[زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى] مامۇتجان

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-25 18:01:34

مامۇتجانزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى(دوستۇم مامۇتجانغا بېغىشلايمەن)ئوتتۇز يىل كەلسىمۇ كۈن كەينىدىن كۈن،بىر كۈندۇر سەن ئۈچۈن، ئوتتۇز يىل ئەمەس.يىغلار كۆك، سەن دەرتلىك تىنغىنىڭ ئۈچۈنتاغلار ھەم...

    مامۇتجان

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى


    (دوستۇم مامۇتجانغا بېغىشلايمەن)

     

    ئوتتۇز يىل كەلسىمۇ كۈن كەينىدىن كۈن،
    بىر كۈندۇر سەن ئۈچۈن، ئوتتۇز يىل ئەمەس.
    يىغلار كۆك، سەن دەرتلىك تىنغىنىڭ ئۈچۈن
    تاغلار ھەم مۇكچىيەر بولغاچ ھەمنەپەس...

     

    سەن ئۈچۈن دۇنيا بىر كۆرۈنۈش ھامان،
    يوق مەقسەت ھەممىنى ئۇنتۇشتىن بۆلەك...
    چۈنكى چىن ئەمەستۇر كۆرگەن، ئاڭلىغان،
    چىن پەقەت سەندىكى ئۆرتەنگەن يۈرەك.

     

    سەن ئۆزۈڭ بىر دۇنيا، باشقا بىر دۇنيا،
    بارىڭ بىر كۆڭۈلدۇر، پاسىلىڭ شاراپ.
    سەن يالغۇز ئەمەسسەن،ھەبىبىڭ خۇدا،
    كەلگەنسەن شۇڭا ئاھ، ھەممىگە چىداپ!


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.