سەن يوق(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 01:28:05

سەن يوقمۇھەممەدجان راشىدىنچىنەڭگە ئاھ ئانام زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى،بېشىڭغا قوش ...

     سەن يوق
    مۇھەممەدجان راشىدىن

    چىنەڭگە ئاھ ئانام زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،
    نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى،
    بېشىڭغا قوش تەكى- ياستۇق قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
     
    بالامنى ئالغۇچە ئەتتەڭ،سېنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،
    زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    ساڭا قانماي تۇرۇپ باغرىم ھاياتلار قەۋمىدىن كەتتىڭ،
    قۇيۇپ ئالدىڭغا قايماق چاي،سورۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    مېنىڭ ئادەمىلىكىم بولغان سېنىڭ تەنبىھلىرىڭ بىرلە،
    مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى،تۇرۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .

    ئۆزۈڭ بەرگەن ئەقىلدىن سەن ئۆزۈڭ بىر ئىمتىھان ئالساڭ،
    ئېقى قايسى،قارا قايسى تونۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
     
    چۈشۈمدە «ئۇسسۇلۇق!» دەپسەن،«ئانا» دەپ ئويغىنىپ كەتتىم،
    لېكىن پىيالىدە شەربەت سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
     
    سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم،ئېگىز شاخلارغا قول سۇنغان،
    بىراق شاختىن ئانار-ئالما،ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    ساڭا بەرگەننى ئەرزىيتى،قىرىق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزسەم،
    ساڭا شەربەتنىمۇ ھەتتا سۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    يېشىل ياز كەتتى،قاقىرلار ئەنە قايتىشتى سەپ تارتىپ،
    نېتەي ھەرياز بىرەر قوغۇن تىلىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
     
    سېنىڭ بارىڭدا قەدرىڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ،ئەمدى
    ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى يېرىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-25 1:35:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.