىنىمدىن سېنى بىر، بالام ،
    دادام دەيمەن دادامغا ئوخشاش ،
    بىلگىنىمدىن سېنى شىر بالام .

    مېنى كۆرسەڭ مۇزلۇق قىياندا ،
    ئۈزمەكلىكىم سەن ئۈچۈن بالام .
    گەر ئۇنتۇلسام چۆل - باياۋاندا ،
    كەزمەكلىكىم سەن ئۈچۈن بالام .

    يوقاپ كەتسەم ئاينىڭ تويىدا ،
    تېنەشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
    تۇرۇپ قالسام كۈننىڭ بويىدا ،
    كىنەشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .

    كۆزلىرىمدە غىلغىپ قالسا ياش ،
    سېغىنىشنىڭ لاۋاسى بالام .
    ئۆزۈڭدۈرسەن ماڭا دوسىت، قايش ،
    ھاياتىمنىڭ داۋاسى بالام .

    تېنىم ئىچرە جېنىم سەن مېنىڭ ،
    جېنىم ئىچرە قېنىم سەن مېنىڭ .
    قېنىم ئىچرە روھىم سەن مېنىڭ ،
    ئاسمىنىمغا گۈل تەرگەن بالام .

     
    --------------------- مەنزىل: شىنجاڭ ئاياللىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق