ئابدۇرېشىت سۇلايمان:ئېچىڭدىكى ئېچىڭدە

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-11 23:20:12

ئېچىڭدىكى ئېچىڭدە(جالالىدىن رومىغا ئاتايمەن )ئىچىڭنىڭ تىشىدا زاراتگاھ- ئىگەم ،ئىچىڭنىڭ ئىچىدە كويۇپ كەتتى دار .قۇدۇقتا سوڭەكلەر ئىچىدە ئىدىڭ ،كۇندۇزمىش بەختتە ، تەڭرىدىكى غار .(تۇندىكى ئۇنىڭ ...

    ئېچىڭدىكى ئېچىڭدە

    (جالالىدىن رومىغا ئاتايمەن )

     

    ئىچىڭنىڭ تىشىدا زاراتگاھ- ئىگەم ،

    ئىچىڭنىڭ ئىچىدە كويۇپ كەتتى دار .

    قۇدۇقتا سوڭەكلەر ئىچىدە ئىدىڭ ،

    كۇندۇزمىش بەختتە  ، تەڭرىدىكى غار .

     

    (تۇندىكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن .قان مىۋىسىدىكى رىۋايەت سىنىڭ يوقلۇقۇڭغا قايتىپ كىلىدۇ .سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئۇنىڭ ئاڭلىشى  ئۇچۇن غارنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم .يىڭى ئشىكتىن "كىم "ساداسىنى ئاڭلاش ئۇچۇن تاش پارچىسىنى ئىشىككە ئاتتىم .)

     

    شەپەق شاھگاھ ،دەھىر دەقىقە ،

    قۇياشنى  يۇرەكتە يىپىپ قوي سەھەر .

    ئوزگىلەر يەنىلا ئايدىڭ كېچىدە ،

    نۇرغا ئايلاندىڭ ،قەلبىمدە  زەھەر .

     

    (نۇرغا ئايلانغان تۇغىمىڭدىكى ئەپسانە سىنىڭ تىشىڭدىكى سوڭەك ئۇۋىقى ،ئىچىڭدىكى كۇلكىلەر تىشىڭدىكى سىپىل .سىپىلنى ئولۇم بىلەن چىقىپ تاشلاش سەھەردە باشلانغان .)

     

    جايلاشتىم ئاتەشتە ،ئىچىڭگە تۇتۇن ،

    تىشىڭغا سۇرگۇن قىل مىس رەڭلىك قاننى .

    ئاھ !!تۇندە يولۇچى تەنھالىقنى تۇت ،

    سىنىغىن تاۋۇشتىن ،ھىجرانكار جاننى .

     

    (كىچىكىش تەۋە بولغۇچى قولنى سەندىكى نۇرغا دەپىن قىلدى .تەڭرىدىكى غار ئىچىلمىدى .ھوكۇمنامىنىڭ "كىم "بىلەن پۇتىلىشى قۇياشنى جان بىلەن يىپىپ قويغان كۇنۇڭدە ئاخىرلاشتى .)

     

    2007-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۇنى

     

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.