ئىككى شېئىر(مۇھەممەتجان ئەمەت يارتېكىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 16:47:34

ئىككى شېئىرمۇھەممەتجان ئەمەت يارتېكىنسوۋغاتسورىما مېنىڭدىن باردىڭ دەپ قايان ،بالقىيدۇ خىجىللىق نەزمەم قۇرىدىن .بىر نەپەس خۇش پۇراق ، بىر چاڭگال يۇلتۇز ،ئەكەلدىم بىر ئوتلام تاڭنىڭ نۇرىدىن .ن...

    ئىككى شېئىر
    مۇھەممەتجان ئەمەت يارتېكىن



    سوۋغات

    سورىما مېنىڭدىن باردىڭ دەپ قايان ،
    بالقىيدۇ خىجىللىق نەزمەم قۇرىدىن .
    بىر نەپەس خۇش پۇراق ، بىر چاڭگال يۇلتۇز ،
    ئەكەلدىم بىر ئوتلام تاڭنىڭ نۇرىدىن .

    نامراتمەن قول يەتمەس جاۋاھىرلارغا ،
    مەنمەنچى ياقۇتقا ئۇزاتمىدىم قول .
    تولمىغان ھىلالنى ساڭا تۇتقۇم يوق ،
    بېيىدى تەپەككۇر ، كىيىملەر جۇل-جۇل .

    بىر ئاسمان كەلگۈدەك ئوتلۇق قۇچاقلاش ،
    بىر دېڭىز تاشقىدەك قايناق ھاياجان .
    يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك يانغان بىر ئۈمىد ،
    جەسۇر بىر ئىرادە ئەكەلدىم ئاران .

    ئۈزۈم

    سەن كىمنىڭ مارجىنى ئاستانىدىكى...؟
    ئۇ كىمنىڭ بەللىرى چەمەچتەك زىبا؟
    كەلمەيدۇ چارتالغا ئوخشاتقۇم سېنى ،
    يوق سېنى ئوخشاتقۇم زۇمرەتكە يانا .
    بېجىنبوش ئادەمنىڭ يېشى سەن ئەمەس
    جاراستاندا سەنسىز بەزمە يوق
    ئاچقىزىل تاشگۈللەر ئوخشىماس ساڭا
    تاشئېگىر غوزىسى سېنىڭچە ئەمەس ،
    تىللا قوڭغۇزىدا سېنىڭچە نۇر يوق
    بىلىمەن دېڭىزدا سېنىڭچە دۇر يوق .
    تۆرپە بىر ئەپسانە داستىخاندا يوق .
    چاتقالنى تەلۋە تاللاردىن سوراڭ .
    ئەمەس تام پوتلىسى ساڭگىلاپ تۇرغان ،
    كۆزۈڭدە يۇلتۇزدەك مارىلاپ تۇرغان
    ئىدىقۇتنىڭ مەرۋايىتى ئۇ
    تۇغۇچەكتۇر ئۇ
    ئۈزۈم تاللىرىدا جىلۋىلەر ئۇرغان .
    جىمجىت ئۇيغۇردەك ئۈزۈمدە تۇرپان .
    جىگدىچى دورايدۇ ئادەمنى ئەمما
    ئۈنچىلەر كۈلگەننى دوراپ بولالماس ،
    چىرايلىق ئاۋازى جەننەت قۇشىنىڭ
    لېكىن تەك قىزىدەك سايراپ بولالماس
    سەن چېكىم ئالماستەك ئاتەش يۇرتىدا
    جاھان ئىشتىھاسىغا پىلتە ياقىسەن ،
    ئەسىردىن ئەسىرگە ئاپئاق ئاقىسەن
    نان بىلەن يەي دېسەم نانەنگىر بولدۇڭ
    مېۋىلەر ئىلىدە جاھانگىر بولدۇڭ
    سەن كىمنىڭ مارجىنى ئاستانىدىكى
    ئۈزۈلسە يىپلىرى چېچىلىپ كەتكەن...؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.