يۈرەكتىكى يارقىن تىلەكلەر

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-03 22:37:44

يۈرەكتىكى يارقىن تىلەكلەرساداقەتجان ھاجىدوستۇم ياخشى كۆڭلۈمدىن ساڭا ئامەت تىلەيمەن.ئۆزۈم جاپا چەكسەممۇ ساڭا راھەت تىلەيمەن.بەختىڭ ئۈچۈن باش ئەگمەي ياشىغۇم بار يول ئىزدەپ،ساڭا مەڭگۈ ئېگىلمە...



    يۈرەكتىكى يارقىن تىلەكلەر


    ساداقەتجان ھاجى


    دوستۇم ياخشى كۆڭلۈمدىن ساڭا ئامەت تىلەيمەن.
    ئۆزۈم جاپا چەكسەممۇ ساڭا راھەت تىلەيمەن.

    بەختىڭ ئۈچۈن باش ئەگمەي ياشىغۇم بار يول ئىزدەپ،
    ساڭا مەڭگۈ ئېگىلمەس قەددى-قامەت تىلەيمەن.

    قانات بولۇپ قايرىلماس پەرۋازىڭغا ھەر ۋاقىت،
    ئارزۇيۇڭغا مۇناسىپ شانۇ-شەۋكەت تىلەيمەن.

    گۈللەر ئۈنسۇن يولۇڭدا، بەختىڭ بولسۇن قولۇڭدا.
    ئۆمۈرۋايەت غولىماس تاجۇ-دۆلەت تىلەيمەن.

    ئامەت دىگەن ئىنسانغا يەتتە نۆۋەت كىلەرمىش.
    لىكىن ساڭا تەڭرىمدىن يەتمىش نۆۋەت تىلەيمەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1995-يىل 12-ماي. قەشقەر
    «تۇرپان گېزىتى» 1997-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.