دەرىزە ئالدىدا(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:50:56

دەرىزە ئالدىدائادىل تۇنىيازئۆلۈك بۇۋاقلارنى كۆمۈپ قويدۇقدەرەخكاۋىغا،سۇغا،ھاۋاغا.يۈتكەن شەھەرنىڭ ئادەملىرى قۇمقۇملۇق تولغان نەغمە-ناۋاغا.دەرىزىلەر تاشقا ئېچىلغان،ئىشىكلەردە ئالتۇن قۇلۇپ يوق.چ...

    دەرىزە ئالدىدا
    ئادىل تۇنىياز



    ئۆلۈك بۇۋاقلارنى كۆمۈپ قويدۇق
    دەرەخكاۋىغا،سۇغا،ھاۋاغا.
    يۈتكەن شەھەرنىڭ ئادەملىرى قۇم
    قۇملۇق تولغان نەغمە-ناۋاغا.
    دەرىزىلەر تاشقا ئېچىلغان،
    ئىشىكلەردە ئالتۇن قۇلۇپ يوق.
    چەكسىز ئەلدە يوقتەك بىر كىشى
    دانىشمەن يالغۇز يەيدۇ ئۆزى پوق.
    كېزەر ھاۋادا ئادەمسىز شامال،
    ئېزەر كوچىدا ئادەمنى يىللار.
    يۇمشاق يەرلەر سۈيى بار ئايال
    قاتتىق ئەرلەر ئايلانغان تاشقا.
    ئولتۇرۇپ جىم باقساڭ ئەگردە
    دەل-دەرەخ،چىم يېشىل سەپەردە
    ماي يولاردا كۆرۈنمەيدۇ قان.
    ئادەم ئادەمنى دەسسەپ سالغان،
    بىنالار بىنالاردىن پەستە قالغان،
    ۋاقىت ھەر تەرەپكە قېچىۋاتقان.
    ماشىنىلار چاقلىق جىنازا
    ئۆلۈكلەر چايقىلىپ كېتىۋاتقان.
    بەزى بوۋاقلار دېرىزىدە
    قېرىيدۇ،ھۆل بولىدۇ،داتلىشىدۇ،
    تەلمۈرۈپ قاراۋېرىپ يولىمىزغا.
    بەزى بوۋاقلار چاپلىشىدۇ
    دوختۇرنىڭ قولىغا قولىمىزغا.
    بىر ساراڭ ھىجايدى ئاپتوبۇستىن
    بەلكىم بەش يىلدىن كېيىنكى مەن.
    بىر گۈل ئېچىلدى كارۋىتىمدا
    يامغۇردىن كېيىنكى ئاخىرلاشقان تەن.


    بىلگە خاقان ئاق ئېتى بىلەن
    قۇيۇندەك چاپقان چۈش پەيتىدە،
    خىيال سۈرۈپ،نەزەر سېلىپ
    دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرىمەن.

    2004-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.