پارۋاسىز تۇرىسەن يولنىڭ چىتىدە

يوللىغۇچى : A.abdurehimaji يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-09 02:02:00

پارۋاسىز تۇرىسەن يولنىڭ چىتىدە پەرۋاسىز تۇرىسەن يولنىڭ چىتىدە، دۇنيانى ئۆزگىچە كۈزەتمەك بولۇپ.يېڭىلىق ئەمەستۇر ھىس قىلغانلىرىڭ، سەن چوقۇم قايتىسەن ئەلەملەر يۈتۇپ. ھىچنىمە ئەمەستۇر «ھىكمەت» د...

    پارۋاسىز تۇرىسەن يولنىڭ چىتىدە

    پەرۋاسىز تۇرىسەن يولنىڭ چىتىدە،
    دۇنيانى ئۆزگىچە كۈزەتمەك بولۇپ.
     يېڭىلىق ئەمەستۇر ھىس قىلغانلىرىڭ،
     سەن چوقۇم قايتىسەن ئەلەملەر يۈتۇپ. 

     ھىچنىمە ئەمەستۇر «ھىكمەت» دەۋالدىڭ،
      خالىغان نەرسىەڭگە تىگىشتىڭ چۇنكى .
     قولىدىن ئىش كەلمەس توخۇ يۇرەكنىڭ،
     بىر تاغار سەپسەتە ئويلاپ تاپقىنى.

    ئاجايىپ پۇرسەتتۇر سىم-سىم يامغۇردا،
      ناتونۇش گۈزەلگە ئەگىشىپ مېڭىش.
     بىر قىيا باققىنى راسىتتۇر ساڭا،
     بەرىبىر قالسىمۇ ئۇندىن ئۆكۈنۇش.

     دۇنيانىڭ چىتىگە ھەيدەلگەن سۈرگۈن،
    سەن ھامان غەرىقسەن خىيال ئىچىگە.
     ئالدىراش ئادەملەر كىتىۋىرىدۇ،
    ھەر بىرى تېپىشماق سەن ھاماقەتكە.

     ھېچنىمە ئەمەستۇر ھېس قىلغانلىرىڭ،
     ياماقمۇ بولمايدۇ نادانلىقىڭغا.
    چۆرىۋەت بۇ سۇنئى سالاپىتىڭنى،
     تىز بارغىن ئۇ گۈزەل باققانتى قىيا...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 17:49:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.