مازار يۆتكەش(شۇ ناملىق داستاندىن پارچە)

يوللىغۇچى : janggal يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-17 15:29:07

ئادىل تۇنىياز(6)قەشقەر ____تېرەكتىكى شەھەر ،سايىسىدا بىر تۇرغان قەشقەر .بودەك چوكاننىڭ ئالدىدا زەرگەرسەرلىمەكتە ئالتۇن زەنجىرنى .چوغدانغا سېلىپ ، قىزىتىپ ئېلىپسوغ سۇغا سالدى ، سۇدا زەر قالدى .گ...

    ئادىل تۇنىياز

     

    (6)

    قەشقەر ____
    تېرەكتىكى شەھەر ،
    سايىسىدا بىر تۇرغان قەشقەر .

    بودەك چوكاننىڭ ئالدىدا زەرگەر
    سەرلىمەكتە ئالتۇن زەنجىرنى .
    چوغدانغا سېلىپ ، قىزىتىپ ئېلىپ
    سوغ سۇغا سالدى ، سۇدا زەر قالدى .

    گىژىلدار چىۋىن ، قارا ، يېشىل باش
    گۆش چانىماقتا شاپ بۇرۇت قاسساپ .
    پاخلان دەپ ساتتى ئۆچكە گۆشىنى
    گۆش ئالغۇچىمۇ ئىدى بىر كاززاپ .

    ھەسەل يۇقى ھەسەلچى قولى ،
    كوزىلارغا شېكەر ققوشۇپ ئۇ
    ساپ ھەسەل دەپ ساتار بۇ ئىشنىڭ يولى .

    ياش يۇمغاقسۈتنى سېسىقى بىلەن
    بىر باغلاپ ساتار كۆكتاتچى لىۋەن .

    بىر پۇتى تڭىق دىۋانە دەيدۇ ،
     زەرداردەك كىيىپ ، ئاقسىماي بېرىپ
    بەزمىخانىدا كەچتە گۆش يەيدۇ .

    سەكسەن خالتا
    چۈچۈكبۇيا جىڭلاپ بەرمەكتە
    تارازىسىنىڭ تەڭشىكى خفتا .
    قولىدا كىتاب ، يۈزىدە نىقاب ،
    بىرزات بىزلەرگە قىلماقتا خىتاب .
    ئاندىن يۈزلەندى بىر قارا توپقا
    يۈزلىرىدە باشقا بىر نىقاب .

    كۆزلىرى قىزارغان ئىككى ياش بالا
    كۆۋرۈك ئاستىدا ئاق چېكەر راسا .

    قارا داۋزىغا ماڭدى بىر كىشى
    ئايغاقچىلىق ، قەسىت قىلىش ئىشى .

    سەككىز ئايلىق بولغان بىر بوۋاق
    ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا
    قورقۇنىچتىن كەتتى تىپىرلاپ .

    چىقتى سوتتىن بىر يېشىل ئۆلۈك .

    ئۈچ كۆزلۈك بوۋاق دۇنياغا كەلدى .

    تىكلەندى بازارنىڭ كىندىكىگە
    پاھىشىنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى .

    كەتتى ئوغلى
    دادىسىنىڭ جەسىتىنى
    تۆت كوچىغا تاشلاپ قويۇپ .
    بىنالاردىن ئۇچۇپ چۈشكەن قاغىلار
    يېمەكتە ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇپ .

    كىلون ئادەم تەختكە چىقتى .

    ئۆپكىسى يوق بېلىق ماي يولدا چاپماقتا ،
    بىر ئەمچەكلىك قۇشناچىم شولا چاچماقتا .

    مىراخور ئۆلمىدى .
    ئات قايتىپ كەلدى .

    پادىشاھ ھاڭ-تاڭ بولۇپ مۇنەججىمنى چاقىردى .
    تېرە كىتابىنى ئېچىپ ئوقۇغانسىرى مۇنەججىمنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى .
    ئاسمان بۇرجىدىكى يۇلتۇزلارغا نەزەر تاشلاپ پۇت-قولىدا جان قالمىدى .
    -نېمە بولسا ئېيتىۋەر ،-دەپ ئەمىر قىلدى پادىشاھ زەئىپ ئاۋازدا .
    -خەۋپ-خەتەر قىل ئۈستىدە تۇرۇپتۇ ، يەر يۈزىدە ئادەمزات قالمايدىكەن ...

    قەشقەرــ
    سامادىكى شەھەر ،
    بىز ماڭغان كوچا ـــــ
    ئالەمدىكى يول .

    « دېڭىزدىكى كوچا » دىن ئېلىندى  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر