ئۆزشەھىردىكى ئۇيغۇر(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 06:03:39

ئۆزشەھىردىكى ئۇيغۇرئادىل تۇنىيازبارغانسىرى كۆپىيىپ كەتكەن...كۆنۈكمەن،يامغۇر مەنزىرسى، غېرىپىلىقدائىم نەملەشكەن مەركىزى شەھەر.ئۇچۇرغانلىكى ناتۇنۇش ساڭا،ساقچى،قەلەندەر،يېڭى بىناقىستاڭچىلىق تۇز...

    ئۆزشەھىردىكى ئۇيغۇر
    ئادىل تۇنىياز



    بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتكەن...
    كۆنۈكمەن،
    يامغۇر مەنزىرسى، غېرىپىلىق
    دائىم نەملەشكەن مەركىزى شەھەر.

    ئۇچۇرغانلىكى ناتۇنۇش ساڭا،
    ساقچى،قەلەندەر،يېڭى بىنا
    قىستاڭچىلىق تۇزۋە باشقا نەرسلەر.

    بىردىنلام پەيدابولغان ئارتۇق ئادەمسەن
    كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلەپ
    جىمجىت كېسشكەندە
    ئەڭ ئېگىزراۋاقىنىڭ ئۇچى بىلەن.
    ياكى
    ئىسمىڭ سەۋەبدىنلام مەۋجۈتسەن...

    سقىلغان كېچە.
    ئاياللارنىڭ نۇرچەمبىرىكى
    توپلانماقتا ھاياجان.
    ئەر مىللەت
    ئەردۇر ھامان.
    غەم كېلىدۇ ئاققۇنىلاردەك
    غەم قاراھەم نامەلۇم رەڭدە...

    مىنى تىرلدۈردى بۇقىدە
    پاچاقلىرىڭ ئارىسدا
    ئېچىلىپ قالغان
    بىرتال چوڭقۇر گۈل...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.