ئەرتېكىن: ئائىلەم - جەننىتىم (شېئىر)

يوللىغۇچى : ARTEKIN يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-25 10:19:00

ئائىلەم - جەننىتىم: ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن ئىلاۋە: مەن دائىم شېئىر ئىچىدە ياشايمەن، شېئىر بىلەن سىردىشىمەن. شېئىر دائىم مېنى غىدىقلايدۇ، مەنمۇ پات-پات ئۇنى غىدىقلايمەن. ئەمما، مېنىڭ غىدىقلاشلىرىمغا ئۇ ب...

    ئائىلەم - جەننىتىم


    ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن



       ئىلاۋە: مەن دائىم شېئىر ئىچىدە ياشايمەن، شېئىر بىلەن سىردىشىمەن. شېئىر دائىم مېنى غىدىقلايدۇ، مەنمۇ پات-پات ئۇنى غىدىقلايمەن. ئەمما، مېنىڭ غىدىقلاشلىرىمغا ئۇ بەزىدە خاپا بۇلۇپ قالىدۇ، بەزىدە ئىپادىسىز قاراپ قويىدۇ. بىز ئانچە-مۇنچە چاقچاقلىشىپمۇ قويىمىز. بىراق، شېئىرنىڭ چاقچاقلىرىنى مەن چۈشىنەلمەيمەن، خۇددى ھاياتنىڭ چاقچاقلىرىنى چۈشىنەلمىگەندەك.
       مەن ھەر كېچە شېئىر چۈشەيمەن. چۈشۈمدە شېئىر يازىمەن. ئەمەلىيەتتە، بىز بىر-بىرىمىزنى يازىمىز...


    (1)

       بىر قۇشمۇ تۇتىدۇ ئىللىق بىر ۋەتەن،
    سالىدۇ بىر ئۇۋا – ئۇ ئىسسىق ئىمان.
    سۆيىدۇ ھەر بىر تاش چۆككەن جايىنى،
    مەيلى قىش، ياز پۈتۈن ۋە ياكى نىمجان.
    بىر تال گۈل ئېچىلار «ۋەتەن، ۋەتەن!» دەپ،
      ۋەتەنگە تۆكىدۇ ئاداققى چېچەك.
    بىر بوۋاق يىغلايدۇ «ئانا – ۋەتەن!» دەپ،
    ئانىلار پەپىلەپ ئاچىدۇ ئېتەك.
      بىپايان دالىلار ياتىدۇ كۈلۈپ،
    ۋەتەن دەپ مېھرىنى تۆكۈپ بىر قۇچاق.
       قەددىنى پۈكمەيدۇ مەغرۇر ئورمانلار،
      ۋەتەن دەپ ھەر كېچە پوسىت تۇرۇپ ئويغاق.
    ۋەتەن دەپ چاپىدۇ دېھقان كەتمەننى،
    ۋەتەنگە چاچىدۇ ئۇرۇق ئىدىتلاپ.
      بىر قىزچاق ۋەتەن دەپ تاسقايدۇ غەلۋىر،
      دانلىقنى، پۈچەكنى بىر-بىردىن ئىلغاپ.
    جاڭگالدا قىيغىتىپ يۈرگەن مەخلۇقات،
      ۋەتەن دەپ بىلىدۇ تۇرغان تۇپراقنى.
      بۇلۇتلار ئېسلىپ تۇرىدۇ كۆككە،
    ئويلايدۇ ۋەتەننى يەنە يۇيماقنى.
      تاغلاردىن چاقنايدۇ ۋەتەن تۇيغۇسى،
    باغلاردىن تارايدۇ ۋەتەن سۆيگۈسى.
       دەريالار ۋەتەن دەپ تۆكىدۇ كۆز ياش،
      كائىنات تىلىدا ۋەتەن ئۇرغۇسى.
       ھەممىگە بىرىدۇ ۋەتەن ھەممىنى،
    مەۋجۇدات دىلىدا ۋەتەن ئۇرغۇسى.

    (2)

      ئىماننى نىمىشقا ئۇلۇغ بىلىمىز؟
    چۈنكى، ئۇ پاسىلى دوزاخ، جەننەتنىڭ.
    تۆشۈكتىن تۆشۈككە كىرىپ كېتىمىز،
    بۈشۈكتىن بۈشۈككە مىنىپ كېتىمىز.
      يولىمىز كۆپ ئەمما، بەرىبىر ئاچا،
      قايغۇسى مۇقەررەر ئازاپ، راھەتنىڭ.
      ئاپتاپتا، بوراندا ئەسىرلەر بۇيى،
    تۇيغۇمدا بىر دەرەخ تازا ئاينىغان.
       يىلتىزى، غولى تەل، مېۋىسى چۈچىمەل،
    باراقسان بوي تارتىپ ھەريان شاخلىغان.
       ۋەتەن - ئۇ بىر جۈمىلە، بىر قەتىرە ئىمان،
    ھەر بىر دىل ئىچىدە شاخ دەپ سانىغان.
    شەرەپ ۋە نومۇسمۇ ۋەتەنگە تالىق،

    ۋەتەنسىز كىم، قاچان؟ كۈلۈپ قارىغان.
    مېسال كۆپ بۇنىڭغا، ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
    بەزىسى يازمىدا، بەزەن يازمىغان.
    ۋەتەن - ئۇ مۇھاببەت، ۋەتەن ئۇ – جەننەت،
      شۇڭىلاشقا ئەزەلدىن ھېچكىم قانمىغان
      مەيلى بىل ۋە بىلمە، ۋەتەندۇر – ھەممە،
        شۇڭىلاشقا، ۋەتەندىن ھەممە تانمىغان.
       ھەممىگە بېرىدۇ ھەممىنى ۋەتەن،
    مەۋجۇدات دىلىدا يادلىنار ۋەتەن!

    (3)

      ۋەتەنگە نە ئۈچۈن قىيمايمىز بۇنچە؟
    چۈنكى، ئۇ بىر جەننەت ھەممىگە شۇنچە.
      بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز،
    جەننەتنى ئويلىساق كۈلۈپ كېتىمىز.
       ئۆزىمىز تىكىمىز بىر شاخ، ئۇ دەرەخ -
      بۇلىدۇ ۋە ياكى بىر تۈپ شۇمبۇيا.
      ھەر كىمگە تالىقتۇر ياسىغانلىرى،
    بولسىمۇ مىس چەينەك ياكى لاي كوزا.
    سۆيگۈدە ياسىلار ۋەتەنمۇ شۇنداق،
    سۆيگۈدە گۈللىنەر ۋەتەن مۇشۇنداق.
    سۆيمەك تەس ۋە لېكىن ھەممە، ھەممىنى،
    ھەممىنى ۋەتەندىن تاپقاندەك ئۇنداق.
      ھەر نەرسە بىرىنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ،
        بىرىدىن بىر سۆيگۈ كۈتۈپ ئۆتىدۇ.
    چۈشەنسەك بىر تال شاخ بىر سۆيگۈ دېگەن،
      ئۇنىڭسىز تاپقايمۇ؟ ۋەتەنمۇ روناق.
    سۆيگۈ ئۇ قاقىدۇ جەننەت ئىشىكى،
      سۆيگۈسىز تۇرمۇش ئۇ بەئەينى دوزاخ.
    شۇڭىلاشقا، بىز سۆيگۈ كۈتۈپ ئۆتىمىز.
    بىرىنى بىرىمىز سۆيۈپ ئۆتىمىز...
      سۆيگۈنىڭ ئۇرۇقى تېرىلار نەدە؟
    ئېنىقكى، بىخلايدۇ ئۇ ئائىلىدە.
    ئائىلە – بەجايىكى بىر ئىللىق ۋەتەن،
    تاپىمىز ئىللىقلىق شۇڭا ئەلۋەتتە.
      ۋەتەن – بىر ئائىلە، ئائىلەم – ۋەتەن،
    قارايمەن شۇڭا مەن شەكسىز ھۆرمەتتە.
    ئائىلەم – ۋەتىنىم، ۋەتەن – بىر جەننەت،
    بىرىمەن سۆيگۈمنى چىن ساداقەتتە.

    (4)

    ئائىلە بىز ئۈچۈن نىمىشقا موھىم؟
      چۈنكى، ئۇ بىر ئۇۋا بىزگە ھەر دائىم.
          بىز چۇقۇم بۇ يەرگە قونۇپ ياشايمىز،
       بۇ يەردىن بىر مەرتەم ئۈنۈپ ياشايمىز.
       بىر ئۇۋا ئېنىقكى، بىر ئىللىق ۋەتەن،
    ئۇنىڭسىز بولغۇسى قىيامەت قايىم.
    ۋەتەن - بىر ئائىلە، ئائىلە - ۋەتەن،
    ۋەتەنگە تەئەللۇق ھەر جان، ھەر بىر تەن.
    سەن سۆيسەڭ ۋەتەننى - ئائىلەڭنى سۆي،
    شۇندىلا ۋەتەننى سۆيگەن بۇلىسەن.
    ۋەتەن نېمە ئۇ؟ ۋەتەن - ئۇ جەننەت،
    جەننەت نېمە ئۇ؟ ئۇمۇ بىر ۋەتەن،
    ئائىلە - ۋەتەن ھەم جەننەت، چۈشەنسەڭ
    سۆيگۈڭدە ئائىلنى جەننەت قىلىسەن.
    ئائىلەم - جەننىتىم، سۆيگۈگە مۇھتاج،
    سۆيگۈمدىن جەننەتكە ياسايمەن گۈلتاج!

    ئائىلەم – ۋەتىنىم، سۆيگۈگە مۇھتاج،
      سۆيگۈمدىن ئۇنىڭغا بۇلىمەن ئۇلتاش!

    («ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان)
    ئاپتۇر: ئونسۇ ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپتە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.