ئۇيغۇر قىزىغا

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-12 21:24:24

ئۇيغۇر قىزىغاساداقەتجان ھاجىسەن ئۈچۈن چېچىلار قۇياشنىڭ نۇرى.سەن ئۈچۈن ئېچىلار باغدىكى گۈللەر.سەن دىگەن ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدان، غۇرۇرى.سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ ئەڭ ئېسىل كۈيلەر.قۇشلارمۇ سەن ئۈچۈن قىلىدۇ...



     

    ئۇيغۇر قىزىغا


    ساداقەتجان ھاجى


    سەن ئۈچۈن چېچىلار قۇياشنىڭ نۇرى.
    سەن ئۈچۈن ئېچىلار باغدىكى گۈللەر.
    سەن دىگەن ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدان، غۇرۇرى.
    سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ ئەڭ ئېسىل كۈيلەر.

    قۇشلارمۇ سەن ئۈچۈن قىلىدۇ پەرۋاز.
    سەن ئۈچۈن ئالەمنىڭ قوينىدۇر كەڭرى.
    ھۆرلەرمۇ ھۆسنۈڭدىن ئالغاندۇر ئەنداز.
    سەن ئۈچۈن دۇنيانى ياراتقان تەڭرى.

    نەۋائى سەن ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ.
    سەن ئۈچۈن دەريادا ئاقىدۇ تاھىر.
    پەرھاتمۇ سەن ئۈچۈن تاغنى قازىدۇ.
    سەن ئۈچۈن مەنمۇ جان بېرىمەن ئاخىر!

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    («ئشچىلار ۋاقت گېزىتى» 2000-يىل 29-نويابىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34600868.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.