بىر ئايالنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى(ھاياتنوپۇس مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-01 10:02:02

بىر ئايالنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى(ئەدەبىي خاتىرە)ھاياتنوپۇس مۇھەممەت مەن ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى پەقەت خاتىرە يېزىۋاتقاندىلا ھېس قىلىمەن ، ئۆزۈمنى تىڭلايمەن . قەلىمىمنىڭ توختاپ قېلىشى - روھىمنىڭ پۈچە...

    بىر ئايالنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى(ئەدەبىي خاتىرە)
    ھاياتنوپۇس مۇھەممەت



       مەن ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى پەقەت خاتىرە يېزىۋاتقاندىلا ھېس قىلىمەن ، ئۆزۈمنى تىڭلايمەن . قەلىمىمنىڭ توختاپ قېلىشى - روھىمنىڭ پۈچەكلىشىپ ، يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . قەلەم بىلەن سىردىشىش - مېنىڭ ۋىجدانىمنى، غۇرۇرۇمنى ، ئاياللارغا ، ئانىلارغا خاس قەلبىمنى تاۋلايدىغانلىقىنى سەن مەڭگۈ چۈشىنەلمەيسەن . مەن بۇنى قەلەم ئارقىلىق خاتىرىگىلا يازالايمەن .
       شۇنى بىلگىنكى ، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىن يەرگە چۈشۈپلا ساڭا تەئەللۇق بولۇپ تۇغۇلمىغان . مەن سەن بىلەن تونۇشۇپ بولغۇچە بولغان ھايات مۇساپەمنىڭ ئۈچدىن بىرىنى ئۆزۈمگە خاس روھىي بايقاشلىرىم ، كۆزىتىشلىرىم ، نۇرغۇنلىغان روھىي ماجىرالىرىم بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، ھايات ، ياشاش ، تۇرمۇش ، قىز-ئاياللار قەلبى ، ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاياللار ۋە غايىلىك قىزلارنىڭ دۇچ كېلىشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە مۇئەييەن تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغان . شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى ، بۇ ۋاقىتلاردا سەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدىڭ! ئۇلار مېنىڭ مۇستەقىل روھىي خەزىنەمگە تەئەللۇق . ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بېشىمدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتە ئەمەسلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك!


       مەن كەم دېگەندە مۇشۇ 30 ياشقىچە ئۆز تۇرمۇشۇمنى ، ئۆزۈمگە خاس روھىي دۇنيايىمنى ئۆزۈم باشقۇرۇپ ، توي قىلماسلىقىم كېرەكتەك ئويلاپ قالىمەن . چۈنكى روھىي ھاسىلاتلىرىمنى ئىپادىلىمەي ، يەنە نۇرغۇن غۇۋا چۈشەنچىلىرىمنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ ، ئۇ تىنىمسىز قاينامنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيىتىمنى تالان-تاراج قىلىشقا ، مېنى ھەدېسىلا يۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ ، مېنى نورمالسىز ، تەڭپۇڭسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشىغا يول قويماسلىقىم ، ئۆزۈمنى پەرۋىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىم ، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كېرەك ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغىشىم ، ئۇلارنىڭ يەكلىشىگە ، جەمئىيەتنىڭ ، ئىجتىمائىي قاينامنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەخسىي تۇرمۇشۇمنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.
    ئىجتىمائىيلىشىپ كەتكەن كىشىلەر ئارىسىدىن  مەن كۆزگە ئىلىدىغان بىرسىنى تېپىشىم ۋە ئۇنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىپ ، ئازراق بولسىمۇ روھىي بېسىمىمنى يېنىكلىتىپ نورمال ئادەم سىياقىدا ياشىشىم كېرەك ئىدى.


       سەن دەسلەپ بۇلغانمىغان روھىڭ بىلەن تۇرمۇشۇمغا بۆسۈپ كىردىڭ . ئۇزاققا بارماي رېئاللىق سىغدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئاتالمىش غۇرۇرۇڭنىڭ شەخسىيەتچىلىكى مېنى ھەربىر ئېغىز سۆز ، ھەربىر قەدەم ، ھەربىر خىيالغا قەدەر سىقىشقا باشلىدى . مەن ئەسلىدىكى سوغۇققان ، كەڭ قورساق ۋە مەردانە مىجەزىمنى يوقىتىپ ، سېنىڭ چەكتىن ئاشقان روھىي بېسىملىرىڭدىن ئەسلى تەبىئىتىمنى يوقىتىشقا باشلىدىم . سەن كىچىك بالىدەك پەرۋىش قىلىشنى كۈتەتتىڭ . مەن سېنىڭ ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپ ھاجەتلىرىڭدىن ئاران چىقىپ بولالايتتىم . ئۆزۈمگە خاس روھىي دۇنيايىمدا ئۆزۈمنى تىڭلاشقا ، ئۆزۈمنى ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى ئىپادىلەشكە ۋاقىت ، پۇرسەت يوق ئىدى . نۇرغۇن تۇيغۇلار روھىمدا چۆكمە ھاسىل قىلىپ قېلىۋەردى ، قېلىۋەردى...
    سەن ئۈچۈن مەيلى ھېسسىيات ، مەيلى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى جەمئىيەت ، ئائىلە ۋە روھىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىستىقبال جەھەتتىن بولسۇن تۆلىگەن بەدىلىم تولىمۇ كۆپ بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا يەنىلا رازى ئىدىم . ۋىجدانىم ئالدىدا ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم ئۈچۈن مەيلى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ياشاي ۋە ياكى ياشىماي ، ئۆزۈمگە يۈز كېلىپ ئازابلانماي ، ئۇنىڭ قەلبىگە ئاستا-ئاستا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ مىجەز-خاراكتېرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشاي دەپ ئويلايتتىم . ئۆزۈمگە خاس ياشىمىغانلىقىم ، ئۆزۈمدىن قېچىپ روھىمدىن قورقۇپ ، يۈزلىنىشىمدىن قېچىپ روھىمنىڭ سايىسىگە مۈكۈۋالغانلىقىم ئۈچۈن روھىم تەرىپىدىن قاتتىق جازالاندىم . مەن ئەسلى رېئاللىقنىڭ ، ئىجتىمائىيەتنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ئۆزۈمگە خائىنلىق قىلغانىدىم . ئاخىر بۇ ئاسىيلىقىم مېنى ھەر ئىككىلا تەرەپتىن جازالىدى . چۈنكى مېنىڭ بارلىق ئىزدىنىشلىرىم ، روھىي پائالىيەتلىرىم رېئاللىقتىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ، دەرىجىدىن تاشقىرى قارام ۋە ئەسەبىي غۇرۇرۇڭنىڭ تەلۋىلەرچە شەخسىيەتچىلىك بىلەن غەۋغا كۆتۈرۈشى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۈن-تىنسىز ، ئېتىبارسىز بىچارىلەرچە قۇربان بېرىشى كېرەك ئىكەن!


    سەن مېنىڭ سىقىلىپ ئاچچىق-ئاچچىق نەپەستە ئۈزۈلۈپ چىققان ، چۆكمە بولۇۋېرىپ بېسىم ھاسىلاتىدىن ئېتىلغۇدەك بولۇپ تۇرۇۋاتقان ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش ھوقۇقىدىن ، نورماللىقىدىن مەھرۇم بولۇپ ، قانات-قۇيرۇقى بۇغۇچلانغان ، پەرۋازىدىن ئايرىلىپ ئەقىل كۆزىمۇ خىرەلەشكەن ، چۈشكۈنلەشكەن روھىمنىڭ زەئىپ رىتىمى بىلەن ياشىماقچىمۇ؟ بۇنىڭدىن خۇشاللىق ، ئۆزۈڭگە ئازادىچىلىك ، مەندىن قانائەت تاپالامسەن؟!...


    ***
    سەن تۆلىگەن بەدەللىرىمنى يوققا چىقىرىپلا قالماي غۇرۇرۇمنى ، قەلبىمنى رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلدىڭ!
    مۇھەببەت ئادەمنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدىكەن . بۇ خىل كورلۇق توي قىلىپ بارا-بارا سۈزۈلۈشكە باشلايدىكەن . چۈنكى ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ چېتىلىش دائىرىسى كۆپ زەنجىردە ، ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ چېتىلىش زۆرۈرىيىتى ئارقىلىق ، ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ تاللىنىدىكەن ياكى شاللىنىدىكەن . ۋەھالەنكى ، مۇھەببەت بۇنداق چىگىش زەنجىرنى بىر نۇقتىغىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالغان بولغاچقا ، ئۇ كۆپ نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ ۋە بايقىيالمايدۇ . ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس ، كۆزى كۆرمەس بوپقالىدىغانلىقى ھەقىقەتەن راست.
    مەن ئەنە شۇنداق بىر ئاجايىپ تراگېدىيىلىك جەرياننى بېشىمدىن كەچۈردۈم . مەن قانداق قىز ئىدىم؟ ھازىر قانداق بولۇپ قالدىم؟.. . بۇنىڭ ئارىسىدىكى يوقاتقانلىرىمنى ، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل تولدۇرۇپمۇ تولۇقلاپ بولالمايمەن!


    ئاچچىق-ئاچچىق ئېچىنىمەن . زەئىپ تېنىم ، يوقالغان جاسارىتىم ، بۇغۇچلانغان تەپەككۇرۇم ۋە ئۆزۈمگە خاس روھىي دۇنيايىمدىكى پائالىيەتلىرىم ، چېچىلغان زېھنىم ، ئاجىزلىشىپ ۋە ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىم پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى ئۆزۈمنى يۈتتۈرۇپ قويدى . مەن خارابىيلىققا ئايلانغان ، ئېتىبارسىزلا يوقالغان قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىم ئۈچۈن پۈتۈن يەر-جاھاننى تىترىتىپ ، دۇنياغا پاتمايۋاتقان ھەسرەتلىك چۇقانلىرىمنى ئىپادىلەشكە ئاجايىپ ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن!.. . شۇنچىۋالا ئېغىر يۈكنى تەنھا كۆتۈرۈپ ، مۈدۈرۈپ-دوقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاجىزە مەنمۇ زادى؟! مېنى تۇرمۇش ئۆز قوينىغا ئالمىدى.. . تۆلىگەن بەدەللىرىمنىڭ ۋەزنى ھېسابسىز...
    پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئازاب يېشى ، روھىدىن چىدىغۇسىز تەنھا ھەسرەت ، يەككە-يېگانە چۇقان كۆتۈرۈۋاتقان مەندەك بىر ئاجىزەنى  قۇرۇپ كەتكەن قاقشال مۇھىتىدا ئۆزىنى قايتىدىن قېزىشقا مەدەت بەرگەيسەن خۇدا!؟...


    ***
    مەن ئۆزۈمدىن ، روھىمدىن قاچتىم . ئۆزۈمنى تۇرمۇشنىڭ تېنىمسىز ھەم رەھىمسىز قايناملىرىغا تاشلىدىم . ئۇنىڭ مېنى تالان-تاراج قىلىشىغا ، ئىرادەمنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، جاسارىتىمنى بوشاشتۇرۇشىغا ، مەغرۇرلۇقىمنى تىز پۈكتۈرۈشىگە ، غالجىر ئىتنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا تاشلانغان بىچارە كەبى تاشلاپ بەردىم! تۇرمۇش ئالدى بىلەن جىسمانىيىتىمنى خورىتىپ ، تۈرلۈك كېسەللەر بىلەن چىرمىدى . روھىمنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلىپ ، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغۇزدى . نېرۋامنى قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىپ ، مېڭەمنى ، روھىي كۈچۈمنى خوراتتى . روھىي ۋە جىسمانىي كۈچۈمنىڭ يېرىمىمۇ قالمىدى ، كۈچلۈك ۋىجدانىمغا ئېلىپ ، ھەممىگە ئالىيجانابلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىم . زور بەدەل تۆلەش جىددىيلىكى بىلەن ئۇھ دېگۈدەك ھالىم ، مادارىم قالمىدى . ئىرادەم ، جاسارىتىم ، جۇشقۇن شوخلۇقۇم سۇندى...
    ساپاسىزلىق ، قالاقلىق ، پىتنە-پاسات ، نادانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مۇھىتتا بەل قويۇۋەتمەي روھىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئىزدىشىم ، كەسىپكە ئۆزۈمنى ئاتاپ ھەم ئىجتىمائىي قاينامغا جەڭ ئېلان قىلىپ ، غالىبلارچە ئىجتىمائىي ۋە روھىي ئۈستۈنلۈكنى تاللىشىم «ئەجنەبىلىك» ھېسابلىناتتى . ئۆزۈمگە خاس ياشىشىم زور توسالغۇغا ئۇچرايتتى . شۇڭا مەن ئەتراپىمدىكى بارلىق ئاياللارغا ئوخشاش ياشىشىم ، ئالدى بىلەن شەخسىي تۇرمۇشۇمنى تاللىشىم ، ئاخىرىدىمۇ ئۇنى تاللىشىم ، ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەممىنى سىغدۇرۇپ ، سۈكۈت ئىچىدە ياشىشىم كېرەك ئىدى! بولمىسا كىشىلەر ، جەمئىيەت مېنى غاجاپ-تالاپ ، تالان-تاراج قىلىۋېتەتتى ، بۇ ئاتا-ئانامغىمۇ زور بېسىم . مەن شەخسىي تۇرمۇشۇمنى تاللىشىمدا غۇرۇرى كۈچلۈك ، ئەسەبىيرەك بىرسىنى تاللىشىم ، بارلىق ۋاقتىم ، زېھنىمنى ئاشۇنىڭغا قاراتقان ھەلەكچىلىك بىلەن ئۆزۈمنى ئاستا-ئاستا يوقىتىپ ، تۇرمۇشقا سىڭىشىم كېرەك ، دەپ ئويلىدىم.. . شۇنداق ، ئائىلىنىلا ئويلىشىم كېرەك...
    جىسمانىي كۈچۈم يوقالدى ، روھىي كۈچۈم ئاران-ئاران ئۆزىنى ئاڭقىرالىغۇچىلىك ئەس-ھوشقا ئەسىرلىك بىلەن ئېرىشەلىدى . تۆلىگەن بەدەللىرىم چەكسىز ، يۈكۈم ئاجايىپ ئېغىر . مەن قاتتىق ھالسىراپ كەتتىم . ئۆزۈمدىكى بۇ ھارغىنلىقنىڭ ئېغىر ۋەزنىنى مۆلچەرلەشكىمۇ ئاجىزمەن.. . قاچانغىچە بىلىمنى رۇسلىيالماي ، قەددىمنى تىكلىيەلمەي يۈرۈيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن! جاسارىتىمنى ئەسلىدىكى بۈيۈكلۈك روھىي قاتلىمىدىكى جۇشقۇنلۇقۇمنى ، تەپەككۇرۇمنى ، نېرۋا سۈزۈكلۈكىمنى ئىزدەپ تاپالىشىم مۇمكىنمۇ؟ بىلمەيمەن . بىراق مەن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن . ئەمما مەن چەكسىز ھارغىنمەن . روھىي ۋە جىسمانىي  جەھەتتىن تەسۋىرلىگۈسىز ئاجىزلاپ كەتتىم . ئەقلىي كۈچۈم ، نېرۋام ئاجىزلاپ كەتتى.. . تۇرمۇش مېنى قوينىغا ئالمىدى . ئۆكۈنىدىغىنىم - قۇربان بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان بىر نادانلار قوۋمى ، شەخسىيەتچى ، كور ۋە نادان بىرسىگە قۇربان بەرگەندىمەنمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت ، خالاس.


    ***
    پەرزەنتىمنىڭ ئىڭەلەپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەن تەڭ پۈتكۈل كائىناتقا ئانىلىق تەزىرىمدە كۈلۈمسىرەپ باقتىم.. . «مەن - ئانا» دەيدىغان بىر سادا بىلەن پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمدىكى ھەممە نەرسە لەرزىگە كەلدى . سەزگۈلىرىم قايتىدىن ئويغىنىپ ، نېرۋىلىرىم سەگەكلەشتى . تەسۋىرلىگۈسىز بىر مېھىر ئېقىمى ۋۇجۇد-ۋۇجۇدلىرىمغا تارقاش بىلەن تەڭ ، ئۆزۈمنى دۇنياغا باشقىدىن يارالغاندەك ھېس قىلدىم . سوغۇققان بىر مەسئۇلىيەت ، تەلەپچان ، پەرۋىشكار بىر ۋەزىن ئانىلىق سۈپىتىمگە بىرىكىپ كەتتى.. . توغرا ، مېنىڭ ھاياتىم ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق ئەمەس ، مەن ئۆزۈمنى ئويلاشتىن بالامنى ئويلاشقا ، ئۆزۈم ئۈچۈن تىرىشىشتىن بالام ئۈچۈن تىرىشىشقا ، قىسقىسى - ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاشتىن پەرزەنت ئۈچۈن ياشاش بەختىگە ، شەرىپىگە ئېرىشتىم.
    ئانا بولغانلىقىم ئاياللىق تۇرمۇشۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ، ئانا بولغانلىقىم تۇرمۇشقا ، ئۆزۈمگە ۋە شەيئىلەرگە ، باشقىلارغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىشنى يېڭىدىن باشلىغانلىقىمنىڭ ۋە باشلىشىم كېرەكلىكىنىڭ جانلىق پاكىتى!
    ئانىلىق پەزىلەت دۇنيادىكى ئەڭ مېھىرلىك ، ئەڭ ئوتلۇق ، ئەڭ خالىس ۋە ئاجايىپ پەرۋىشكار ، ساداقەتمەن پەزىلەتكى ، ئۇنىڭ ھارارىتىدىن قۇياشمۇ ئېرىپ كېتىدۇ!.. . دۇرۇس ، مەن ئانا بولغانلىقىمنى ھېس قىلغاندىن باشلاپ ، ئۆزۈمنى قايتىدىن دەڭسەپ ، ئوپېراتسىيە قىلىپ ياساپ چىقتىم . چۈنكى مەن پەرزەنتىمنىڭ مېھرىبان ئانىسى بولۇپلا قالماي ، پەرۋىشكار ئۇستازى ، تەلەپكار يېتەكچىسى ، سىرداش دوستى بولۇپ ، ئۇنى يۈرىكىم ئارىسىغا ئېلىپ ئاسراپ ، ئىسسىقلىق ھارارىتىم بىلەن ئۆستۈرۈشۈم ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىم كېرەك . ئۇنى ياراملىق ، يۈكسەك ئادىمىيلىك ساپاغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئارتۇق ماڭا يەنە قانداق شەرەپلىك ۋەزىپە ، يۈكسەك ئارزۇ بولسۇن؟ چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ داۋامى ئەمەسمۇ؟ بىر ئانا ئۈچۈن پەرزەنتىنى ھەر جەھەتتىن سۈپەتلىك تەربىيىلەشتىن ئارتۇق شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغۋار ۋەزىپە يوق.
    مەن ئانا بولغاندىن باشلاپ ئۆزۈمنى ئويلاش ئەركىنلىكىمدىن شەرەپ بىلەن مەھرۇم بولغانلىقىمنى ھېس قىلغان ، شۇنداقلا ئۆزۈمنى ئويلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى - پەرزەنتىمنى ئويلاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن . شۇڭا ئانىلارنىڭ شۇقەدەر جاپاكەش ، شۇ قەدەر مېھرىبان ۋە تەڭداشسىز پىداكار ، تەسۋىرلىگۈسىز بەدەل تۆلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئاجايىپ بىر ھەسرەتلىك مۇھەببەتتە ئاستا-ئاستا ھېس قىلىۋاتىمەن.. . ئانىلىق بەختى ئېلىپ كەلگەن بۇ تاج ئادەمگە ھەم خۇشاللىق ، ھەم كىشەنلەنگەن ھايات ئېلىپ كەلسىمۇ ، كەينىمگە يېنىشنى ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشنى  خالىمايمەن . چۈنكى مەن ئۆزۈمنى ئويلاش ئەركىنلىكىمدىن ئاللىقاچان مەھرۇم بولغانلىقىمنى بىلىمەن.

    ئۆزۈمنى تونۇۋالدىم

    خىزمەتكە چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرىمنى ئەسلىسەم ، ئۆزۈمدىن ھەقىقەتەن سۆيۈنىمەن . بۇ مەزگىلدىكى تىرىشچانلىقىم ، زېھنىمنىڭ ئۆتكۈر ، تەپەككۇرۇمنىڭ چوڭقۇر ، جاسارىتىمنىڭ كۈچلۈكلۈكى ، ئىزدىنىشچان روھىمنىڭ چاپچىپ تۇرۇشى ياشلىقىمنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىكەن.
    كۈچلۈك غۇرۇر ۋە ئۆز قىممىتىمنى يارىتىش ، تونۇش سەۋەبىدىن ئۆزۈمنىڭ يېشىغا ماس بولمىغان دەرىجىدە سوغۇققان ئىدىم . مەسىلىلەرگە يۈكسەكلىك چوققىسىدىن چوڭقۇر قارايتتىم . قۇرۇق سۆز ، قۇرۇق پاراڭ قىلىپ ئولتۇرىدىغان قىز-ئاياللار بار جايغا بارمايتتىم . ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسىغا قىزىقمايتتىم . كىتاب كۆرۈشكە ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ھېس-تۇيغۇ ، كۆزقاراشلىرىمنى يېزىشقا ئامراق ئىدىم . ئاندىن تۈرلۈك ئاممىۋى ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئامراق ئىدىم.
    يۈكسەك مەنىۋى قىممەت قارىشى بىلەن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىپ ، ئاڭ ، ساپاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىم ، كىشىلەرگە شۇ بويىچە مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىم ھەمدە ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن تەكەببۇر كۆرۈنەتتىم . ئۆزۈممۇ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم . ئۆزىنى تۈزەپ يۈرگەن ، ئىلمىي ئاساستىكى خاراكتېرى ئۈستۈن قىز-ئاياللارنى ياقتۇراتتىم . قورسىقىدا ئۇماچنىڭ تايىنى يوق ، ئاڭ ساپاسى تۆۋەن ، دۇنيا قارىشى ناچار تۇرۇپ غادىيىۋالغانلارنى ئۆچ كۆرەتتىم . دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك پىئېل ، كۈلۈپلا تۇرىدىغان ، بىر ئېغىز گەپ سوراپ بولغۇچە بەش ئېغىز جاۋاب بېرىپ تۇرىدىغانلار بىلەنمۇ خۇشام يوق ئىدى . ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدىغان ، كىشىلەرگە مەلۇم ئارىلىق قالدۇرغان ئاساستا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ، يېقىملىق ھۆرمەت تۇيغۇسى قورغىيالايدىغان قىز-ئاياللارنى ياقتۇراتتىم .
    نەزىرىمدە بۇنداق قىز-ئاياللار ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلەتتى . قانداق ياشاش ، ئائىلە ، جەمئىيەت ، خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايتتى . ئەرلەرمۇ بۇنداق قىز-ئاياللاردىن ئەيمىنىپ مۇئامىلە قىلاتتى . ئۇلارغا كەلسە-كەلمەس پاراڭ قىلالمايتتى . ئىچىدە كۆيسىمۇ ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتى ياكى ئەيمىنەتتى ، ئېھتىيات قىلاتتى . مەن بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە شۇنداق تەسىر بېرىشىنى ، «قىز-ئايال» دېگەندە قايتىدىن ئۆزىنى بىر ئوڭشىۋېلىپ ، كەيپىياتىنى ، دېمەكچى بولغانلىرىنى دەڭسەپ ئويلاپ بېقىپ ، دىققەت قىلغان ، ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئاندىن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىشنى بەك ئۈمىد قىلىمەن . شۇنداق بولغاندىلا قىز-ئاياللارنىڭ ئەرلەر قەلبىدىكى ئوبرازى قايتىدىن تىكلىنىپ ، ئۇلارنى قورچاق ئورنىدا كۆرىدىغانلارمۇ ئازايغان بولاتتى.
    خىزمەتكە قاتناشقان 3 - 4 يىل ئىچىدە جەمئىيەتنى ، كىشىلىك تۇرمۇش ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ، كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ، ئەخلاق ، قىممەت قاراشلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندىم . مەنىۋىيەتنى ، مەنىۋى قىممەتنى ئەمەس ، ماددىي قىممەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ، مىجەز-خاراكتېرى ، بىلىم قۇرۇلمىسى ، ئىدىيىۋى ساپاسى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئازراق ھوقۇقى بولسىلا «ئېشەكنى غوجام دېيىش»كە شەرەپلىك تۇيغۇدا تەييار تۇرۇش ، ھوقۇقى ، پۇلى يوقلارنىڭ كۆزگە ئېلىنماسلىقى ، ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشمەسلىكى مېنى قاتتىق سەسكەندۈردى . «ۋىجداننى ، غۇرۇرنى يېگىلى بولامدۇ» دەپ بىزەڭلەرچە سورالغان سوئاللارغىمۇ دۇچ كەلدىم . شۇنى چۈشەندىمكى ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ، ھەممىدىن مەنىۋى قىممەتنى ، روھىي بۈيۈكلۈكنى ئۈستۈن ئورۇندا قويۇشۇم ، ئۆزۈمنى قېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشۇم ، ئىزدىنىشىم ، شەخسىي تۇرمۇشنى ئالدىدا ئويلاشماي ، كەسىپنى ئالدىن تاللىشىمنىڭ ھەممىسى ئەخمەقلىق ، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغانلىق بولىدىكەن.


        ئەگەر توي قىلماي ، بىرسىنىڭ پېشىنى تۇتماي تۇرۇپ ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرىمەن ، ئىزدىنىمەن دېسەم ، ماڭغان ھەربىر قەدىمىم باشقىلارنىڭ نەزىرىدە گۇمانلىق ، سالام-سەھەت قىلىشقان بارلىق ئەرلەر بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەت بولۇپ تۇيۇلىدىكەن . ماڭغان قەدىمىمنىڭ سانىنى ، رىتىمىنى ساناپ بېكىتىپ ، رىپىرلىق قىلىدىغانلار كۆپ ئىكەن . قىسقا كىيىم كىيسەم «توۋا» دەپ بۇرنىنى تۇتىشىدىكەن ، ئۇزۇن كىيىم كىيسەم «قاراڭلار» دېيىشىدىكەن . قېلىن كىيىم كىيسەم «نېمە بولغاندۇ» دەيدىكەن ، نېپىزىنى كىيسەم «سۆز قويمىدۇق شۈكرە» دېيىشىدىكەن . ئىشقىلىپ نېمە ئىش قىلىپ ، قانداق رىتىمدا ماڭاي ياكى مېڭىشتىن ۋاز كېچىپ يېتىۋالاي يەنىلا كىشىلەرگە ئەرزىمەيدىكەنمەن . يەنىلا ئۇلار قانداق شەكىلدە بولسام شۇ شەكلىمدىن ، قىياپىتىمدىن قۇسۇر تاپىدىكەن .  ئۇلاردىن قورقساممۇ شۇ ، قورقمىساممۇ شۇ ، ئېھتىيات قىلساممۇ شۇ ، ئېھتىيات قىلمىساممۇ يەنىلا بەرىبىر ئىكەن . چۈنكى ئۇلاردا ، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ياكى باھالىشىدا مەلۇم ئۆلچەم ، قېلىپ يوق ئىكەن . ئۇلارنىڭ باھاسى كوت-كوتلۇق ، زېرىكىشلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن كىچىك بالا قولۋاق ياساپ ئوينىغاندەك ھەر خىل شەكىلدە گەپ ياساپ كۆڭۈل خۇشى قىلىش شەكلىنى ئالغان ھەسەتخورلۇق ، ئىچى قوتۇرلۇق ، مەۋقەسىزلىك ، مۇستەقىل قاراشتىن ئەسەرمۇ يوق ، يورغىلاتما ، زەھەرلىك گەپ-سۆزلەر ئىكەن . نەتىجە قازانساڭ ھەسەت قىلغان ، نەتىجە يارىتالمىساڭ كۆزگە ئىلمىغان مۇئامىلىلەر بىلەن قورشالغان بۇ كىشىلەر توپى ئىچىدە ، ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ، ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ ، يۇمىلاق خاراكتېردە قاينامغا قوشۇلۇشمۇ ئوخشاشلا بەك تەس ئىكەن . مەن قاتتىق گاڭگىراپ قالدىم ، ئازابلاندىم . ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغىم يوق ، پەقەتلا...
    شۇنىسى ئېنىقكى ، ئارتۇقچە بېسىم ئادەمنى چارچىتىپ ، چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدىكەن . تۇرمۇش رىتىمىغا ، قەدەملىرىمگە رىپىرلىق قىلىپ ماڭا سۈرئەت بەلگىلەشكە ئورۇنۇۋاتقانلارنىڭ ، باھالىغۇچىلارنىڭ كەلتۈرگەن بېسىمى ماڭىلا ئەمەس ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن قىز بولغۇچى قاتمۇقات قىيىن قىستاق ، قورشاۋ ، بېسىم ئىچىدە قالىدىكەن . گويا ھەممە ئادەم ئۆزىگىلا تىكىلىپ تۇرغاندەك كۇسۇرلىشىپ ، يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىپ ، مېڭىش يوللىرىنى توسۇۋالغاندەك ، ئاندىن ئۆزىدىن يىراققا ئىتتىرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، ئۆزىنى تولىمۇ يەككە-يېگانە ، يېتىم ھېس قىلىشقا باشلايدىكەن.

       مەنمۇ شۇنداق تەسىرلەردىن خالىي بولالمىدىم . ھاياتىمنىڭ ئالتۇن پەسلى بىلەن يىغلاپ ، ئاجايىپ كۈچلۈك ھەسرەتنى يۈرىكىمگە سىغدۇرالمىغان ھالدا خوشلاشتىم!.. . مېنى ئىللىق قوينىغا ئالمىغان كىشىلەر توپىغا بۇرۇنقىدەك يېقىملىق ۋە دادىل ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ئەمەس ، ئېتىبارسىزلا قارايدىغان ، ئۇلارغا ئاغرىنىش ئىچىدە جىمغۇر ، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم . روھىي دۇنيايىم بۇرۇنقىدەك جاراڭلاپ تۇرىدىغان سۈزۈكلۈك ۋە يۈكسەكلىكنىڭ ئورنىغا ، تۇمانلىق چۆكمە ۋە جاراھەت بىلەن قاپلانغان تۇرغۇنلۇقتا توختاپ ، ئۆزىگە مەھكۇم قىلىندى . تېتىك ، جۇشقۇنلۇقۇم يوقالدى . ھەسرەتلىك بولساممۇ مەغرۇر قەددىم پۈكلەنمىدى . ئاخىر ئاياللار توپىغا قوشۇۋېتىلىپ ، مانا مۇشۇنداق كەيپىياتتا ياشاشقا باشلىدىم.
    ئەمما كاللامنى ، يۈرىكىمنى ، خاتىرەمنى ئالماشتۇرالمىغانلىقتىن مەن يەنىلا ئەسلىدىكى ئۆزۈم ئىدىم . چۈشىنىشتىن كېيىنكى ئېغىر سۈكۈتتە ئۆزۈمنى ئالداپ ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەكلەرگە ۋاقتىمنى ، زېھنىمنى گول قىلىپ ، كاللامغا ئاراملىق بەرمەي ، روھىمنى تىڭلاشقا باشلىدىم ھەم ئۆزۈمگە پۇرسەت بەرمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئالدىراشلىقتا ھېرىپ-چارچاپ يۈردۈم . ئۆزۈمنى  شۇنداق ئىشلارغا بەنت قىلىپ ، ئاستا-ئاستا تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكۈپ كەتمەكچى ئىدىم . تولىمۇ ئەپسۇس ، قەدىر-قىممىتىنى ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ، ئىپپىتىنى ئازراق ئىجتىمائىي ، ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ، سېلىپ بېرىۋاتقان ئەر-ئاياللار توپى ، مەندەك ياۋايىنى يەنىلا قوينىغا ئالالمىدى . مەن ئۇلاردىن ئۆزۈمنى ، كۆزۈمنى قاچۇرۇپ ، يەنىلا ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم . ئۆزۈمنى تىڭلاشقا ، ئۆزۈمنى قايتىدىن چۈشىنىشكە كىرىشتىم . ئەتراپىمدىكىلەرگە دىئاگنوز قويۇپ ، ئۇلارنىڭ چىرىشكە باشلىغان روھىي دۇنياسىنى ، چۈشكۈنلۈككە ، خار-زەبۇنلۇققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان قىممەت قارىشىنى بايقىۋالدىم ھەم ئۆزۈمنى ، ئۆزۈمنىڭ چاقناق روھىي كەچمىشىمنىڭ سۆيۈملۈك ھەسرەتلىرىنى تونۇۋالدىم! قىممەتلىك ئازابلىرىمدىن چىقىپ ، كۆز يېشىغا ئايلانغان ۋىجدانىم بىلەن روھىمنى قايتىدىن يۇيۇپ چىقتىم ، سۆيۈملۈك ئۆزۈمنى قايتىدىن تونۇۋالدىم!...
    مەنىۋى كامالەت ، روھىي بالاغەت ، پۈتۈنلەنگەن قەد ئۈچۈن ئۆزۈمنى قەدىرلىشىم ، ئۆز خاسلىقىمنى ساقلاپ ۋە يارىتىپ روھىي ھاسىلاتلىرىمنى قېزىپ ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ چەكلىك ھاياتنى سۆيۈشۈم ، ھەربىر كۈننى قەدىرلەپ مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشۈم ، ھەقىقىي ئۆزۈمنى يارىتىشقا تىرىشىشىم ، ئاداققى ئۆزۈمنى ئىزدەپ تېپىۋېلىشىم كېرەك ئىكەن!
    جەمئىيەتتىكى كىشىلەردىن ، جۈملىدىن ئىجتىمائىي قاينامدا ھەر خىل رەزىل روللارنى ئېلىۋاتقان قىز-ئاياللاردىن ، ئۆزۈمنى قايتىدىن بايقىدىم . قايتىدىن تونۇدۇم . ئىدىيىۋى ساپايىمنى ، قىممەت كۆزقارىشىمنى ، ئاياللىق قەلبىمنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن كېيىن ، ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى . روھىمنى يېتىمسىرىتىپ قويماي ، قېيىداش بىلەن بويسۇنۇش ئارىلىقىدىكى توقۇنۇش ئىچىدە ئۆزۈمنى ئالداپ ، يۈرەك تىۋىشلىرىمغا ، ئالغا ئىنتىلىش روھىمغا ، پۈتۈنلەنگەن قەددىمنىڭ ئىزدىنىشى ئۈچۈن ھەسرەتلىك ئارمانىمغا ئېتىبارسىز قارىماسلىقىم ، ئۇنى زور ئىشتىياق ۋە ئەمەلىي تىرىشچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم . چۈنكى مەندە بولغان تۇيغۇ ھەممە ئادەمگىلا نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ . ماڭا تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بۇ خىل روھنى قەدىرلىشىم ، ئۇنىڭ پەرۋازىنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىپ ، ئۆزۈمگە ۋە باشقىلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىشىم ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس ، قىممەت دۇنياسىغا باغلانغان رىشتىلەر ئۈچۈنمۇ ئادا قىلىشىم كېرەك!
    ئايالمۇ ، ئانىمۇ بولدۇم . ئاياللىقنىڭ ئەگرى-توقاي تۇيغۇلىرىدا ئۆزۈمنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇپ پىشقان بولسام ، ئانىلىقنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغلۇقىنى يۈرىكىمنى ياندۇرۇپ تۇرۇپ ھېس قىلدىم . مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى زامان تەرەققىياتىغا ۋە كىشىلەرنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ، ئەخلاق ، ئادىمىي قىممەت ، ئىدىيىۋى ساپاسىغا قاراپ ئاجايىپ چوڭقۇر ھېس قىلدىم...


    ئۆزۈم ياشاۋاتقان توپتىكىلەرگە ، ئىجتىمائىي قاينامغا ، ئاندىن ئۆزۈمگە قېيىدىغانىدىم ، ئۇلار پەرۋامۇ قىلمىدى . كۈنلەر ئۆتىۋەردى ، يەر شارى ئايلىنىۋەردى ، كىشىلەر يەنە شۇ پېتى قېلىۋەردى . ئەمما مېنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىم ، نۇرغۇن قىممەتلىك پۇرسەتلىرىم كەتتى .   بۇنىڭغىمۇ ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى . كىشىلەرنىڭ ئاغزى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك ھەرىكەتتە ، كۆز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان ھەربىر شەيئى ، ھەربىر ئادەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چەتتە ئەمەس . ئۇلار نېمە قىلىپ بەردى؟ تۈگىمەس چۈشكۈنلۈك ۋە ھارغىنلىق ، خالاس . جاسارەت ، تەپەككۇر ، ئەقلىي كۈچ بۇغۇچلاندى ، خالاس . ئەسلىدىكى پەرۋازى بويىچە قويۇۋېتىلگەن بولسا ، قانچىلىك بالاغەتكە يېتەر ئىدى بۇ پەرۋازلار!.. . ئەپسۇسلۇق ئىچىدە دەز كەتكەن روھنىڭ قەددىنى قايتا تىكلەش زۆرۈر.
    بىر كۈن ئۆتتى دېگەن سۆز ، ئۆلۈمگە بىر كۈن يېقىنلىدۇق دېگەنلىك . ئاشۇ بىر كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش ، ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ، قىسقىغىنە ھاياتلىق سەپىرىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئىلكىمدىكى ھۇرۇنلۇقنى ، ئاغرىنىشنى چۆرۈپ تاشلىدىم . ئۆزۈمگە خاس ياشىشىم ، ئىجتىمائىيلىقتىكى تېڭىرقىغان ، ھۇرۇنلاشقان ، ئاغرىنغان ۋە ئىجتىمائىيلىقتا ئۆزىنى ھېس قىلالماي ھەم ھېس قىلىشتىن قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئۆزۈم ئۈستىدىن غالىب كېلىشىم كېرەك ئىكەن . يۆنىلىشىمنى ، ئۆزۈمنى چۈشىنىپ ، بايقاپ ، ئۆزۈمگە ئەستايىدىل دىئاگنوز قويۇپ تۇرۇپ ، ئۆزۈم بەلگىلىشىم كېرەك ئىكەن . مەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەنئەنىۋى پىچارە ئاياللىق ئاتالغۇمدىن غالىب كېلىشىم ، يېڭىچە ، ئۆزۈمگە خاس ئاياللىق ئوبرازىمنى ئۆزۈم تىكلىشىم كېرەك!...
    ئۆزۈمنى دەڭسەپ ، ھېس قىلىپ تونۇۋالدىم . ئەسلى يۆنىلىشتىكى يولۇمنى ، جاسارەت ، تىرىشچانلىقىمنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن دادىل ئىلگىرىلىشىم كېرەك . ئۆزۈمنى تۇرمۇشقا يەمچۈك قىلىپ خوراتماي ، ئەتراپىمدىكى پارچە-پۇراتلارنى يەمچۈك قىلىپ ، ئەسلىمنى ئىزدىشىم ، قەددىمنى تىكلىشىم ھەم ئەتراپىمدىكى مۇھىت مېنى ئەمەس ، مەن مۇھىتنى ، ئۆز تۇرمۇشۇمنى يارىتىشىم كېرەك ئىكەن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.