نىمانچە مۇقەددەس، ھەي سەن مۇھەببەت! (چوغلۇق)

يوللىغۇچى : koklam يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-10 13:23:00

نىمانچە مۇقەددەس، ھەي سەن مۇھەببەت! نىمانچە مۇقەددەس، ھەي سەن مۇھەببەت! ھەر كۆرسەم قامەتلىك ئاشۇ جىسمىڭنى، شۈركىنىپ تەنلىرىم، بولىمەن غەپلەت. چۈشۈمدە قولۇمغا قۇلۇڭنى قويساڭ، ھاياتتىن ئالىمە كۆ...

    نىمانچە مۇقەددەس، ھەي سەن مۇھەببەت!

     

     

    نىمانچە مۇقەددەس، ھەي سەن مۇھەببەت!

     ھەر كۆرسەم قامەتلىك ئاشۇ جىسمىڭنى،

    شۈركىنىپ تەنلىرىم، بولىمەن غەپلەت.

    چۈشۈمدە قولۇمغا قۇلۇڭنى قويساڭ،

    ھاياتتىن ئالىمە كۆپ ھوزۇر-لەززەت.

     

    يايرىغان جىسىم تەڭ قىلىدۇ خىتاپ:

     نىمانچە مۇقەددەس، ئەي سەن مۇھەببەت!

     ھەرقېتىم سەن ئۈچۈن داۋان ئاشقاندا،

    غايىپتىن كىلەر ھەم شۇنداق زور قۇدىرەت.

     چۆكۈپلا كەتتىم مەن قايناق ھاياتقا،

     ئېھ،دۇنيا! بۇ زادى قانداق كارامەت.

    شۇ دەقىق شۇررىدە ئىرىدى تىنىم،

     نىمانچە مۇقەددەس، ئەي سەن مۇھەببەت!

     

     سەن بىلەن ھەر قېتىم سەيلە قىلغاندا،

    جانلىنار بۆلەكچە گۈزەل تەبىئەت.

     شەنىڭگە ئەشئارە يازاي دىگەندە،

    يالقۇنلۇق سۆز-مىسىرا كېلەر رەتمۇ-رەت.

     بىھۇش بوپ ئايىقىڭغا يىقلدىم شۇئان،

     نىمانچە مۇقەددەس، ئەي سەن مۇھاببەت!

     

     قەلبىمدە بىر بوشلۇق ئېچىلغان غۇۋا،

    ئورناپسەن ئۇنىڭغا ئەبىدى-ئەبەت.

    يات كۆزلەر، يات سۆزلەر قالدى يىراقتا،

    مەندە بار زەربىگە چىداشلىق غەيرەت.

     ئويلىسام شۇلارنى، زوقلۇنۇپ دەيمەن،

    نىمانچە مۇقەددەس، ئەي سەن مۇھەببەت!

     

    مەنبە: قەلىمىم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چوغلۇق