بىللىدۇر(مۇھەممەتجان راشىدىن )

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-09 13:05:00

بىللىدۇر مۇھەممەتجان راشىدىن ياخشى جۈپلەر بىر ئۆمۈر مەنزىل قاراردا بىللىدۇر،رىزقى ھەم بىر بۇردا نان، بىر تال ئاناردا بىللىدۇر . تەڭ تۇرۇپ تاغنى كۆتۈرمەككە يەنە تەييار ئۇلار،بىر ئوچاقنى تەڭ يا...

    بىللىدۇر

    مۇھەممەتجان راشىدىن

     

    ياخشى جۈپلەر بىر ئۆمۈر مەنزىل قاراردا بىللىدۇر،
    رىزقى ھەم بىر بۇردا نان، بىر تال ئاناردا بىللىدۇر .

    تەڭ تۇرۇپ تاغنى كۆتۈرمەككە يەنە تەييار ئۇلار،
    بىر ئوچاقنى تەڭ ياساپ، ئوتنى قالاردا بىللىدۇر.

    جەندە كىيگەندە قەدىردان، بىر كېپىشنى تەڭ سۆرەپ،
    ياخشى جۈپلەر ياخشى كۈن ، دۇردۇن-تاۋاردا بىللىدۇر .
     
    يوق ئۇلاردا كەمبەغەللىك باسسىمۇ ئاسىي كۆڭۈل،
    تاپقىنى تەڭ ئۆلگىچە، دوللار ساناردا بىللىدۇر.
     
    ئاتىلار ئۇندا ئەبەت، چۈشمەس ئەزىزلىك تەختىدىن ،
    كەتسە دۇنيادىن بىرى، يىغلاپ ماڭاردا بىللىدۇر.
     
    ئانىلار ئاندىن قەدىرلىك ياخشى جۈپلەر قەلبىدە،
    ياغ يىسە تەڭ يەپ، يەنە ياغلىق تاڭاردا بىللىدۇر .
     
    ئەر دىگەن شەيتان تۈپەيلى بىۋاپالىق قىلمىسا،
    يېنىدا مەھبۇبىسى خامان ئالاردا بىللىدۇر.
     
    كەچمىسە مەھبۇبلار ئەسلا ساداقەت باغىدىن ،
     ئەرلىرى قايناپ قازان، ئاشنى سالاردا بىللىدۇر.

    ياخشى جۈپلەرنىڭ يۈرىگى، مەڭگۈلۈك بىر رىشتىدە،
    ھازىلارغا تەڭ بېرىپ ، تويدىن ياناردا بىللىدۇر.

     بېشىدا ئەگىپ يۈرەر، ھەر كۈن پاراغەتنىڭ قۇشى،
    ياخشى جۈپلەر بارچە قىش ، بارچە باھاردا بىللىدۇر.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 20:01:48]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.