مەسەللەر ۋە ساتىرالار(ئابلىز ھېزىموپ )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-27 00:49:00

مەسەللەر ۋە ساتىرالار ئابلىز ھېزىموپ (قازاقىستان) خىش بىلەن كېسەك يامغۇر ـ سۇدىن كەتمەي ئېزىلىپ، شۇنچە رەتلىك تۇرغان تىزىلىپ، خىشقا دەپتۇ كېسەك بىر كۈنى:«مەن ئويلايمەن شۇنى كۈن ـ تۈنى، نىمىش...

         مەسەللەر ۋە ساتىرالار

     ئابلىز ھېزىموپ (قازاقىستان)

    خىش بىلەن كېسەك

    يامغۇر ـ سۇدىن كەتمەي ئېزىلىپ،
    شۇنچە رەتلىك تۇرغان تىزىلىپ،
    خىشقا دەپتۇ كېسەك بىر كۈنى:
    «مەن ئويلايمەن شۇنى كۈن ـ تۈنى،
    نىمىشقا مەن چىداملىق ئەمەس،
    يامغۇر ـ يېشىن بولسا كۈنۈم تەس؟».
    خىش دەپتۇدەك جاۋاب سۆزىدە،
    يالغۇن چاقناپ ئىككى كۆزىدە:
    «چۈنكى لېيىڭ تىنىقمىغاندۇر،
    خۇمدان ـ ئوتتا چىنىقمىغاندۇر».
    ---------------------------------
    تاش بىلەن تامچا

    تاش تامچىغا پەرۋا قىلماپتۇ،
    ئۇنى زادى كۆزگە ئىلماپتۇ، لېكىن تامچا تاشقا تامچىلاپ،
    سەزدۈرمەستىن ئۇرۇپ ـ قامچىلاپ،
    قۇدرىتىنى قىلىپ جار ـ جاكا تاشنى ئېغىر ئەيلەپتۇ ناكا.
    -----------------------------------

     شەپەرەڭ بىلەن پەرۋانە

    دەپتۇ شەپەرەڭ پەرۋانىجانغا:
    «ئىچىم ئاغرىيدۇ سەندەك نادانغا،
    ئوتنى كۆردۈڭمۇ ئەقلىڭدىن ئېزىپ،
    شۇنچىلىك خۇشال ھاياتتىن بېزىپ،
    ئېتىپ ئۆزەڭنى ئۆلىسەن كۆيۈپ،
    ئۆتكەن ياخشىغۇ ھاياتنى سۆيۈپ...»،
    پەرۋانە دەپتۇ: «سۆزۈمنى ئاڭلا
    مەيلى رەنجىگىن، مەندىن يامانلا،
    سەن كەبى ئوتتىن ـ يورۇقتىن قېچىپ،
    كۈندۈزى ئۇخلاپ، تۈندە كۆز ئېچىپ
    ـ يۈرگىچە، كۈننىڭ ـ جامال ـ ھۆسىنىنى
    قۇچۇپ بەختنىڭ ـ ئوتنىڭ كۆكسىنى
    ئۆلۈش ئەزەلدىن تىلىگىم مېنىڭ،
    بولمىسا نىمە «كېرىگىم» مېنىڭ...»
    -----------------------------------
    يۈزنىڭ ئېغىزغا ئېيتقىنى

     چىن دىلىڭدىن مېنى ئايىساڭ ئەگەر،
    مەيلى كەچ بولسۇن، مەيلى تاڭ سەھەر،
    مەنمەنلىك قىلىپ، ھەرگىز ھۆكۈرمە:
    ئاسمان ـ پەلەككە قاراپ تۈكۈرمە.
    ------------------------------------
    ئات بىلەن قوزۇق توقۇلغاندا ئۈستىگە ئىگەر،
    ئات شاتلىنىپ، چاپچىپ ـ تېتىپ يەر،
    دەپتۇ «سېنى قايتىپ كۆرمەيمەن،
    ئالدىڭدا باش ئېگىپ يۈرمەيمەن».
    قوزۇق دەپتۇ ئاڭلاپ بۇ سۆزنى:
    «مۇنداق ئوڭاي ئۆرۈمە يۈزنى،
    ئامانچىلىق بولسىمۇ يەنە،
    قىلساڭمۇ سەن قانچە تەنتەنە،
    ئاخىر مېنى تاپىسەن ئىزلەپ».
    دەرۋەقە، راست: «ۋاي تېچمۇ سىز؟»،
    دەپ ئات ئاخىرى كەپتۇ قوزۇققا،
    ئېغىز تەگمەك بولۇپ ئوزۇققا.
    -------------------------
    ئالماس يورۇق كۈنى ئايلانغاندەك كېچىگە،
    ئالماس چۈشتى چىرىندىنىڭ ئىچىگە،
    بۇنى كۆرۈپ، چىرىندىلەر شاتلاندى،
    ھەممىسى بىر ئالماسقا كەپ تاشلاندى:
    «قالدۇرىمىز قىلار گېپى ـ سۆزىدىن» ـ دەپ
    «چىرىتىمىز ـ يوقىتىمىز كۆزدىن» ـ دەپ،
    يىللار ئۆتۈپ، چىرىندىنىڭ ئۆزلىرى،
    چىرىپ پۈتتى، ئاڭلانمىدى سۆزلىرى .
    ئالماس بولسا قالدى پېتى بۇزۇلماي،
    ئىسىل نەرسە مەڭگۈ ياشار كۆمۈلمەي!
    -------------------------------------
    ئۆشكە ۋە بۆرە

    قىيا تاش ئۈستىدە تۇرغان ئۆشكە،
    تولۇپ تاشقاندەك كۈچكە، بۆرىگە:
    «سېنىڭ بىلەن ئېلىشىمەن، چېلىشىمەن، بېرىكە،
    مۇددىئايىڭ بولسا چىق يەكمۇ ـ يەككە!».
    دەپ ۋاقىراپ، جاقىراپ، تاغنى كىيگەن ئىكەن بېشىغا،
    بۆرە كېلىپ قىيا تاش قېشىغا، دەپتۇدەك:
    «ھەددىڭدىن ئاشما، بەك.
    سېنى بۇنچىلىك ۋاقىراتقان، جاقىراتقان، قىيا تاش.
    ئامان بولسا باش، 
    بۇ ئورنىڭدىنمۇ چۈشۈرسەن،
    شۇ چاغ كارامىتىمنى كۆرۈرسەن».
    ------------------------------------
    پولات بىلەن ئاليۇمىن

     ئوڭغا دىسە ـ ئوڭغا ئېگىلىپ،
    سولغا دېسە ـ سولغا ئېگىلىپ،
    يۈرگەن بولساڭ ياشايتتىڭ بىر خىل،
    ھىچنەرسىدىن بولماستىن خىجىل.
    قۇلاق سالماي زادىلا ماڭا
    سۇنۇپ كەتتىڭ...ئاخىرى مانا،

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.