ئاچىل (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-16 21:55:25

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،باشقا سانچىلاي دەيدۇ.يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،تەنگە يامىشاي دەيدۇ.

    (بۇ شېئىرىنى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھارپىسىدا  يازىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا بۇ شېئىر خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ ، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ)

    گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،
    باشقا سانچىلاي دەيدۇ.
    يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،
    تەنگە يامىشاي دەيدۇ.

    يارىم ماڭا ناز قىلۇر،
    كۈلۈپ مېنى ماز(مەست)قىلۇر.
    يار قەدرىنى بىلمەيسەن،
    زېمىستاننى ياز قىلۇر.

    يار دەردىدە خۇن بولدۇق،
    تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق.
    قورقۇنچىڭدىن قاتتىق تاش،
    بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.

    ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما،
    يار يولىدا پۇتلاشما.
    يارىم ئۈچۈن جان پىدا،
    قەدىمىڭگە مىڭ تىللا.

    غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل،
    ھىممەت گۈلۈم ئاچىلغىل.
    يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان،
    قاچان بولسا بىر ئۆلۈم.

    يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم، 
    يارىم ئاچىلغىن.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.