بالىلىققا تەلپۇنگەن يۈرەك (چوغلۇق)

يوللىغۇچى : koklam يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-23 18:59:00

بالىلىققا تەلپۇنگەن يۈرەك 1 بالىلىق چاغلىرىم زىمستاندىمۇ،ياسايتىم قار بوۋاي ھەۋىسىم بىلەن.ئۇچۇرۇپ كېتەتتى ئۆتكۈنچى شامال،قاقشايتىم، يىغلايتىم، ياسايتىم يەنە، قوللۇرۇم توڭغىچە قىلىپ بىر ئامال....

    بالىلىققا تەلپۇنگەن يۈرەك

     1

    بالىلىق چاغلىرىم زىمستاندىمۇ،
    ياسايتىم قار بوۋاي ھەۋىسىم بىلەن.
    ئۇچۇرۇپ كېتەتتى ئۆتكۈنچى شامال،
    قاقشايتىم، يىغلايتىم، ياسايتىم يەنە،
    قوللۇرۇم توڭغىچە قىلىپ بىر ئامال.....
     چېكىنىش ئۇ چاغلار مۇقەددەش ئازاپ،
    غەم-قايغۇ روھىمنى قىلالماس قامال.

    2

    چوڭ بولدۇم سۆيگۈنىڭ ھىدىنى سەزدىم،
    ياشلىقىم سىرىدىن ئېچىلىپ بىر بەت.
    تېگى يوق خىياللار رام قىلدى مېنى،
    گۈدەكلىك چاغلىرىم كېتىپتۇ ئەبەت.

     مۇھەببەت بېشىمدا كۆتۇردى غەلىيان،
    چۈشۈمگە قۇشۇلدى يېڭىچە چۈشلەر.
    خاتىرەم لىق تولدى ئوتلۇق مىسىراغا،
    كۆڭۈللۈك،مەنىلىك ئۆتتى ھەم كۈنلەر.

     ئالدىمغا تىلسىمدەك يوللارنى تاشلاپ،
    تەقدىرنىڭ ئەلچىسى سىناپتۇ ئۇزاق.
    پەرۋاسىز ياشىدىم،قىسمىتىم ئاخىر،
    توزۇتتى گۈلۈمنى، قالدۇرماي پۇراق.

    چېچىمدا تال-تال ئاق،يۇزۇمدە قۇرۇق،
    <ئاھ>دىدىم ھەسرەتتە ئەندىكىپ چۆچۇپ.
    تۇرىدۇ ئەينەكتە بىر چۈپ مىسكىن كۆز،
    پىلدىرلاپ بەك نۇرسىز قالغاندەك چۆچۇپ.

     شۇ دەقىقە، ئىشەنمەي ئۆزەمگە-ئۆزەم،
    ئىزتىراپ ئىچىدە قارىدىم ئۇزاق.
    ئىزدىدىم ئەينەكتىن بالىلىقىمنى،
    بولسىمۇ سايىسى مېنىڭدىن يىراق.........

     مەنىسىز ھاياتقا سىڭگەن پۇشايمان،
    قەلبىمگە زەررىچە بەرمىدى يورۇق.
    ئېچىندىم ئۆمۇرۇمنىڭ مەنزىلىرىگە،
    نام-ئاتاق دۇنيارىم قالغاندا قورۇق.

     قايتقۇم بار، قايتقۇم بار سەبىيلىكىمگە،
    قېنى سەن بالىلىق ئاچساڭچۇ قۇچاق.
    سىردىشىپ ياسىغان قار بوۋاي بىلەن،
    ئۆمۈرۇمگە چىن مەنا بېغىشلاي ھەرۋاق

    .......... مەنبە: چوغلۇق يازمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق