قاينامى:مەن يۈسۈپ ئەمەس

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 21:48:08

مەن يۈسۈپ ئەمەس...رەخىم ياسىن قاينامىياتىمەن قۇدۇقتايىغلاۋتقان كۈز كىيىمىمخارابىلەردە ئەسلىنىۋاتقان سۈرىتىمجىملىقتىن ئېرىپ كېتىۋاتقان شامال ئاۋازىمقارا بۇلۇت ئۈستىدە تاشقا ئايلانغان يامغۇر پ...

    مەن يۈسۈپ ئەمەس...

    رەخىم ياسىن قاينامى

     

    ياتىمەن قۇدۇقتا

    يىغلاۋتقان كۈز كىيىمىم

    خارابىلەردە ئەسلىنىۋاتقان سۈرىتىم

    جىملىقتىن ئېرىپ كېتىۋاتقان شامال ئاۋازىم

    قارا بۇلۇت ئۈستىدە تاشقا ئايلانغان يامغۇر پەرۋازىم

    كېپىنەكلەر كېلىپ بىر كېچە قۇنۇپ ئۇچۇپ كەتكەن غېرىپ ئۆيۈم

    كېچە بىلەن دوسلىشىپ،قېرىنداشلىرى يۈز ئۆرۈگەن قەبرەم

    ھەمدە تاشلانغان تاشلاندۇق قۇدۇققا،چۈشۈم ئون بىر يۇلتۇزنى چەككەن مېنىڭ تېنىم...

     

    ئاپئاق قار قارىداپ  چۈشىدۇ كىيىملىرىمگە

    سىم-سىم يامغۇر مۆلدۈر بوپ تۆكۈلەر

    شادىمان ناخشىلار ماتەم مۇزىكىسى بولۇپ يېتىپ كېلەر

    ئېچىلىۋاتقان گۈلنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلگۈچە ئۇ تەلتۆكۈس توزۇپ چۈشەر

    ئاسمان ئېچىلسا يەر گۆمۈرۈلۈپ چۈشەر

     يەر مېنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقسا ئاسمان يىرتىلىپ كېتەر...

     

    ياشىدىم قۇدۇقتا ئەسىرلەپ

    مەن بىلەن تەڭ تۇغۇلغان قاغا ئۆلدى

    تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگدى

    قۇم چېچەكلىدى

    تازغا تاڭ ئاتتى

    مۇسا كەلدى...ئىسا كەلدى…

    ئەھمەدى-مۇختار كەلدى…

    مىسىرغا ماڭىدىغان كارۋان ھازىرغىچە يېتىپ كەلمىدى…

     

    لېكىن ناتۇنۇش بىر كىملەر كېلىپ قاراپ ئۆتۈپ كېتەر

    مېنىڭ ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكىمنى بىلىش ئۈچۈن

    ئۇلار بەلكىم قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆكۈن نەۋرىسىنىڭ كۆكۈن نەۋرىسى

    بوۋىلىرىنىڭ ۋەسىيىتىنى بىجاندىل ئورۇنداۋاتقان

     

    قاراڭغۇ تاملارنى تىڭشايمەن توختاپ قالغان ۋاقىتنىڭ يېنىدا

    ئاتلار گۈلدۈرى...تۆگىلەرنىڭ پۇشقۇرۇشلىرى...ئالتۇن قوڭغۇراقلارنىڭ زىل ئاۋازى

    مەڭگۈلۈك يۈتۈپ سۆڭەكلىرى تاشقا ئايلانغان دىنوزاۋۇرنىڭ سايىسىدەك يالغان...

     

    كېچىنىڭ تەنلىرىنى سىلايمەن،سەنلا ماڭا بىردىنبىر تەۋە كۈندۈز

    سەنلا مېنىڭ بىردىنبىر يولۇمنىڭ قاراڭغۇ گۈللۈكى

    سەندىلا ئېچىلىپ تۇرىۋاتقان قارا گۈللىرىم

    سەنلا مېنىڭ ئۆلۈمىمدىن ئېچىلغان كىچىككىنە تار يۇچۇق

    سۆيىمەن شۇڭلاشقا سېنى،قېرىنداشلىرىمغا قارشى...

     

    ئاۋازىمنى قاراڭغۇ تاملاغا چاپلايمەن

    خىياللىرىمنى شىرىن نەملىكنىڭ تەنلىرىگە چاچىمەن

    تەن دەرىخىمدىكى قۇرۇق چېچەكلەرنى سۆزلەيمەن

    بېشىمدىن يىراق ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان قۇشلارغا

     

    مەن ۋاقىتنى قېرىتقاندەك،رەزىل ۋاقىت مېنى تاشلاپ كەتكەندەك

    شامال ھاسىغا چۈشۈپ قالغاندەك

    دەرەخلەر،كۆللەر ئۆلگەندەك

    دەريالار تىمتاس توختاپ قالغاندەك

    يۇلتۇزلار ئۇيقۇغا كەتكەندەك

    كۈن ئاي بىلەن توي قىلىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەندەك

    ياتىمەن تار،قاراڭغۇ،سۈكۈتلۈك..

     

    مەن يۈسۈپ ئەمەس

    مەن يۈسۈپ بولغان بولسام

    قۇدۇق ئىچىدە ياتمايتتىم مۇنچە ئۇزۇن

    ئۇچرىشاتتۇق بىزسېنىڭ ئۆلۈمىڭدىن بۇرۇن

    قېنىمنىڭ نېسىۋىسى چېچىلمايتتى تاش سۇپىلارغا

    ئۆلۈمىم گۈلى پەرۋىش قىلىنمايتتى مۇنچە ئەتىۋارلىنىپ

      بىر كارۋان تارتىپ چىقىراتتى قۇدۇقتىن مېنى

    مەن باراتتىم مىسىرغىچە...زىلەيخاغىچە..

     

    ياتىمەن تار،قاراڭغۇ،سۈكۈتلۈك

    جېنىم دادا... مەن يۈسۈپ ئەمەس!...

    2011-6-2

          

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.