دادامنىڭ يەتتىنجى ئوغلى(ئەكبەر ئىمام)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-06 06:49:59

دادامنىڭ يەتتىنجى ئوغلىئەكبەر ئىمامرېئاللىقنى تاشلاپ كېتىش ئالدىدا بۇ ئادەمرېئاللىق بۇ ئادەمنىڭ روھىدىكى ئىبادەتنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى ئىدى.ئالتا بالا ۋە بىر توپ چۈمۈلەبۇ ئادەمنىڭ يەر شارى...



    دادامنىڭ يەتتىنجى ئوغلى
    ئەكبەر ئىمام


     


    رېئاللىقنى تاشلاپ كېتىش ئالدىدا بۇ ئادەم
    رېئاللىق بۇ ئادەمنىڭ روھىدىكى ئىبادەتنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى ئىدى.
    ئالتا بالا ۋە بىر توپ چۈمۈلە
    بۇ ئادەمنىڭ يەر شارىدەك نېمەتلىك ئالقىنىدىن يەيتى رىزقىنى.
    يول يۈرگەندە يەرنىڭ چېچىنى تاراپ قوياتتى بۇ ئادەم
    پۇتىدىكى قاداقنىڭ يۇمشاق قولىدا،
    سەھەر بۇ ئادەمنىڭ كۆزىدىن تامچىلايتى غەم بولۇپ.

     

    مەن يېقىملىق ئاۋازدا پىچىرلاشسام گۈل بىلەن
    بۇ ئادەمنىڭ شەكلىدە چىقار ئىدى ئاۋازىم.

     

    مەن نان يېسەم ئاغزىمدا
    چاينىلاتتى چىشىمدا بۇ ئادەمنىڭ قوللىرى.

     

    مەن يىقىلسام چۈشەتتىم
    يەرگە ئەمەس گۈلرەڭلىك بۇ ئادەمنىڭ يۈركىگە.

     

    ئىسىم يازسام شېئىرنىڭ ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ
    مېنى يۆلەپ تۇراتتى كەينىمدىلا بۇ ئادەم.
    مەن يۈرگەندە سەرسان بوپ گۈللەر سۇلغان باغلاردا
    مېنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم كىملىك ئىدى بۇ ئادەم.
    ئالقىنىدا لىق دۇئا ئېلىپ قايتىپ مەسچىتتىن
    مېنىڭ ئۈچۈن ساۋابى پارلاپ تۇرغان ناماز ۋە
    قۇربانلىق قوي گۆشىدەك ھېيتلىق ئىدى بۇ ئادەم.

     

    مەن بۇ ئادەمنىڭ ساقاللىرىدىن
    «رېئاللىق بۇ ئادەمنى تاشلىۋەتكەن»دېگەن خەتنى ئوقۇيتىم.
    ئالتە بالىنىڭ يەتتىنجىسى
    بۇ ئادەمنىڭ ساقاللىرىدىن
    «بۇ ئادەم رېئاللىقىنى تاشلاپ كەتمەكچى»دېگەن خەتنى ئوقۇسا،
    ئالتە بالىنىڭ يەتتىنجىسى
    بۇ ئادەمنىڭ قۇچقىدا
    ئالتە ئايلىق بولغىچە كۆرمەپتىكەن كۆزلىرىم.

     

    كېسەلخانا
    بۈدۈرە چاچلىق چىرايلىق قىز ئەرۋاھ
    ئېممۇنت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن قەغەز پۇل
    بۇ ئادەم ۋە يەتتىنجى ئوغلى ياتقان كېسەل كارۋات
    CT ئاپراتى ۋە رېئاللىقدەك سوغۇق كارىدور
    دېئاگونۇز قەغىزىدىكى ئالتە بالىنىڭ يەتىنجىسىنىڭ مۇسىبەتلىك ئىسمى
    مېنىڭ كۆزۈم ۋە ماي ئېيىدىكى يامغۇر پەسلى
    بۇ ئادەمنىڭ يەتتىنجى ئوغلىنىڭ ئەمەس مېنىڭ بېشىمنى سىيلاۋاتقان قوللىرى
    يەرگە ئەمەس يۈرەككە قان بوپ تامغان بىر تامچە ياش.

     

    بۇ ئادەم ھەققىدە يەتتىنجى ئوغۇل بىلەن پاراڭلاشتىم.
    -ئىسمىڭ نېمە ئىنىم؟
    -جېگەر، سېنىڭچۇ ئاكا؟
    -ئەكبەر، فامىلەڭچۇ ئىنىم؟
    -كېسەل، سېنىڭچۇ ئاكا؟
    -ئىمام.
    -مېنى بۇ يەرگە نېمىگە ئەكەلدىڭ ئاكا؟
    -سېنى بۇ ئادەمدىن تاندۇرىۋەتكىلى.
    -ياق ئاكا، مەن بۇ ئادەمگە تىنىپ كەتتىم.

     

    كېسەل
    بۇ ئادەم باققان قوي كۆزلۈك كېسەل
    بۇ ئادەمگە ئامراق جېگەررلىك كېسەل
    يەتتىنجى ئىنىمنىڭ ئىسمى دەل كېسەل...

     

    بۇرۇن-بۇرۇنكەن
    بۇ ئادەم بىزنىڭ ئۆيدىكەن
    سۇ ئىچىدىكەن، گەپ قىلىدىكەن، غەم يەيدىكەن
    ئىشىكتىن بۇرۇن ئۆزى ئېچىلىپ ئالدىمىزغا چېقىدىكەن.
    كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ بۇ ئادەم

    يەتتىنجى ئىنىم بىلەن جەننەتكە سەيلىگە كېتىپتۇ.
    يەتتە ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭى قەۋرە بېشىدا يىغلايدىكەن
    يامغۇردەك
    قار-مۇزدەك
    باش-ئايىقى يوق ئېقىندەك يەنە
    ئۇ ئادەمنىڭ ئالقىنىدا چاقناپ تۇرغان دۇئادەك.

     

    دادا...
    ئۇ ئادەمنى مەن مۇشۇنداق ئاتايتىم.
    دادامنىڭ يەتتىنجى ئوغلى
    ئاڭلىسام ناسىر ئۇيغۇرغا بالا بوپتىمىش...

     

    ئەسلى يازما مەنبەسى:مىسرانىم تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.