ھىجراندىن چىقىش

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-24 18:43:55

ھىجراندىن چىقىشگۈللەر ئاۋازىدىن سەزدىم ھىدىڭنى،قۇندۇز چاچلىرىڭدا ئاتەش خىيالىم.ئالتۇن تارلىرىڭدىن تۆكۈلدى بال چاي،يېشىل نۇر ئۆركىشىگە تولدى پايانىم.قۇم كۆچكەن ھىسلىرىمدىن ئاچتىم دەرىزە،كۆزۈ...

     

    ھىجراندىن چىقىش

     

    گۈللەر ئاۋازىدىن سەزدىم ھىدىڭنى،

    قۇندۇز چاچلىرىڭدا ئاتەش خىيالىم.

    ئالتۇن تارلىرىڭدىن تۆكۈلدى بال چاي،

    يېشىل نۇر ئۆركىشىگە تولدى پايانىم.

     

    قۇم كۆچكەن ھىسلىرىمدىن ئاچتىم دەرىزە،

    كۆزۈمدە ۋىلىقلاپ ئاقار چەشمىلەر.

    يېشىل ياپراقلاردا كۈيلەر ئۆركىشى،

    قۇلۇڭدا قوللىرىم، ئۈگۈلدى دەرتلەر.

     

    ئەمەستىم قەلەندەر، چالدىم ساپايە،

    ئاچالماي ئىزىڭدىن ئۆمرىمگە بىر بەت.

    مېھرىڭنىڭ ئاپتىۋى يەتكەندىن بىرى،

    ئىچتىم مەن تاڭلاردىن بالدەك مۇھەببەت.

     

    چاڭقىشىم ياشاردى ئىچكەن سۈيىڭدىن،

    چېھرىمدە چىمەنلەر نازلىق ئۇسسۇلدا.

    قۇشلىرىم تىللىرى چىقتى ئۈنىڭدىن،

    ئۇھ دىدىم مىڭ كۆزدە ساقلاشتىن يولدا.

     

    يىشىلدى ھىجراننىڭ تۈگمىسى بىر- بىر،

    ۋىسالسىز چاڭقاشتىن تاشتى بۇلاقلار.

    بولسۇن يار سۆيگۈمىز بىرلا ئاھاڭدا،

    ئۆلسەكمۇ كۆكلەيدۇ بىزدىن قىياقلار.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.