غەنىزات ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : ghenizat يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-10 01:58:00

غەنىزات ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن ئوت ئارىلى (غەزەللەر ) يېشىللىق دولقۇنى سۆيگەن ۋۇجۇدتىن بىخ سۈرەر ئارمان ، ۋىسالنىڭ پەيتى بۇ بىلسەڭ قەدەملەر ئۆركىشى چەندان . ھايات بەرقىدە پارلايدۇ ئەتىرگۈل غۇنچى...

    غەنىزات ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن

        ئوت ئارىلى (غەزەللەر )

    يېشىللىق دولقۇنى سۆيگەن ۋۇجۇدتىن بىخ سۈرەر ئارمان ،
    ۋىسالنىڭ پەيتى بۇ بىلسەڭ قەدەملەر ئۆركىشى چەندان .

     ھايات بەرقىدە پارلايدۇ ئەتىرگۈل غۇنچىسى قات - قات ،
    كۆيەر دەردۇ - پىراق شەكسىز يېشىل ئوتتا قىلىپ غەليان .

     سېغىنغان دەملىرىم ئەۋجى ئارا خەندان ئۇرار بۇلبۇل ،
    ۋىسال ئىمكانىدا گۈلگۈن مۇقاملار قىلغۇسى جەۋلان .

     ئارامىم پەسلىدە نازلىق شەپەق پارلايدۇ ھەر تاڭدا ،
    ئۆلۈملەر تىلسىمىن يارغاي قېنىمدا ھۇۋلىغان ئىمكان .

     تىرەن قىرغاق ئارا چۈمپەردىسىن قايرىيدۇ مامكاپلار ،
    نازاكەت تاشلىرى ساھىل پىراقىدا بولار سەرسان .

     چىكىلگەن جىلۋىلەر رەڭداش چېچەكلەر چېھرىدە شەبنەم ،
    داۋالغۇيدۇ يېشىل يايلاق قاراسلاپ سۇنسا گەر ئاسمان .

    خىياللار دەھشىتى لەگلەك بىلەن ئەگىزگە تامچىيدۇ ،
    سۈرەر بىخ ئەسلىمەم باغى ئارا دولقۇنلىغان گۈلخان .


        بۇزار چۈشلەرنى بارماقلار قېزىپ جەزىرىدىن ناخشا ،
    ۋۇجۇدلار يالقۇنى ئۇچقۇن تاراتقان باغ بولار بوستان .

    يارار تۈن باغرىنى ئاددىي قەلەمدىن كۆز ئېچىپ كۈيلەر ،
    بولار مەشئەل بوغۇنلارغا ئىزىمدىن چاقنىغان چولپان !...

                               2           

    ئەي ، نىگار كۆك پەرىسى ئەيلەپ ناۋا كەلگىن بۇيان ،
    جەۋھەرى گۈل بەرگىدە خۇشبۇي ھاۋا ، كەلگىن بۇيان .

    ئەيلىتەر ۋەسلىمنى سەرسان يامرىبان سەلكىن شامال ،
    خاكى زەر چۆللەر ئارا كەۋسەر داۋا ، كەلگىن بۇيان .

     ئاينىغان كەچمىش گۈلىدىن پارلىغاي پۈتمەس سادا ،
    كىشنىگەن بويتاقلىقم جۈپتى راۋا كەلگىن بۇيان .

     كۈي تاشار لەۋ جامىدىن گەر تولدۇرۇپ قۇيساڭ ۋىسال ،
    چىرمىشىپ ماھىتابان مىھرى - ۋاپا كەلگىن بۇيان .

    بىغۇبار ئاتەش تىنىقتىن چاقنىتىپ ئىشقىڭدا نۇر ،
    ۋەسلى كۈي ، ناخشا - ئۇسسۇل ، مەشرەپ-ساما كەلگىن بۇيان .

    بىپايان ھالرەڭ ئۇپۇقتىن ئۆرلىسە تاش يالقۇنى ،
    چايقىلىپ ئاققان چىمەنزار - تۇتىيا كەلگىن بۇيان .

     تارىغا ئۈنگەن خۇمارىم سىلكىنىپ بەرسە سادا ،
    نازغىغان باغلار ئارا سەرۋى زىبا كەلگىن بۇيان .

     كۈي سىڭەر تۈنلەرگە تىمتاس دەۋرىگەي ئىشقى پەسىل ،
    سەترىلەر جەۋلانىغا بوپ مەھلىيا كەلگىن بۇيان .

     نۇرلىنىپ ئاققان ساداقەت شولىسىدا چاچ تاراپ ،
    غەنىزات ئۇيغۇرغا ئاشىق دىلرەبا كەلگىن بۇيان .

                      3

    سۆيگۈسى ئالەمچە لەززەت ، زۇلفى ھىد ئەنبەرسىمان ،
    مىھرى سەر چەشمەسىدىن چاقنار ۋۇجۇد ئەختەرسىمان .

    سىۋىنچى دىلبەر مۇغەننى سالدى ئوت - ئاتەش ، پىراق ،
    جىلۋىلەندى دەمبەدەم دىل باغى گۈل پەيكەرسىمان .

     چىن ساداقەت قەھرىدە كىشنەر ۋۇجۇد تۇلپار مىسال ،
    سۆيۈلەر ئەركىم تالاي رەت نۇرلىنىپ گەۋھەرسىمان .

    قانلىرىمنىڭ ئۆركىشىدە كۆيىدۇ ھەم مۇزتەرىب ،
    يالتىرار كۈيلەر مۇقەددەس قاشتېشى - مەرمەرسىمان .

    چايقىلار باغرىمدا گۈلزار ، يوق مۇشەۋۋەش زەررىچە ،
    تاكى دىلبەر پەيكانى ئاتقاي ساداق مەھشەرسىمان .

     كى قۇياش - ئايدۇر مىسالى نازلىنىپ تۇرغان ۋىسال ،
    ئۇ قۇچاق ئاچقاي ساداقەت ئەھلىگە قەشقەر سىمان .

     كۆز ئېچىپ كۈلگەن زىمىنغا مىڭ ئەسىر تالىق باھار ،
    قوغدىغاي ئەلنى غەنىزات تا ئەبەت شەمشەرسىمان !!! ....

     1996-يىلى ،18-ماي ، قەشقەر

     

    قىز شەھىرى

                    1

    يۈرىمەن قىز شەھرىدىن قىز ئىزدەپ ،
    سەپسالىمەن ئۆچكەن يۇلتۇزغا ،
    سوغۇق تەرلەپ ۋۇجۇدۇم تىترەپ ،
    خۇرسىنىشلار قەلبىمدە كۆكلەپ ...

     يۈرىمەن قىز شەھرىدىن قىز ئىزدەپ ،
    سەپسالغاندا ئۆتكەن قىزلارغا
    گاھى - گاھى قالىمەن مەڭدەپ ،
    << مەن ئىزدەۋاتقان قىز ئاشۇمىدۇ ؟!...>> دەپ .

     بىراق كوچىلارنىڭ كۆزى ياشلانغان ،
    دەريالارنىڭ باغرى داغلانغان ؛
    جىنسىيەت ئەركىنلىكى قۇترىغان ،
    ئىپپەت - نۇمۇس كوچىلارغا باغلانغان !!!...

     -ھەي ، قىزلار !!! ...
     قىز شەھرىدىن چاقىردىم
    قىزلارنى بار ئاۋازىم بىلەن ،
    بارچە ئاۋاز قالدى جاۋاپسىز .
    تۇمان بىلەن ئورالدى دۇنيا
    سوقتى ئۇزاق يۈرىكىم ئەنسىز ...
    ئېغىر تىندى تەڭرىتاغ ، تارىم
    كۆز ياشلىرى تاراملاپ .
    خۇرسىندى دەريا ، ئاچچىق تولغۇنۇپ !...

    - ھەي ، ئاياللار ...
    چاقىردىم قىز شەھرىدىن ئاياللارنى بوش شىۋىرلاپ ،
    شۇ قەدەر روھسىز .
    - مانا بىز !!! ...
    گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ،
    ئاۋاز كەلدى ئۆي ، رەستىلەردىن ،
    بولدى تەييار سان - ساناقسىز قىز .

     ئارقامغا بۇرۇلدۇم ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ،
    ئارقىسىغا ئۆرۈلدى دۇنيا ! ! ...
    ئۇندا ئىپارخان قىزلىق تەختىدە
    پاك ئىپپەتتىن كىيىپ زەر لىباس ،
    ئولتۇراتتى قۇياشتەك چاقناپ .

    نوزۇگۇم ھەم سەپنىڭ ئالدىدا ،
    ( قوغداش ئۈچۈن قىزلىق ئىپپەتنى )
    پىسەنتىگە ئالماي ئۆلۈمنى ،
    دار ئالدىدا تۇرۇپ مەردانە
    ئەلگە ياڭراق قىلاتتى خىتاب ! ...

                     2
    يۈرىمەن قىز شەھرىدىن قىز ئىزدەپ ،
    تۇرمۇشۇمدىن ئۆزۈمدىن غەم يەپ ،
    بىراق نارەسىدە قىزلار كوچىدا ،
    كاسىسىنى تولغاپ ، چاچ تاراپ ؛
    دادىسىدەك ... ھەي ، بوۋىسىدەك ،
    ئەركەكلەرگە يۈرەر ئەركىلەپ .

    قىز شەھرىدە لاۋۇلدىغان ئوت
    كاۋاپداندا ئاقار شىرىلداپ ،
    ( كاۋاپدانغا ئوخشار كوچىلار )
    كاۋاپدانغا رەتلىك تىزىلغان
    مىلىيۇن يۈرەك كۆيەر پىژىلداپ ! ...

     ساھىبجامال ئاياللار
    قىز شەھرىنىڭ كوچا چىرىغى ،
    يۈرەكلەرنىڭ يوققۇ يىرىقى ؟!...
    يۈرىمەن قىز شەھرىدىن قىز ئىزدەپ ،
    نېرۋام قېنىم ئۇيقۇم ھەم تېنىم ،
    قىزلار بىلەن بويالغان قىزىل ؛
    ( قىزىل ئەمەس بىراق قىزىل رەڭ )
    قىز ئەمەسقۇ كۆرۈنگەن سەتەڭ ؟! ...

    . يۈرىمەن قىز شەھرىدىن قىز ئىزدەپ ،
    سىقىلىشلار قەلبىمنى ئۆرتەپ .
    قاچار ئۇيقۇ تۇيغۇ ھەم ،
    بوغۇزۇمدا ئاچچىق ، شورلۇق تەم ،
    قىز شەھرىدە يۈرەر لەپىلدەپ ....
    يۈرىمەن قىز شەھدىن قىز ئىزدەپ ،
    ئەقىدەمدىن ياندۇرۇپ مەشئەل ،
    ساداقەتكە سۆيگۈمنى بىلەپ .
    بىلمەيمەن ، بىراق چىقالايدۇ كىم ،
    پايانىمدا گۈلدەك ئېچىلىپ ،
    مەشئەل نۇرلىرىنى سۆيۈپ - ئەزىزلەپ ؟! ...

     يۈرىمەن قىز شەھرىدىن قىز ئىزدەپ ،
    بويتاقلىقنى ئازدۇرۇپ ، يەكلەپ .
    نارەسىدە قىزلار كۆزىدە ،
    ئەلمىساقتىن قىيامەتكىچە ،
    مەغرۇر ئەركەكلىكىم تۇرىدۇ كۆكلەپ !!! ..

    . 1995 -يىل ، قەشقەر

     --------------------

     تۈگمەن
        1
    ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺰ -ﭘﻪﺱ ﺩﺍﯞﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
    ئەﺟﺪﺍﺩﺗﯩﻦ - ئەﯞﻻﺗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺍﺗﺘﯩﯔ ﻣﯧﻬﯩﺮ .
    ئەﺯﮔﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻥ ئەﻣﻪﺱ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺗﯧﻐﻰ
    ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﻛﯜﺭﻣﯩﯔ ﺳﯩﺮ - ﺳﯧﻬﯩﺮ ....

     ﻧﻪﻛﻰ ﺗﺎﻍ ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﯩﯔ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ
    (ئاﻫ !.... ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻱ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﯜﺭﻩﻙ!...)
    ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﯔ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ
    ئۈﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺴﺎﯓ ﺧﻮﺷﻤﯘ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ،
    ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎ ﻫﯧﭻ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ
    ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪ - ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ؟!!!....

              2     
    ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻛﯚﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻪﺳﺘﯩﻢ ،
    ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻫﻪﻳﯟﻩﻣﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺮﯨﮕﻪﻥ ئاﺳﻤﺎﻥ !...
    ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ئاﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ،
    ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻥ !!!....
    ﺋﯧﻬ ......... ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئۇﻧﺘﯘﻳﻤﻪﻥ ئەﺟﺮﯨﯖﻨﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ
    ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻨﯩﯔ ،
    ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﺭﺍﺭﻩﺕ ﺗﻪﭘﺘﯩﺪﻩ
    ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻍ - ﺩﺍﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ؟!...
    ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎ ﻫﯧﭻ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ
    ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪ ۋە ياكى داستان ؟!!!...

         3
    ئاﻫ !.... ﻗﻪﺩﺭﯨﯔ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ (ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ئۇﻧﻰ )
    ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ئۇﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻨﻰ .
    ﻳﺎﺩﻻﻳﺪﯗ ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﯖﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ،
    ﺩﯨﻠﻼﺭﺩﺍ ئاﻗﯩﺪﯗ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻧﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ
    كويلاڭدا ﻫﺎﻻﻟﻠﯩﻖ - ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ !!!...

    . سەن تۇغقان ھەر سەھەر شۇقەدەر تاتلىق ،
    ﺳﻪﻥ ئاﭼﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻳﻬﺎﺕ !........
    ئەﺟﺪﺍﺩﯨﻢ ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻛﯜﭺ -ئەﻗﯩﻞ
    ﺑﻪﺭﻗﯩﯖﺪﻩ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﭖ ﺳﯘﻟﻤﺎﺱ ﮔﺎﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ !!...

    . ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ئاﻳﻼﻧﺪﻯ ﺳﯧﻨﻰ ﺗﻪﻗﻘﺎﺳﻼﭖ ،
    ئۆﮔﻪﺗﺘﯩﯔ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ !...
    ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺵ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ،
    ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﻳﯜﺯ ئاﭼﺘﻰ ئاﺩﻩﻡ !!...

     ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ بولدى ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ
    سەن بەرگەن ئەقىلدىن نۇرلاندى ئىلىم .
    ئۇن زاۋۇتى ئاتالدى پەرزەندىڭ ئەمما ،
    كەتكەچ سەن بىمەھەل - شۇنداق تۇيۇقسىز
    سەن ئۈچۈن مۇڭلىنىپ يىغلايدۇ دىلىم !...

    .............................................................
    ئەﺯﮔﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻥ ئەﻣﻪﺱﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺗﯧﻐﻰ
    ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﻛﯜﺭﻣﯩﯔ ﺳﯩﺮ - ﺳﯧﻬﯩﺮ ....
    ﻧﻪﻛﻰ ﺗﺎﻍ ، ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﯩﯔ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ
    (ئاﻫ !.... ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻱ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﯜﺭﻩﻙ!...)
    ئۈﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺴﺎﯓ ﺧﻮﺷﻤﯘ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ
    (ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﯔ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ )
    ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎ ﻫﯧﭻ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ
    ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪ - ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ؟!!!....

     2007 -يىل ، 8 - نويابىر ، قەشقەر

     -------------------------------

    چىن تۆمۈر باتۇر

    ﭼﺎﻗﻨﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻍ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ !...
     ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﻪﻧﻬﺎ
    ئوﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ
    ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻘﯩﻨﺎ ئوﺭﻣﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ .
    ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ-
    (ئاﻟﻤﺎ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﻛﻪﭘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ئاﻛﯩﺴﯩﻨﻰ سېغىنغان ﮔﯚﺩﻩﻙ)
    ﻣﻪﺧﺘﯘﻣﺴﯘﻻ ئوﻟﺘﯘﺭﺍﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ئوﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﻗﺎﺳﻨﻰ ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ،
    ﺳﯧﺴﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﺗﯧﺰﻩﻙ .
    ئۇ ئاﺳﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻣﺎﺭﺟﺎﻥ ،
    ﺳﺎﻫﯧﺒﺠﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻙ .
    ﭼﺎﭺ ﺗﺎﺭﺍﻳﺘﻰ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ،
    ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﭖ ئەﻛﺴﯩﻨﻰ ،
    (ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ئۇ ﭼﺎﻏﺪﺍ ئەﻳﻨﻪﻙ ؟!)
    ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭺ
    ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ
    ﺳﯘ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ئاﻗﺎﺭ ﻳﯩﻼﻧﺪﻩﻙ ....

     ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻡ -
    ﻣوڭغۇل ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﺎﻳﭙﯩﺘﻪﻙ
    ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺟﺎﻧﻨﻰ
    ئەﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯗ ﺗﯩﺰﺭﻩﻙ .

     ﺷﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ
    ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ئۆﻳﺪﯨﻦ
    ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﺴﯩﺪﺍ .

    ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ
    ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻣﺎﻗﻨﻰ ئوﻳﻼﭖ ﻛﯜﻧﯘ -ﺗﯜﻥ ،
    ئوﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ئوﭼﺎﻕ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ .

     ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ئوﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ئاﻟﻪﻡ ،
    ﻳﺎﯞ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ﻣﯩﺨﺘﻪﻙ .
    ﻛﯚﺯﻧﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ ﺋﯧﻘﯩﭗ
    (ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ئوﺗﻰ - ﭘﯩﺮﺍﻗﻰ ﻳﺎﺵ ئاﻗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ).

    ﭼﺎﻗﻨﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻍ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ !...

    ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﻪﻧﻬﺎ
    ئوﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ
    ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻘﯩﻨﺎ ئوﺭﻣﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ......

     1994 -ﻳﯩﻞ ، ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ

     -------------------------------------

     ئەﻳﺴﺎ ﯞە ئۇﻳﻐﯘﺭ

     ئاﻳﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ:
    ﻣﯩﺨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺮﺳﯩﺖ ئۈﺳﺘﯩﮕﻪ ئەﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﻰ ...
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ئۆﻟﯜﻙ ﺗﻪﻥ ئۆﮔﯩﺘﯩﺪﯗ ئەﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ :
    ئەﺑﻪﺩﯨﻲ - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﻖ ئاﺩەﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ .

     ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺩﯦﮕﻪﻥ ؟!!...
    ﻛﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺑﯩﺮ ؟!!...
    ئۇ - ﺟﺎﻳﻨﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ئوﻗﯘﺷﻤﯘ
    ﭘﯘﻝ ، ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ؟!!!.
    . ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﺭە ئوﻗﯘﭖ ﺩﯗئا ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ
    ئۆﺯ ﺑﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺩﯗئاﺩﯨﻦ ؟!!....

     ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺩﯦﮕﻪﻥ ؟!!..
     ﻛﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺑﯩﺮ ؟!!!...
    ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ : ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ -
    ﺭﻭﻫﻘﺎ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﻳﻐۇﺩﯗﺭ ،
    ﻏﯘﺭﯗﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ .
    ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ -
    ﺳﺎﭖ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ئەﻗﯩﺪﻩ ،
    ﻫﻪﻡ ئاﺷﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ئوﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ !!!....

     ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ،
    ئەﻳﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ئۇﻳﻐﯘﺭ ؟!!!..
    . ئەﻳﺴﺎ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ئۈﭼﯜﻥ
    ﺋﯩﺮﯗﺳﺎﻟﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ
    ﻛﯩﺮﺳﯩﺘﻘﺎ ﻣﯩﺨﻼﻧﺴﺎ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ؟!!...
    ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﭼﯜﺷﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ئۇﻧﻰ ؟!!...
    ئۇ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ئۇﻳﻐﯘﺭ ؟؟؟؟!....

     2
    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﯘئاﻝ : ﺩﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ؟!...
    << ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ،
    ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﺳﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ...
    ﺟﯩﻦ ئاﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ !!... >>
     ﺩەﺭﺱ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺷﯘﺗﺎﭖ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ .

    ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،
    ﻗﯩﺰﻗﺴﯩﻨﯩﭗ ﯞەﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ،
    ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ئاﯕﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺟﯩﻢ .
    ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﻳﺪﯗ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ :
    ﺗﻮﻏﺮﺍ !!.... ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺩﯦﮕﻪﻥ!...

     ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ :
    ئاﻣﺮﯦﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ئاﻳﺎﻝ ،
    ﻟﻪﯞ ﻳﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺯﯦﺮﯨﻜﻤﻪﻳﺪﯗ ﻫﯧﭻ ،
    ﭼﯩﯔ ﭼﺎﭘﻠﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﮕﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ....
    ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﮔﻪﭖ :
    << ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯩزﺩە ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ئاﺟﯩﺰﻟﯩﻖ
    ﺑﯘ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻳﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ......
    ئەﻣﺪﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ئۆﻳﺪﯨﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ
    ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎس ئۆز ئاﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ !... >>

    ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ،
    ئوﻥ ﺳﺎﻧﺘﯩﻠﯩﻖ ئۇﺯﯗﻥ ﻳﻮﭘﻜﯩﻼﺭ ....
    ﺑﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭽﻠﯩﻖ ئۇﺯﯗﻥ ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻼﺭ...
    . ئۈﺯەﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﺪﯨﻦ ،
    ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻮﺩﺍ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻼﺭ !.....

     ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﻪﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭ ئۆﺯﯨﭽﻪ
    ﻛﺎﻟﺘﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ، ﺳﺎﻧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﭘﻜﺎ
    ﻛﯚﻛﺴﻰ ئوﭼﯘﻕ ، ﻛﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ئوﭼﯘﻕ
    ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﻴﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ...

    ﻣﺎﻧﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﻟﺘﻪ ،
    ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ .
    ئوﻏﯘللارﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﺯەﻧﺠﯩﺮ
    ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ئۈﺯﯛﻙ ، ئۇﺯﯗﻥ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ
    ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ .

    ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯩﻜﯩﻦ ئەﻣﺪﻯ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ :
    << ﺑﺎﻻﻡ ﻫﺎﺭﻣﺎﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﯩﺮﯨﺶ ،
    ئۆﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰ - ئاﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ !!...>>

     ﺭﻭﻫﯩﻤﺪﺍ ئەﻳﺴﺎ ﻣﯩﺨﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﻛﯩﺮﺳﯩﺘﻘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ،
    ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻛﯚﻛﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ئاﻗﻘﺎﻥ ﻗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ !!!

     1994 - ﻳﯩﻞ ، 4 - ﻣﺎﻱ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ

    غەنىزاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

     [مۇقەددىمە]
    ئۈمىد غارلىرىدا غەمكىن سىيماسى ،
    كۆزلىرىدە ئازاب دولقۇنى .
    ئۇ قەي قىلار دۇنيانى رەت -رەت .
    (ئوڭ قولىدا بىر سىقىم توپا ، سول قولىدا بىر ئىۋرىق سۇ بار )
    ئولتۇرغۇزۇپ ئېشەك ھارۋىسىغا ،
    ياساپ چىقار لاي بىلەن ئادەم ئاتىنى
    كۆزلىرىگە سىزىپ ئۇيغۇرنى .

               1

    غەنىزاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،
    ئادەم ئاتا تۇردى ئورنىدىن
    كەچمىشىدىن ھېكايەت سۆزلەپ .
    كەلدى كۈرمىڭ كەپتەرلەر تىزدىن
    بىردىن زەيتۇن شېخىنى چىشلەپ .

                      2 

    مىس چۆگۈندە قاينار خۇشاللىق...
    ..... ئاپئاق چاچلىق مىھرىبان موما
    غەنىزاتقا بەرمەكتە سۆزلەپ
    ئوغۇزنامە رىۋايىتىنى .

     قوللىرىدا كىچىك رەگەتكە ،
    قۇشقاچ ئاتماق بولۇپ ئۆزىچە
    مېڭىپ يۈرەر غەنىزات تىم -تىم ،
    كۆزلىرىدە يۇيۇپ دۇنيانى ...

                   3

    يۈگەرمەكتە مەكتىۋىگە ئۇ ،
    جىلتىسىنى بوينىغا ئېسىپ .
    چاۋاك چېلىپ ئۇزىتار قوللار .
    قەدىمىگە بەرمەكتە قۇدرەت ،
    ئاڭا ئىللىق باھاردەك سىنىپ ،
    بىر - بىرىدىن چىرايلىق سانلار .
    بۇدرۇققىنە قوللىرىدا بور ،
    ئۇ يازماقتا دوسكىغا ھەرپ .
    (ئوڭلاپقىنا بورنى تۇتالماي
    ھەرىپلەرنى سىڭايان تارتىپ ) .

    ...........

    . يازماقتا ئۇ پەي قەلەم بىلەن
    ئون يېشىدا لوزۇنكىغا خەت .
    ئويغاتماقتا ئۇنى ئۇيقۇدىن
    سىزغان رەسىم ، ھۆسىنخەتلىرى ،
    شەھەرلەرنى قىلىپ زىيارەت .

                 4

    ئوينىغاندەك گۆدەك چاغلىرى
    بۈگۈن يەنە يۈرەر لاي ئويناپ ،
    ھەۋەس باغلاپ ھەيكەل ياساشقا .
    فارابىنىڭ ، ناۋائىيلارنىڭ ،
    ھەيكىلىنى تىكلەشنى ئويلاپ ،
    مەيلى بارماي قېنىپ ئۇخلاشقا .
    بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،
    تورت ئورنىغا لاي بار قولىدا .
    زىرىكىشلىك خورەك ئاۋازى
    يىلتىز تارتىپ كەتكەن يېنىدا .

                   5

    غەنىزاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،
    لايدىن پۈتكەن فارابى
    لۇتفى بىلەن نىزارىلار تۇرۇپ يانمۇ - يان ،
    كۆزلىرىدە ئوقۇيدۇ نەزمە....
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    ئاپتۇر ---غەنىزات ئۇيغۇر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە
    ( پوچتا نومۇرى :844203) ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :13279821577 ، 13579078138

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 10:40:31]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر غەنىزات ئۇيغۇر