ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى

يوللىغۇچى : karkaplini يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-25 22:33:19

ئېگىز-ئېگىز رەت-رەت بىنالار،يىلاندەك ئەگرى ئاسما يوللار.كېزەر خىيالدا نى-نى ئارمانلار،بىلدىم،ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.يىگانە يالغۇزلۇق باستى قەلبىمنى،تارىدى قەلبىمگە ھەسرەت تۇمانى.ئويلاپ دائى...



    ئېگىز-ئېگىز رەت-رەت بىنالار،
    يىلاندەك ئەگرى ئاسما يوللار.
    كېزەر خىيالدا نى-نى ئارمانلار،
    بىلدىم،ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.

    يىگانە يالغۇزلۇق باستى قەلبىمنى،
    تارىدى قەلبىمگە ھەسرەت تۇمانى.
    ئويلاپ دائىم قەدىردان ئاتا-ئانامنى،
    سېغىندىم.ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.

    ئەسلىدىم يۇرتۇمنى قالغاندا يالغۇز،
     يۈرۈكۈم يىغلىدى كېچەيۇ-كۈندۈز.
    ئەي جانان نە ئامال قالدىم سەنسىز،
    غېرىپلىقتا،ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق _