بىر ئايال

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-29 18:06:23

بىر ئايالبىر ئايال ئىچىدە يۈرەر بىر ئايال،توختىماي توپا-چاڭ سورۇپ تۈنلەردىن.جىلۋىدار كۆزلەردە دەريا تاشقىنلاپ،مەنالار قاچماقتا غالجىر ئۈنلەردىن.بىر ئايال ئىچىدە يۇرەر بىر ئايال،يوقلۇقتىن ئاۋ...

    بىر ئايال

     


    بىر ئايال ئىچىدە يۈرەر بىر ئايال،
    توختىماي توپا-چاڭ سورۇپ تۈنلەردىن.
    جىلۋىدار كۆزلەردە دەريا تاشقىنلاپ،
    مەنالار قاچماقتا غالجىر ئۈنلەردىن.

    بىر ئايال ئىچىدە يۇرەر بىر ئايال،
    يوقلۇقتىن ئاۋازى توزغاقتەك تۇزۇپ.
    جىمقىت تىۋىشلاردىن باشلانغان سەۋدا،
    كۈلمەكتە كوچىدا چېچىنى چۇۋۇپ.

    بىر ئايال ئىچىدە يۈرەر بىر ئايال،
    ئوتى يوق ئوچاقتىن قاينىتىپ ئازاپ.
    ئىسىنى يىغالماي غۇر-غۇر شامالدىن،
    بىر ئەرنىڭ ئىشقىدا بولماقتا ماغزاپ.

    بىر ئايال ئىچىدە يۈرەر بىر ئايال،
    كىملىكسىز يوللاردىن يېلىنماي ئۆتۈپ.
    يەتتىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن،
    چاچقا ئاق چۈشكىچە بىرسىنى كۈتۈپ.

    بىر ئايال ئىچىدە يۈرەر بىر ئايال،
    ھاياتنى يىغلاڭغۇ بالا دەپ بىلىپ.
    تەقدىرگە بىر تەستەك ئۇرۇشنى ئۇقماي،
    پەدىسىز ئەبجەخ بىر دۇتارنى چېلىپ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.