ئىزدېمىگىن مېنى ئۇ يەردىن(قەمبەرنىسا ئەبەيدۇللا ئۇچقۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 04:10:34

ئىزدېمىگىن مېنى ئۇ يەردىنقەمبەرنىسا ئەبەيدۇللا ئۇچقۇنئىزدىمىگىن مېنى ئۇ يەردىن،گۈل بەرگىگە قونىۋالغانمەن.سورىمىغىنمەيىن شامالدىن،جىمجىتلىققا كېتىۋالغانمەن.ئىزدىمىگىن چۈشلىرىڭدىن ھەم،رېئاللى...

    ئىزدېمىگىن مېنى ئۇ يەردىن
    قەمبەرنىسا ئەبەيدۇللا ئۇچقۇن



    ئىزدىمىگىن مېنى ئۇ يەردىن،
    گۈل بەرگىگە قونىۋالغانمەن.
    سورىمىغىنمەيىن شامالدىن،
    جىمجىتلىققا كېتىۋالغانمەن.

    ئىزدىمىگىن چۈشلىرىڭدىن ھەم،
    رېئاللىققا مۈكۈۋالغانمەن.
    دەپ بەرمەيدۇ قۇياشمۇ بەلكىم،
    نۇرلىرىنى سۆيۈۋالغانمەن.

    پاك سۆيگۈمنى شېئىرغا ئوراپ،
    كۆمۈۋەتتىم قەلبىم قېتىغا.
    سېنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە ئۈمىد،
    قويۇپ قويدۇم تاڭنىڭ يېنىغا.

    ئىزدىمىگىن تاشلىنىپ قالغان،
    خەتلىرىمنىڭ مىسكىن بىتىدىن.
    گەر خالىساڭ ئىزلەپ كۆر مېنى،
    يۈرىكىڭنىڭ تىۋىشلىرىدىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.