( تۇرغۇن كەنجى )  ئىككى غەزەل

يوللىغۇچى : kanji يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-22 20:51:00

( تۇرغۇن كەنجى ) ئىككى غەزەل تىرناقتا بوغۇزلىنىش تۇرغۇن كەنجى قارا دىل رىشتىدە جانىم زاۋالى بار ، سۇنارمەن ھەسسىلەپ كۈندە قامالى بار . ئۇنىڭ ھالىچە ھال يوقتۇر تەبىئەتتە ، كۆنۈك باشىم ئارا زى...

    ( تۇرغۇن كەنجى )  ئىككى غەزەل

           تىرناقتا بوغۇزلىنىش تۇرغۇن كەنجى قارا دىل رىشتىدە جانىم زاۋالى بار ،
    سۇنارمەن ھەسسىلەپ كۈندە قامالى بار
    . ئۇنىڭ ھالىچە ھال يوقتۇر تەبىئەتتە ،
    كۆنۈك باشىم ئارا زىندان ئۇۋالى بار .

     سۆيۈشكە ئىنتىلەر كۆڭلۈم سۆيەلمەيمەن ،
    قىلىچنىڭ بىسىدەك ئاچچىق جامالى بار .
    كېچىشكە ئىنتىلەر ئىشقىم ئايان ئايدەك ،
    ھاياتىمغا يېشىلمەس بىر قارارى بار .

     تېتيدۇ داغلىرىم ئۇڭغا ھەم سوللارغا ،
    دىگەي ئەل بۇ تۇرغۇننىڭ شۇم دالارى بار .
    ئۆزىنى كېچىكىپ چۈشىنىش تەرىقەتتە پۇرغىلى يا ئۆستۈرگەن گۈلۈم يوق ،
    شەرىئەتتەۋەياكى تۇتقىدەك ھېچ ئۆيۈم يوق .

     تاپقىنىم بار جان تىكىپ بىر خىيالغا دال بولماس ،
    يائۆزۈمنى ،ئۆزگىنى خوش قىلغىدەك پۇلۇم يوق .
    كىشەنلەندىم ھەر تەرەپ كۈلپەتلەرنىڭ دۆۋىسى ،
    ئادىمىيلىك چوغلانغان يامىھىرلىك تۇلۇم يوق

    . شەرەندازلىق ، لۈكچەكلىك قاش - قاپاقتا لەيلەيدۇ ،
    ئېچىتقۇدەك پىيازدەك يا تاۋكادا قولۇم يوق .
    ئەگىشىدە تۈنلەرنىڭ چۈشلىرىممۇ ساق ئەمەس ،
    مەجنۇنلۇقتا دەرۋىشمەن يا كەچكۈدەك يولۇم يوق .

    1429 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13- كۈنى ( ھىجىرىيە )

    تەستىقلۇغۇچى : يالقۇن ئەزىزى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق