ئانا تىل

يوللىغۇچى : kamanqi يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 04:20:16

ئانا تىل(قاسىم سىدىق)ئانا تىلىم جىلۋە-جەزىرەم،ئانا تىلىم گۆھەر خەزىنەم.ئانا تىلىم مەككە-مەدىنەم،ئانا تىلىم ئۆزى بىر ئالەم.يورۇمايدۇ تارىخىم سەنسىز،جاھالەتكە بۇ دىلىم سەنسىز.بىر پارچە گۆش بۇ تى...



     ئانا تىل

    (قاسىم سىدىق)

     

    ئانا تىلىم جىلۋە-جەزىرەم،

    ئانا تىلىم گۆھەر خەزىنەم.

    ئانا تىلىم مەككە-مەدىنەم،

    ئانا تىلىم ئۆزى بىر ئالەم.

     

    يورۇمايدۇ تارىخىم سەنسىز،

    جاھالەتكە بۇ دىلىم سەنسىز.

    بىر پارچە گۆش بۇ تىلىم سەنسىز،

    كۆرۈنمەيدۇ مەنزىلىم سەنسىز.

     

    جەڭگاھلاردا يارا ئانا تىل،

    سەپەرلەردە بايراق ئانا تىل.

    قۇياش كەبى پارلاق ئانا تىل،

    مەن ساڭا بەك ئامراق ئانا تىل.

     

    تالاي قامۇس پۈتۈلگەن سەندە،

    تالاي نەقىش چىكىلگەن سەندە.

    ساقلىغاندەك جاننى بەدەندە،

    تارىخ بىزگە قىلغان بەخشەندە.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا تىل ئانا تىلىم _