دادامغا دىيەلمىگەن سۆزلەر

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-06 18:08:11

ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان «مۇئەللىم»دادام تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە يازىچە دەرەخ كەسكەن يەرگە بېرىپ كۆتەك كولاپ قىشلىق ئوتۇننىڭ غېمىنى قىلاتتى.كۈزدە بولسا بىر قىش يەتكىدەك كۆمۈر ئەكىلىپ،ئۆزى يالغۇز نەچچە توننا كۆمۈرنى كېسەك قىلىپ قۇياتتى. قىشتا بولسا يازدا كولاپ چى


    دادامغا دىيەلمىگەن سۆزلەر
     

     ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان «مۇئەللىم»دادام تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە يازىچە دەرەخ كەسكەن يەرگە بېرىپ كۆتەك كولاپ قىشلىق ئوتۇننىڭ غېمىنى قىلاتتى.كۈزدە بولسا بىر قىش يەتكىدەك كۆمۈر ئەكىلىپ،ئۆزى يالغۇز نەچچە توننا كۆمۈرنى كېسەك قىلىپ قۇياتتى. قىشتا بولسا يازدا كولاپ چىقىرىلغان،قۇرۇپ تەييار بولغان يوغان-يوغان كۆتەكلەرنى پالتا بىلەن يېرىپ ئوتۇن تەييارلايتتى.دادام ھەر قېتىم كۆتەكلەردىن ئوتۇن يارغاندا ئېنىم بىلەن ئىككىمىز پالتا زەربىسىدىن چاچراپ كەتكەن ئوتۇنلارنى يىغىپ ئەكلەتتۇق.دادامنىڭ پالتا بىلەن يوغان كۆتەكنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم
    ئۇرۇپلا پارچە-پارچە قىلىۋەتكىنى كۆرسەك چاۋاك چېلىپ خوشال بوپ كېتەتتۇق.ئىش قىلىپ دادام نەزىرىمدە دۇنيادىكى تەڭداشسىز كۈچ قۇۋەت ئىگىسى ئىدى
    .
    مەكتەپكە كىردىم. ئوقۇدۇم، دۇنيانى ئۆزەمنىڭ قارىشىم بويىچە مۆلچەرلەيدىغان بولدۇم،بارا-بارا دادامنىڭمۇ مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدىغان بولدۇم.چۈنكى،ئىككى موچەن پۇلغا مەكتەپنىڭ ئالدىدا بىر قاچا لەڭپۇڭ بېرەتتى،خېلى كۆپ بېرەتتى.ئەمما دادام كۈندە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بەش بالىغا شۇ ئىككى موچەندىن پۇلنى بېرىپ بولالمايتى.بازاردا ئىستىمال شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا بىر كويغا ئون سامسا بېرەتتى.لىكىن دادام ئىككى كويغا سامسا ئەكىلىپ بەش بالىغا ھەركۈنى سامسا ئېپ بېرەلمەيتى.شۇڭا داداممۇ تايىنلىقكەن دەپ قارايدىغان بولدۇم.ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا تەخنىكوم مەكتەپتە ئوقۇدۇم. مەكتەپتە ياتاق تامىقىمىز ھەقسىز ئىدى،ھەم ھەر ئايدا 3يۇەن تۇرمۇش پۇلى بېرەتتى. لىكىن دادام ھەپتىسى پارچە خراجىتىمگە پەقەت 5يۇەنلا بېرەتتى.بەش يۇەنگە نىمە كېلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.80 - يىللاردىكى بەش يۇەنگە قىز ساۋاقداشتىن بىرىنى مىھمان قىلىپ كەلتۈرۋالغىلى بولاتتى.قاراڭ ماۋۇ ئەرزانچىلقققا: يېرىم لەغمەن 3مو بەشپۇڭ،بىر زىق كاۋاپ بىرمو،بىر قاچا قىيمىلىق ئۈگرە 2مو بەشپۇڭ.تۇخۇم قۇيدۇرسىڭىز3مو. قىزلارنىڭ يۈزىگە سۈرىدىغان مۇدەن ماركىلىق يۈزمېيى5مو،خوڭمېي يۈز مېيى4مو ئىككى پۇڭ..... ئىشقىلىپ قىزلارنى كەلتۈرگىلى بولاتتى.(يۈزۈم قېلىنمىكەن)،بۇندىن باشقا ئىككى ئاغىينىمىزنى مىھمان قىلىپ مەس قىلىۋەتكىلى بولاتتى.كوئىنلۇن داچۈ بىركوي،ئون زىق كاۋاپ بىركوي،بىر قاپ داچەنمىن تاماكا ئۈچمو ئىككى پۇڭ ، بىركويلۇق خاسىڭ دادۇر....2موغا بىر بوتۇلكا بېرىدىغان شۇ چاغدىكى گازلىق سۇ دىن ئىككى بوتۇلكا.... لىكىن ھەپتىدە بۇ بەش كوي خېلى تېجىسەممۇ يەتمەيتى.بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ
    يانچۇقىدا ئون كويلۇق پۇللار شۇنداق كۆپ ئىدىكى بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم مېھمان چاقىرسىمۇ يېتەتتى.بۇنىڭغا قاراپ دادامنىڭ ماڭا جىق-جىق پۇل بەرمەيدىغانلىقىدىن خاپا بولاتتىم


    مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقتىم. دادام ھەركۈنى ئەتتىگەندىلا مېنى ئۇخلاتماي ئويغىتىۋىتەتتى.
    ـ تۇرە-تۇرە مۇئەللىم دىگەنمۇ مۇش چاققىچە ئۇخلامدۇ؟ تەييارلىق قىلىدىغان دەرسىڭ يوقما؟
    ـ دەرسنى تەييارلاپ بولغان.
    ـ قاچان تەييارلاپ بولغان؟تەييارلاپ بولغان بولساڭ،تەكشۈردىغان تاپشۇرۇقىڭ يوقما،ماڭا قارا ،تۇرە ئورنۇڭدىن ياش ئادەم دىگەنچۇ ئىشقا بالدۇر بېرىپ ئانچە مۇنچە ئىشخانىلارنى تازىلاپ قويىدىغان....
    ـ ۋاي دادا دىجۇرنى بار تازىلايدۇ،مەنمۇ دىجۇرنى بولغاندا تازىلايمەن...
    ـ بىرەر قېتىم ساۋاپلىق ئىش قىپ قويساڭ بىر يېرىڭ ئۈزۈلۈپ كېتەمدۇ؟ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا دىجۇرنىلىك كەلگەن بولسا سەن ياش بولغاندىكىن....
    ـ ۋاي ئەجەپ كۈندە دەۋىردىكەنسەن مانا تۇردۇم ھازىر ماڭاي بولدىمۇ ؟ بۇ سېنىڭ دەۋرىڭ ئەمەس لېي فىڭدىن ئۈگۈنىپ نەمۇنچى بولىدىغان....
    ـ ماڭامسەن يوق ! ھېلى بكارجۇمۇ.....
    ـ ھە ماڭدىم ،ماڭدىم مانا-ئەبجەق ۋېلسىپىتىمنى ئالىمەن-دە دەرۋازىغا ئۆزەمنى ئاتىمەن.دادامنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇ كوتۇلداشلىرى تاكى توي قىلىپ ئۆ ئايرىپ چىققۇچە داۋاملاشقان ئىدى.
    ئۆيلەندىم ، بالىلىق بولدۇم. خىزمەتتە تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلار بېشىمدىن ئۆتتى. خىزمەتتە ھەم كۈنسىرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىبەتتە كۆپ قېتىم بۇرنۇمغا يىدىم، نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىرسىگە دەردىمنى ئېيتقۇم كەلدى. مەسلىھەت قىلغۇم كەلدى. ئويلاپ باقسام دادامدىن باشقا ئادەم ماڭا ئەڭ ياخشى مەسلىھەتچى بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.دادامدىن ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگەندىم،خىزمەت مۇناسىبىتىنى بىرتەرەپ قىلىشنى،ئائىلە باشقۇرۇشنى ئۈگەندىم. ئەمما دادام بالدۇرلا مېنى بۇ تۇرمۇشنىڭ قاتتىق،قىستاڭ،ئەگرى توقاي كوچىسىدا يالغۇز قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى. مەن بىزار بولغان دادام ماڭا قەدرلىك بىلىنىشكە باشلىغاندا ئۇ بۇ ئالەمدىن  كەتتى.
    دادام بىز يەتتە بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە نۇرغۇن جاپا چەكسىمۇ ھەرگىز ۋايسىمايتى.ئەزەلدىن بىزنى ئۇرمايتتى.ئانام ئاچچىقى يامانراق ئايال،ئۇ بىزنى ئۇرۇپ قويسا دادام ئانامنى ئەيپلەيتتى.شۇنداقتىمۇ ئانامدىن قىلچە ھېيىقمايتتۇق لىكىن دادامدىن كارامەت قورقاتتۇق.
    ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىمۇ چوڭلار تونۇشتۇرۇپ تويىمىزنى قىپ قويغان، شۇنداق ئېسىمدە ئەتە تويۇم بولىدۇ دىگەن كۈنى كېچىدە ئۇخلاۋاتسام بىرى بېشىمنى سىلىغانلىقىنى بىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم. دادام بېشىمدا مۇلايىم كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ. دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم.لىكىن دادام يېتىۋەرگىن سېنى يوتقاننى ئېچىۋىتىپ زۇكام بوپ قالمىسۇن دەپ كىرگەن ئىدىم دىگەندەك شۇنداق بوپتۇ. دەپ يوتقىنىمنى ئوڭشاپ قويدى.قارىسام دادامنىڭ ماڭا نىمىنىدۇ دىەۈسى باردەك قىلاتتى.نەچچە تەمشىلىپ يەنىلا دىيەلمىدى بولغاي،ئاخىرى باشقا گەپلەرنى قىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.ئەلۋەتتە دادامنىڭ نىمە دىگۈسى بالىقىنى بىلمىسەممۇ لىكىن دادامنىڭ ئەخلاق يۈزسىدىن نەچچە تەمشىلىپ دىيەلمىگەن گەپلىرىنى كۆڭلۈمدە سىزىپ تۇرغان ئىدىم. ھەرقانداق دادا ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش- بالاغەتكە يېتىش ھەم ئۆيلۇك ئوچاقلىق بولىشىنى كۆرۈشتىنمۇ ھاياجانلىق ئىش بولمىسا كېرەك
    .

    بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ22ياشلىق يىگىتنىڭ دادىسى بولۇپ قالدىم.يەنە بىرنەچچە يىلدىن كىيىن مەنمۇ باشقا بىر ئائىلىنىڭ ئارزۇلۇق قىزىنىڭ قېيىن ئاتىسى بولۇپ قالىمەن.(ئاللا نىسىپ قىلسا).
    دادام رەھمەتلىك ئەزەلدىن كېلىنلەرگە ئۆرە قارىمايتتى.كېلىنلەر تاماق ئېپكەلسە ئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىن ئالاتتى.كېلىنلەرگە ئەزەلدىن ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلمايتتى. ئۇلارغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاناملا دەيتتى.شۇڭا ئىككى يىل بىللە ئولتۇرغان كەنجى كېلىن ھازىرغىچە رەھمەتلىك دادامنىڭ ئاۋازى قانداق چىقاتتىكىن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن دەپ قويىدۇ.دادامنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ،ئوغۇللار پوخۇلۇق قىلىپ خوتۇنلىرىغا ئازار بەرسە ياكى ئائىلىدە ئۇششاق ئىشلا توغرىلىق جىدەللىشىپ قالسا پەقەت سورىمايلا گۇنانى بىزگە ئارتىپ بىزنى ئەيىپلەيتتى.
    ـ ئوغۇل بالا تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنى بىر تەرەپ قىلالماي، خوتۇنىڭنى ئۇردۇڭما ؟ ئېسىت-ئېسىت، نومۇس قىلساڭچۇ ؟ مەن ئەكىلىپ قويمايمەن ،قانداق ھايدىۋەتكەن بولساڭ شۇنداق قايتۇرۇپ كەل،كېلىنىمنى ئالماي بۇ ئۆيگە قەدەم باسقۇچى بولما !- دەيتى-يۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئانام بىلەن بېرىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلەتتى. بىر قېتىم شۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىزمۇ دادامدىن قورقۇپ ئاچچىقىمىزغا ھاي بېرەتتۇق.خوتۇنلارمۇ دادامدىن تەسىرلىنىپ يۇۋاشلاپ قالاتتى.
    ئوغلۇم ھەر ھەپتە مەكتەپتىن قايتىپ غولۇمنى ئۇۋىلاپ،پۇتلىرىمنى تۇتۇپ قويىدۇ.گەرچە مەن ئۇ دەرىجىدە قېرىپ كەتمىگەن بولساممۇ ئەمما ئۇ پەقەت ئۇنىمايدۇ.
    ـ ھېرىپ كەتتىڭىز دادا ،تۇتۇپ قوياي، ئۇۋىلاپ قوياي - دەپ تۇرىۋالىدۇ.مۇشۇنداق چاغدا دادامنى ئويلاپ قالىمەن.
    ـ دادام كۆتەك كولاپ ھېرىپ كەتكەندە كىچىك بولساممۇ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى تۇتۇپ قويمىغاندىمەن؟ كۆتەك يارغاندا قاپىرىپ كەتكەن قوللىرىنى نىمىشقا سىلاپ قويمىغان بولغىيدىم؟ جاھاننىڭ قاتتىقچىلىقدا پونكىتتىن بەرگەن سېرىق قوناقنىڭ ئۇنىنى سېتىپ بۇغداي ئۇنىغا تېگىشىپ كېلىمەن دەپ قەھرىتان قىشتا ۋېلسىپىت بىلەن 30نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ، بىزنى بېقىش ئۈچۈن ھاردىم دىمەي 2يۈز جىڭلىق تاغارنى يۈدۈپ كىرسە نىمىشقا كىچىك قوللىرىم بىلەن تاغارنىڭ بىر بۇرجىكىنى تۇتۇشۇپ بەرمىگەندىمەن؟ نىمىشقا غولىنى ئۇۋىلاپ پۇت قوللىرىنى يۇيۇپ قويمىغاندىمەن؟ھەر يىلى بالىلىرىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن،بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن ئانىسى ئىككىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزمۇ بالىلارنىڭ زورى بىلەن ئۆتكۈزلىدىغان بولدى.لىكىن دادامنىڭ تۇەۇلغان كۈنىنى نىمىشقا ئۆلۈپ كەتكىچە سوراپ باقمىغاندىمەن؟......
    ئويلاپ باقسام دادامغا :
    ـ دادا مەن ساڭا ئامراق دەپ باقماپتىمەن ! ئەمما رەھمەتلىك دادام يەتتە بالىسىنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق ئامراق ئىدى.
    ئويلاپ باقسام دادامغا :
    ـ ھېرىپ كەتتىڭ بىردەم ئولتۇرۋال ، مەن قىلاي دەپ باقماپتىمەن، ئەمما دادام ئۆمۈر بويى بالىلىرى ئۈچۈن ھاردىم دىمەي خىزمەت قىلدى.
    ئويلاپ باقسام دادامغا كۆپ قەرزداركەنمەن. لىكىن دادام ئەزەلدىن مەن بەرگەن پۇلنى ئالغان ئەمەس. ئويلاپ باقسام دادامنى پەقەت كۆتۈرۈپ باقماپتىمەن ئەمما دادام يەتتە بالىنىڭ ھەممسىنىڭ ئېغىرىنى يەتكىچە كۆتۈرۈپتىكەن.
    ئويلاپ باقسام .....
    ئويلاپ باقسام ....
    ئويلاپ باقسام .....
    ئەمدى بولسىمۇ دەۋالاي !
    ــ دادا مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن !  مەن ساڭا ئامراق !  دادا مەن سېنى سېغىندىم، سېنى بەك سېغىندىم...............

    تۈگىدى.
    2011-يىلى30-ماي.


    ئەسكەرتىش: بۇ يازما orkixi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-31)


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دادا