تىرىلىش

يوللىغۇچى : ahadi يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-19 20:14:00

تىرىلىش ئەھەدى كۆردۇڭمۇ كوچىدا تېنەپ - تەمتىرەپ ،چوڭلاردەك كىيىنىپ يۈرگەن بالىنى .سائىل ئۇ ، يۈرمەيدۇ لېكىن نان تىلەپ ،ماڭىلا ئوخشاتقىن ئۇنىڭ ھالىنى . جاڭگالدا جۇپتىدىن ئايرىلسا بىر دەم ، ...

                 تىرىلىش
                ئەھەدى

    كۆردۇڭمۇ كوچىدا تېنەپ - تەمتىرەپ ،
    چوڭلاردەك كىيىنىپ يۈرگەن بالىنى .
    سائىل ئۇ ، يۈرمەيدۇ لېكىن نان تىلەپ ،
    ماڭىلا ئوخشاتقىن ئۇنىڭ ھالىنى .

     جاڭگالدا جۇپتىدىن ئايرىلسا بىر دەم ،
    نېمە دەپ يىغلايدۇ تورغاي ،
    بىلەمسەن ؟ مېنى شۇ تورغايغا ئوخشاتقىن دىسەم
    ، ئېيتقىنا ، يىغلامسەن ياكى كۈلەمسەن ؟

     كەچقۇرۇن ئەتراپقا يېيىلسا گۈگۈم ،
    ئاسماننى بىزەيدۇ يۇلتۇز جىمىرلاپ .
    ساقىغان بىر يۇلتۇز مېنىڭ يۇرىكىم ،
     ئارمان ئۇ ، تۇرغىنى نىمجان مىدىرلاپ .
    دۇنيادا يىگانە ئەمەس ھېچنىمە ،
    تاق ئەمەس تەقدىرمۇ قىسمەتلەر ئارا .

         غېرىپلىق نىمە ئۇ ، يىتىملىك نېمە ؟
    بىلىشنى خالىساڭ ئەپتىمگە قارا ...
    نەزەر سال ، تاغلارنىڭ ئۇستىدە,
    ئاپپاق تۇرغىنى ئاق چاچمۇ ۋەياكى رومال ؟

     كەچكۈزدە سارغايغان يىگانە ياپراق ،
    ئالدىڭغا يولۇقسا ، مىنى ئەسكە ئال !
    بىلەمسەن ، تىغسىمان قىيادا بۇركۇت ،
    بۇركۇتتىن پەرۋازنى تالاشقىنى - مەن !

     يالقۇنلۇق يۇرەككە ياراشماس سۈكۈت ،
    ئاداققى چوققىغا ياماشقىنى - مەن !

     

     ( ئاپتۇرى :ئەھەدى 2004-يىل ئاپرىل)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:21:47]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق