مۇھاببەت؟

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-07 10:03:00

مۇھاببەت؟ مۇھەببەت تۇغۇلدۇڭ قاچانلاردا سەن؟ئاتاڭ كىم ئاناڭ كىم فامىلەڭ نىمە؟بارمۇ يوق سېنىڭكى ئۇرۇق تۇققىنىڭ؟خوش بولاي«جاۋابىم يوق مىنىڭ» دىمە. بىخ سۇرۇپ چوڭ بولدۇڭ قايسى ئېتىزدا؟قاچانلار ئىن...

    مۇھاببەت؟

     

     

     مۇھەببەت تۇغۇلدۇڭ قاچانلاردا سەن؟
     ئاتاڭ كىم ئاناڭ كىم فامىلەڭ نىمە؟
     بارمۇ يوق سېنىڭكى ئۇرۇق تۇققىنىڭ؟
     خوش بولاي«جاۋابىم يوق مىنىڭ» دىمە.

     بىخ سۇرۇپ چوڭ بولدۇڭ قايسى ئېتىزدا؟
     قاچانلار ئىنساننى قىلىۋالدىڭ رام؟
     بەزىدە خوش قىلىپ قاھ- قاھ كۈلدۈردۇڭ
    ، ۋە بەزى قىينىدىڭ بەرمەستىن ئارام.

    بەزىلەر سەسكىنىپ دەيدىكەن «زەھەر»،
     ھىجرانىڭ ئۇلارنى قىينىغان چېغى.
     ۋە يەنە بەزىلەر دەيدىكەن «ھەسەل»،
     كەڭ قۇچاق ئاچقاچقا ۋىسالىڭ بېغى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق