قەشقەرنىڭ چۈشى ( ئابدۇرەئۇف پولات)

يوللىغۇچى : asimjan318 يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-31 20:36:00

قەشقەرنىڭ چۇشى ( ئابدۇرەئۇف پولات) مىڭ يىلچە بۇرۇنكەلدى نورۇز بۇلاق بېشىغاھاسىسىنى توكۇلداتقانچە ئاپئاق ساقال چال...بىر مۆجىزە روي بەردى شۇنداخىزىر سۇپەت ئاق ساقال چالنىڭئۆستى تېرەك بولۇپ ھاس...

    قەشقەرنىڭ چۇشى
    ( ئابدۇرەئۇف پولات)

    مىڭ يىلچە بۇرۇن
    كەلدى نورۇز بۇلاق بېشىغا
    ھاسىسىنى توكۇلداتقانچە ئاپئاق ساقال چال...
    بىر مۆجىزە روي بەردى شۇندا
    خىزىر سۇپەت ئاق ساقال چالنىڭ
    ئۆستى تېرەك بولۇپ ھاسىسى...
    شۇ يوسۇندا ئۆستى ئۇ ھاسا
    بەلكى ئۆسۇپ يېتەتتى كۆككە .

     بىرنېمىنى ئويلىدى بوۋاي،
    ـ ھاي-ھاي،-دېدى ھاسا توختىدى.
    كەتتى بوۋاي ھاسىسىغا ،
    ‹‹ھاي-ھاي تېرەك››كە ئۈمىد ئۆزرە مەنىلىك قاراپ،
    قۇياش سۆيگەن دالىلار بويلاپ...

    شۇندىن بۇيان ئۆتتى قىش،
    نەچچە باھار، نەچچە ياز،
    ئۆسمىدى ‹‹ھاي-ھاي تېرەك››
    ئۆستى بىراق باشقا تېرەكلەر
    ئىپتىخار بىلەن قاراپ ھەممىمىز
    ياشاپ كەلدۇق مۇشۇ كۇنگىچە
    ‹‹ھاي-ھاي تېرەك››كە...
    نېمىنى ئويلىغان بولغىيدى بوۋاي،
    يىللار مۆچەللەر ئۆتەر توختىماي...

       ھۆرمەتلىك تىلشۇناس ئالىمىمىز ئابدۇرەئۇف پولات ئەپەندىنىڭ بۇ ئىسىل يازمىسىنى 1995-يىلى <<ئىلى دەرياسى >>ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىغان.
    ‹‹ئىلى دەرياسى››ژۇرنىلى1996-يىل 1-سان

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:03:47]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق