مىللەت ھەققىدە

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-31 16:59:00

مىللەت ھەققىدە تىيپچان ئىلىيوپ شىئېرى سۆيىمەن دەيدۇ ھەر كىم مىللىتىنى ،مىللەتنى ساتقۇچىمۇ دەيدۇ شۇنى.سۆيۇشنىڭ راس- يالغىنى شۇندىن ئايان يەمدۇ يوق مىللىتىنىڭ غەم قايغۇسىنى. تىللىساڭ ھامان باشق...

    مىللەت ھەققىدە
    تىيپچان ئىلىيوپ شىئېرى

    سۆيىمەن  دەيدۇ  ھەر كىم  مىللىتىنى ،
    مىللەتنى  ساتقۇچىمۇ  دەيدۇ   شۇنى.
    سۆيۇشنىڭ راس- يالغىنى  شۇندىن  ئايان
    يەمدۇ  يوق  مىللىتىنىڭ  غەم  قايغۇسىنى.

    تىللىساڭ  ھامان  باشقا  مىللەتنى  سەن ،
    بولامسەن  مىللىتىڭنىڭ  قەھرىمانى ؟
    مىللەتكە  باشلاپ  كىلەر  يېتىمچىلىك ،
    مىللەتنىڭ  مۇنداق  نادان  مېھرىبانى .

    ئۇ مىللەت پۇتۇنلەي  داشقال  بولۇپ ،
    بۇ مىللەت  كەم -كۇتسىز  ئالتۇن  ئەمەس .
    ئۇ  مىللەت  پەگادىكى پالاز  بولۇپ ،
    بۇ  مىللەت  تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.

    مېغىزى شاكىلى بار  ھەر  نەرسىنىڭ ،
    ئەي ئەقىل ، شۇنداق  چۇشەن  مىللەتنىمۇ ،
    بېيىيدۇ  مىللەتنىڭمۇ  پەزىلىتى ،
    چۇشەنسە ئۆزىدىكى  ئىللەتنىمۇ .

    ياراتقان  سېسىقلىققا  سەسكىنىشنى ،
    چىقارغان  خۇش  پۇراققا  ئىشتىياقنى.
    يۇيماستىن سېسىقىنى  ماختانسا  كىم ،
    بۇلغايدۇ  ئۆزىدىكى  خۇش  پۇراقنى.

    مەنبە : شەبنەم مۇنبىرى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق