كۆك نۇردا يۇيۇندۇم ،مەلىكەم كۆك نۇر

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-25 18:58:24

كۆك نۇردا يۇيۇندۇم ،مەلىكەم كۆك نۇر1ئەي !!دەرەخ ئاڭلىدىم ،باھارنى كېچە ،كۆيلەرگە ئىيتمايمەن ئازاپلىرىڭنى .كۆك نۇرنى كورىمەن سەھەردە،- قۇملۇق،ئىتىمنىڭ قانىتى قۇملۇقتا ئىدى ."يىراق " ئەمەس قەلبى...



     

    كۆك نۇردا يۇيۇندۇم ،مەلىكەم كۆك نۇر

     

    1

    ئەي !!دەرەخ ئاڭلىدىم ،باھارنى كېچە  ،

    كۆيلەرگە ئىيتمايمەن ئازاپلىرىڭنى .

    كۆك نۇرنى كورىمەن سەھەردە،- قۇملۇق،

    ئىتىمنىڭ قانىتى قۇملۇقتا ئىدى .

    "يىراق " ئەمەس قەلبىمدە رەسىم ،

    ئايمۇ ئەمەس قەبرەمنىڭ ئىسمى .

    كۇنمۇ ئەمەس ئوغلۇمنىڭ ئىسمى .

    يۇلتۇز ئەمەس سۇنىڭ تاشلىرى .

    كۆك نۇردا يۇيۇندۇم ،

    تەڭرى كۇلۇمسىردى .

     

    2

    ئىچىلدى قەلبىمگە،تىنىقتا كۆك نۇر ،

    ئاشۇنداق بولسۇن –دىدى مەلىكە .

    يامغۇر ياغدى

    قىرىق كۇنلۇك دەرەخ كاۋىكى ...

    كۆك نۇردىكى سوراققا كەتتىم .

     

    3

    كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قەلبىمنى ئوۋلايمەن،

    يۇلغۇنغا باغلايمەن مەۋجۇتلىغىڭنى .

    قەلبىمگە قاراڭغۇ ئاق ئوينىڭ ئىسمى ،

    قىنىمغا باغلايمەن پاتمىغان چۆلنى  .

    سوراققا كەتتىم ،

    كۆك نۇر باغرىمغا ئاپتاپ بولۇپ چىق !

     

    4

    ئاپتاپ...

    تاپالمىدىڭ شۇڭقارنى كۆك نۇر ،

    كۆك مەلىكەم ئاڭلىمىدىڭمۇ؟!

    -بۇ كىچىدە يۇلتۇز چاقنىماس

    -ھارپا كۇنى گۇمانلانمىغىن

    بۇ چوللەرگە كەلمىدى قۇياش

    بۇ چوللەرگە كەلمىدى ئايمۇ

    بۇ چوللەرگە كەلمىدى يۇلتۇز

    سوراققا كەتتىم .

     

    5

    سوراققا كەتتىم ،

    غايىپ بولغان يوللاردا

    ئۇچۇرمىدى كۆك بورە

    كۆك مەلىكە

    كۆك نۇر

    .........

     

    2007-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۇنى (يەكەن )

      

     

     

    ئادەم ئولتۇرۇش جىنايىتى

     

     

    بۇ كىچىنى  تاشلاپ كىتەر باھارمۇ

    توشۇمايمەن نۇر ئىچىدىن،  شۇ پۇراقسىز چېچەكنى

    ئۆزۇمگە پىچىرلاپ ،ئاۋازىڭنى كۇتىمەن

    قىزىل چىراغ ...ۋادەرىخ....ئېزىڭ ،

    جېمجىت ئۆلۇمدە كۇتىدۇ سىنى .

     

    ئاۋازىم خەتەرلىك ،-ئېشىكسىز دۇنيا ،

    ئەي !!!تەنھا يولۇچى قەلبىمگە كىرگىن .

    مەن سىنى نىقاپسىز ئۆلتۇرشۇم كىرەك ،

    چۇنكى مەن سۇرگۇندە –ئولۇمگە كىرگىن .

     

    چۇنكى سەن قەلبىمدە قانلىق بىر ئاۋاز ،

    سەھەردە سەن گويا قىزىل بىر چىراغ .

    مەن ھەققىدە چوچەك يوق تىخى !

    سەن ھەققىدە ئەكىس سادا بار ،

    بۇ كىچىدە چىقىپ كىتەر باھارمۇ.

    سەنمۇ چىققىن قەلبىمدىن مەغرۇر ،

    ئۆلتۇرۋىتەي ،ئاھ!!سىنى .

     

    1997-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۇنى (ئۇرۇمچى )

     

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.