خارلانغان سۆيگۈ

يوللىغۇچى : koz يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-13 14:40:00

خارلانغان سۆيگۈ چىدايمەن سېنىڭسىز ئۆتۈشكە ئەمدى، سېغىنىپ تۇرساممۇ سېنى كۈنۇ-تۈن. تەقدىرنىڭ چاقچىقى تۈگۈمەس ئەسلا، مەنمۇ ھەم تىز پۈكتۈم ئۇنىڭغا بۈگۈن. بىلمەيمەن سەن بىلەن بىر بولالماسمەن، ۋە لىكى...

    خارلانغان سۆيگۈ

     

    چىدايمەن سېنىڭسىز ئۆتۈشكە ئەمدى،

    سېغىنىپ تۇرساممۇ سېنى كۈنۇ-تۈن.

     تەقدىرنىڭ چاقچىقى تۈگۈمەس ئەسلا،

    مەنمۇ ھەم تىز پۈكتۈم ئۇنىڭغا بۈگۈن.

     

     بىلمەيمەن سەن بىلەن بىر بولالماسمەن،

     ۋە لىكىن بۇ كۆڭۈل بويسۇنماس ئاڭا،

    نىچۈنكىم ئازابىم تۈگۈمەس شۈنچە،

    سۆيگۈنۈم گۇناھمۇ ئىتقىنا ماڭا.

     

     ئۇچرىسام ئەگەردە يوللاردا ساڭا،

     كۆزلىرىڭ قىيامۇ باقماس ماڭا ھەم.

    مەن قىلچە ئەرزىمەس ئادەممۇ ساڭا،

     بىلىندى شۇنچە تار ماڭا بۇ ئالەم.

     

    كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار بولدىغۇ،!

     مىسكىن بۇ يۈرەككە ئازاب تولدىغۇ؟!

     سەن بەلكىم يۈرگەنسەن كۆڭلۈڭنى خوش قىلىپ ،

     جەننەتتەك ئالەم ماڭا دوزاق بولدىغۇ؟!

     

     ھەيرانمەن تەقدىرنىڭ كارامىتىگە،

    دوستلىرىم ھەم ماڭا باقماس بولدىغۇ ؟

     ۋە لىكىن ئەسلەپمۇ قويمايسەن مىنى ،

     ئاشىقلىق بىشىمغا بالا بولدىغۇ .

     

    سەۋىر -تاقەت بىلەن كۈتتۈم شۇنچىلىك ئۇزاق ،

     ۋە لىكىن ئېرىمەس بۇ مۇز كەبى كۆڭلۈڭ .

    بارلىقىمنى ئاتىغانمەن،بىلەمسەن شۇنى،

     سەن ۋاپاسىز بۇسۆيگۈمنى ئويۇنچۇق كۆردۈڭ .

     

     ئاپتورى:"تەنھا گۈل"

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق