روزى موللىغا

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-11 23:32:00

روزى موللىغا روزى موللا، سەنمۇ ئادەم، توۋا قىل، ئەسلىڭگە يان! چۈنكى بولدى، سەن تۆلەنگەن تاش داۋانىڭ قۇم داۋان. ئەسكە كەلتۈر، خەلقىمىزگە نى زۇلۇملار ئەيلىدىڭ. قىلما ئۈمىد، تۇتما ماتەم، ئەمدى...

        روزى موللىغا

    روزى موللا، سەنمۇ ئادەم، توۋا قىل، ئەسلىڭگە يان!
    چۈنكى بولدى، سەن تۆلەنگەن تاش داۋانىڭ قۇم داۋان.
    ئەسكە كەلتۈر، خەلقىمىزگە نى زۇلۇملار ئەيلىدىڭ.
    قىلما ئۈمىد، تۇتما ماتەم، ئەمدى كەتتى شۇ زامان.

     

    سەن زالىم بولساڭ خەلققە، زۇلۇم سېلىپ تىنمىدىڭ.
    زار قاقشىتىپ خەلقنى، قىلچە رەھىم قىلمىدىڭ.
    ھەر كۈنۈڭنى كەچ قىلالماي لالما ئىتتەك قانسىراپ.
    ئاخىرەتكە بارغىنىڭدا كۆرەرىڭنى بىلمىدىڭ.

     

     جىن شۇرېندىن كەلسە بۇيرۇق، بىر خىراجەت توغرۇلۇق.
    سەن بىرىنى يۈز قىلىپ، ھەركىمگە مىڭ سەر چاپلىغان.
    كىم ئۇنى چاپسان تۈگەتسە، چىقۇر دوزاخ ئاستىدىن.
    بولمىسا سەن شەپقەت قىلماي، پۇت ـ قولىنى باغلىغان.

        ـــــــــــــ بۇ شېئىرنى شائىر ئامبارچى روزى موللىنىڭ دەرۋازىسىغا چاپلاپ قويغان.
    روزى دېگەن بۇ ئادەم ئەينى يىللاردا خەنزۇچە ئوقۇغان ۋە يامۇلنىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ ئاشلىق تاپشۇرۇپ ئېلىش ئىشىغا مەسئۇل بولغان. دېھقانلار يامۇلغا تاپشۇرىدىغان ئاشلىقنى بۇ كىشى ئارقىلىق ئۆتكۈزەتتى. لېكىن، بۇ كىشى بىرگە بىر ھەسسە قوشۇپ ئالاتتى. شائىر ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقان خىيانىيىگە ۋە ئېغىر جىنايىتىگە قارىتا يۇقىرىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى يازغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر