مەڭگۈلۈك سەپەر(ئەخمەتجان ئوسمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 03:13:59

مەڭگۈلۈك سەپەرئەخمەتجان ئوسمانسېلىپ قويۇپ بىر پارچە ئوتنى،سىڭىپ كەتتىڭ تۇمان ئىچىگە.ياش تۆكەلمەي قارانچۇق تاغلار،كۆمۈلگەندەك جەسەت كۈلىگە.ئېرىشمەكچى بولۇپ سەن بىلەندەرقەم تۇرۇپ ۋىسال كۈيىگە...

    مەڭگۈلۈك سەپەر
    ئەخمەتجان ئوسمان


    سېلىپ قويۇپ بىر پارچە ئوتنى،
    سىڭىپ كەتتىڭ تۇمان ئىچىگە.
    ياش تۆكەلمەي قارانچۇق تاغلار،
    كۆمۈلگەندەك جەسەت كۈلىگە.

    ئېرىشمەكچى بولۇپ سەن بىلەن
    دەرقەم تۇرۇپ ۋىسال كۈيىگە
    بىساتىمدىن ۋاز كېچىپ تامام
    بەل باغلىدىم سېنى ئىزدەشكە
    بىسات دېسەم ئويلىما باي دەپ
    جاندىن ئۆزگە يوقتۇر ھېچنېمە
    ۋىجدان، غۇرۇر، ئېغىزدىكى يەل
    پۈۋلىسىلا چىقار ھەممىدىن
    ئابروي، ئەخلاق، ئىتىقاد يەنە
    ...گە ئوخشاش چىرايلىق ناملار
    يوق مېنىڭدە سەندىمۇ ھەتتا
    بار دېسەكۇ ئوخشايدۇ نۆلگە.

    ئىزدەۋاتقان بولۇشۇڭ مۇمكىن
    مېنى ياكى باشقا بىرسىنى
    تۆكمەك بولۇپ يۈرىكىڭدىكى
    تاتلىق-تاتلىق ئازابلىرىڭنى
    مۇمكىن بولماي بىرسىگە تىنىش
    يىلىكىڭنى شوراپ شۈمۈرۈپ
    ۋۇجۇدۇڭنى تىترىتىۋاتقان
    ئەڭ سۆيۈملۈك ھەسرەتلىرىڭنى.

    ئۇچرىشالماي يۈردۇق ئىككىمىز
    تېپىشىشقا بولمىدى ئىمكان
    توققۇزى تەل ئۇچۇر دەۋرىدە.

    قاغجىرىدى تەنلەر قان كەبى
    قەلب بولدى بىز ئۈچۈن زىندان
    يۇتا زىندان روھنى، ئىماننى
    ئىتىقادنى ھەتتا ۋىجداننى
    دەل شۇ چاغدا ئابروي ھېچنېمە
    ئىپپەت نېمە، ئەخلاق ھېچنمە
    ئۇزۇتۇپ كەتتۇق ھەممە ھەممىنى
    سوغارماقچى بولغاندەك دېھقان
    مايسا قۇرۇپ كۆيگەن ئېتىزنى.

    ئىزدەپ يۈرەر بىر پارچە زېمىن
    مېنى ياكى سېنى ۋە ئۇنى
    ئىزدەپ يۈرەر روھ بىلەن ئىمان
    ئادەملەردىن بىر تامچە ئىنساپ
    ۋاپا ياكى مېھىر-شەپقەتنى.

    بىز ئىزدەيمىز بەختنى دائىم
    بەخت ئىزدەپ قىلىمىز ئۇۋال
    بەخت كۈتۈپ تۇرغان بىرسىگە
    پىشانىمىز يېرىلار ھەتتا
    زەھەرلىنىپ ئۆلىمىز ياكى
    ئىچ ئاغرىتىپ ئادەم شەكلىگە
    كىرىۋالغان ئىبلىس-شەيتانغا
    ئىچ ئاغرىتىپ نىمجان يىلانغا.
    بەخت ئىزدەپ كەلگەندە بىزنى
    رەزىل پىلان تۈزەر قەلبىمىز
    كۆرۈنگەچكە ئەشەددى رەقىپ
    باشقا بىرسى ئەمەس ئۆزىمىز
    تۇرغان كەبى يۈرەكنى مىجىپ
    دەيمىز دەرھال «كورلا ياشىسۇن
    ئويۇپ يەيلى قارا كۆزلەرنى»
    ۋاقىرايمىز سەھنىگە چىقىپ.

    مۇمكىنچىلىك كۆپتۇر ھاياتتا
    تىلەپ يىسەڭ بۈگۈن بوردا نان
    تاقىشىڭدا گەپ يوق خان تاجى
    قەلبىڭ نۇرغا تولغان شۇ كۈنى.

    قارنىڭ تىلەر بىر قاچا تاماق
    قەلبىڭ تىلەر بىر كاپام سۆيگۈ
    تىلەر روھىڭ مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك
    ھاجەتمەن بوپ قالىسان شامغا
    سۆيگۈنىڭدىن ئاغرىسا قەلبىڭ.
    ئوتقا قاراپ ئولتۇرساڭ راھەت
    ئوت ئىچىدە تاۋلىنار روھىڭ
    ئەڭ سۆيۈملۈك پەرىشتە بولۇپ
    كۆرۈنىدۇ ئوتنىڭ يالقۇنى
    شىۋىرلايدۇ قۇلاق تۈۋۈڭدە
    مۇھەببەتنىڭ قەسىدىسىنى.
    ئەركەك بولساڭ ھاجىتىڭ چۈشەر
    قىز چوكانغا ياكى ئايالغا
    ئايالنىڭمۇ چاڭقايدۇ قەلبى
    تەشنا بولۇپ سۆيگۈ-ۋىسالغا

    ئىككىمىزگە تار كەلدى دۇنيا
    يەكلىمەكتە ئالەم سۆيگۈنى
    يەكلىمەكتە سېنى، ياق مېنى.

    يونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
    قالغان بولساق ناتونۇش پېتى
    يۇتماس ئىدىم تەلمۈرۈپ ساڭا
    تاتلىق تاتلىق ھەسرەت-ئازابنى.
    تونۇشمىغان بولساق ناۋادا
    قالار ئىدى سۆيگۈم سىر پېتى
    بىلمەس ئىدى ھېچكىم مەندىكى
     باشقا ئادەم يوقتەك ئالەمدە
    سېنڭ ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكتىن
    ۋولقان كەبى ئېتىلىپ چىققان
    پاك ھېسسىيات-چوڭقۇر سۆيگۈنى.
    چۈشىنەلمەي قالاتتىمكەن ھەي
    ئازاب يۈدۈپ يۈرگەچ بىر تالاي
    سۆيەلمىگەن ئۆزىنى قېنىپ
    مىسكىن قەلب تەنھا جەسەتنى.

    تونۇشمىغان بولساق ناۋادا
    توسىماس ئىدى قۇياشنى بۇلۇت
    ياغماس ئىدى قەلبىمگە يامغۇر
    چىقماس ئىدى ئاچچىق شىۋىرغان
    باغلاپ قويۇپ بىر يىپقا مەھكەم
    قىينىماستى بىزنى، ياق مېنى.
    ئوت
    ئازاپ
    دوزاخ ياكى ئەزرائىل
    قانخور لۈكچەك ۋە ياكى جاللات
    قىينىيالماس ئىدى سەتچىلىك
    بىلىپ تۇرۇپ ھەممە-ھەممىنى
    ئوت قەھرىنى سۆيگۈ دەردىنى
    قىينىماسقا چىدىماس يۈرەك
    ۋىسالنى دەپ يەنە ئۆزىنى
    بىلىۋېلىپ ھەممىدىن ئۈستۈن
    مۇھەببەتنى سۆيگۈ ۋەسلىنى.

    ئۆز ئۆزۈمگە دەيمەن شىۋىرلاپ
    ئادەملەردىن ئايرىلىپ چىقسام
    تۆكۈلسە يا ئەخلاقنىڭ چىشى
    تەلمۈرمىسەم ھېچكىم-ھېچكىمگە.
    ياشاپ باقسا ئادەملەر ئەركىن
    ياشاپ باقسا باياۋاندىكى
    ئېيىق ياكى يولۋاس شىر كەبى
    ھېچنېمە ۋە ھېچقانداق ئىشقا
    باش قاتۇرماي پەرۋايى پەلەك...
    ياق
    ئادىمىيلىك زۆرۈردۈر لېكىن
    ئادىمىيلىك ساختا بولسىمۇ
    ئەخلاق چىرىپ سېسىپ كەتسىمۇ
    ۋىجدان يوقاپ ئىمان پۇررىدە
    مۇئەللەققە ئۇچۇپ كەتسىمۇ
    ساختىلىشىپ ھەممە-ھەممىسى
    بوپ قالسىمۇ ئەرزىمەس نەرسە
    ئادەملەرگە زۆرۈردۇر زۆرۈر
    ئالداش بىلەن ئالدىنىش ھەتتا
    ئەڭ سەمىمى  ئادەم ئۈچۈنمۇ.

    قاراپ-قاراپ قويىمەن ساڭا
    سۆزلەپ بېرەر كۆزۈم كۆزۈڭگە
    قەلبىمدىكى مىسكىنلىك ئارا
    تۈتەۋاتقان ئوتنى-ئاتەشنى
    سەن سەۋەبلىك كۆيۈپ كۈل بولغان
    شاپتۇلچىلىك يۈرەكتە بوخسۇپ
    پارتلاشقا تەييار بوپ تۇرغان
    ئېچىرقاشنى سۆيگۈ قەھرىنى.

    ئەپسۇس
    يۈزى قېلىن ئەخلاق تۈپەيلى
    بىمەنە ئىش بوپ قالدى تالاي
    ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ تاتلىق ئىشلار.
    بىمەنە ئىش قىزلارغا قاراش
    نومۇسلۇق ئىش ئايال كۆزىدىن
    ناتونۇش بىر قىزنىڭ قەلبىدىن
    تەمكىن تۇرۇپ ھال ئەھۋال سوراش.
    بىمەنە ئىش ساڭا قارىشىم
    بىمەنە ئىش سېنى سۆيۈشۈم
    بىمەنە ئىش سېنى كۈتۈشۈم
    بىمەنە ئىش ئىدى ئەي نادان
    ئاشىقىدىن سۆيگۈ يوشۇرۇش
    مەشۇقىغا ئازاپ تارتقۇزۇش.
    بىزار بولۇپ كەتتىڭ مېنىڭدىن
    كۆزلىرىڭگە قاراشلىرىمدىن
    قارچۇقۇڭغا قادىلىپ ئوقتەك
    ھېس-تۇيغۇڭغا چۆكۈشلىرىمدىن
    تۆت-بەش مېتىر تۇرساممۇ يىراق
    لەۋلىرىڭگە سۆيۈشلىرىمدىن
    ۋەھشى ياكى قاراملىقىمغا
    تەشنا بولۇپ تۇرساڭمۇ جېنىم
    قۇرۇتىۋەتكەن روھنى ئىماننى
    ئاشۇ پەسكەش ئەخلاق تۈپەيلى.

    ۋاز كېچىمەن چوقۇم بىر كۈنى
    ساڭا بولغان ھەممە ھەممىدىن
    سەندىن ھەتتا ساڭا قوزغالغان
    مۇھەببەتتىن، شىرىن سۆيگۈدىن
    كۆرۈپ قالسام سېنىڭدىن گۈزەل
    مۇلايىم ئاھ سېنىڭدىن رايىش
    تەقدىم قىلىپ ماڭا بارىنى
    سىڭىپ كىرىپ روھىمغا تامام
    سۆيگۈ تىلەپ نازلانغان قىزنى.
    ۋاز كېچىسەن سەنمۇ مېنىڭدىن
    ھوۋلىغاندا قەلبىڭدە بوشلۇق
    قۇترىغاندا قەلبىڭ قەلبىمدەك
    سۆيگۈ ئۈچۈن كەتسە ئېچىرقاپ
    ياق دېمىگىن كۆرسەڭ ناۋادا
    توققۇزى تەل «راۋروي» ئەركەكنى...

    ھاياتىم ئۆتەڭ، ئادەم بىر كارۋان
    ياشاپ باقار بولسىلا ئىمكان
    ياشاش ئۈچۈن قىلار ھەرنېمە
    ياساپ چىقار ئۆز قولى بىلەن
    ئۆز ئۆزىنى سولاشقا زىندان
    ئاڭلانمايدۇ كۈلكە ئاۋازى
    ئاھ مېنىڭدەك نادان ئادەملەر
    ئۆز ئۆزىنى قىلمىسا پەيخان...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.