ئانا تىلىم- ئابدۇلھەمىد يۈسۈف ھاجىم

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-25 17:24:00

ئانا تىلىم ئابدۇلھەمىد يۈسۈف ھاجىم ئەي تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى، سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل، بارچە تىللار سەرخىلى. سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھۇزۇرۇم، تاتلىقىم، ...

     

     

     

    ئانا تىلىم

    ئابدۇلھەمىد يۈسۈف ھاجىم

    ئەي تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل، بارچە تىللار سەرخىلى.
    سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھۇزۇرۇم، تاتلىقىم،
    سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل سەندە نۇسرەت، شادلىقىم.

    ئەۋۋەلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
    كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
    سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
    سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەبزىدىن خۇشبۇي گۈلاپ.

    سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،
    سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاخلىرىنىڭ قالدىسى.
    مىللىيەت مەۋجۇد "ياران" مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
    نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.

    تىل دېگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار، رىشتە بىل،
    رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە بىل.
    ئانا تىل-مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
    ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

    ئانا تىل-تىل غەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
    ئەرەبى، فارسى ھەم ئۆگەندىم ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
    ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
    ئانا تىل- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.

    جان ياشاردى ئۆز زۇۋانىم بىرلە بىر سوز ئاڭلىسام،
    قالدى ھەيران ھەق شۇ تىلدا ئۆز ئېلىمنى داڭلىسام.
    چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل-يۇرت تىلى،
    ئۇشبۇ تىلدا پۈتتى داستان شائىرلىرىم-يۇرت بۇلبۇلى.

    ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۆپ زامان،
    ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇد شۇ يۈسۈف، ماھمۇد ھامان...
    ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلار قاتار،
    بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئۆزبېك ھەم قازاق، قىرغىز، تاتار.

    تىلغا ئەل ئەغدا، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلچىدىن،
    ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئېلى، تۇرپانۇ، كاشىغەر، ئىلچىدىن.
    دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقىنى ساقلا دەپ،
    تىل-يېزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.

    ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
    شىر نەۋائىيدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
    كىم خۇشال بولمايدۇ روھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
    ئانا تىل-بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا تۆھپە قات.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق