گۇناھ-19(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:35:14

گۇناھ(19)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  ھىدايەت قارى ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىغا، دەرۋازىدىن ھېچ توسقۇنسىزلا چىقىپ كېتىشكە تامامەن ھەقلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغانچە، ئۆزىگە ناھەق بەتنام چاپلاپ، ھەقتائالا...



    گۇناھ(19)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد


     
    ھىدايەت قارى ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىغا، دەرۋازىدىن ھېچ توسقۇنسىزلا چىقىپ كېتىشكە تامامەن ھەقلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغانچە، ئۆزىگە ناھەق بەتنام چاپلاپ، ھەقتائالانىڭ بىر ياخشى بەندىسىگە نىجاتلىق بەرمەيۋاتقان بۇ ئىبلىس ئايالنىڭ بۇزۇق قېنىنىڭ ئېقىشىنى، ھەتتا ئۆلۈشىنى ھەقلىق ھېسابلىدى.

     


      نىيازنىڭ خوتۇنى ئېرىنى توۋلاپ، بايىقىدەكلا ۋاتىلداپ شالىنى چېچىپ تۇراتتى:

     


      — ماڭا بىر قارىغىنا ھەي شەرمەندە ئوغرى! چىرايىڭغا بىر تۈكۈرەي!

     


      نىيازنىڭ خوتۇنى ھىدايەت قارىغا ھەدەپ يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئارىنى تۇتىۋېلىشقا قەستلەيتتى. ھىدايەت قارى ئارىنى قاراملىق بىلەن شىلتىپ ئۇنى يېقىن كەلتۈرمەيتتى. شۇ ئەسنادا باغ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغان، نىياز ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان تىۋىشلىرى ھىدايەت قارىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ھىدايەت قارى دەرۋازىنى ئېچىشقا ئىمكان بەرمەي ھەر تەرەپتىن قىستاپ كېلىۋاتقان”ئىبلىسلار“غا قاراپ تەمتىرەپ كەتتى، ئۇلارغا ئۆزىنى تۇتتۇرۇپلا قويسا تۈگەشكىنى شۇ ئىدى، نىياز يېتىپ كەلسىلا ھىدايەت قارىنىڭ بۇرنىدىن يەنە بۇلاق ئاچاتتى ، ئۇنىڭ ھەر قانداق سۆزىگە قۇلاق سالمايتتى، ئەتىسى جامائەت ئالدىدا رەسۋا قىلاتتى. نىيازنىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ تىۋىشىنى تۇيۇپ كۈچكە تولۇپ، سەل نېرىدا تۇرغان قومۇش سۈپۈرگىنى قولىغا ئېلىپ ۋاتىلداپ دېۋەيلەپ كەلدى:


      — سەن ئوغرى ساقلاندىنى تونۇپ قويدۇم، قېنى تۇتۇلمىغىنىڭنى بىر كۆرەي!

     


      ھىدايەت قارىنىڭ بېشىغا قومۇش سۈپۈرگىنىڭ چىۋىقلىرى تەگكىلى تۇردى، ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە يەنە بىر زەربە يەپ كۆزىگە قان تولدى، ئۈچىنچى تاياق تېگىپ بولغىچە ئۇچلۇق تۆمۈر ئارىنى ئۇ”رودۇپاي ئالۋاستى“غا غەزەپ بىلەن قاتتىق شىلتىدى. دەل شۇ دەقىقىدە ئۇ شور پېشانە ئايال قاراڭغۇلۇقتا ئارىنىڭ ئۇچىنى پەرق ئېتەلمەي، سۈپۈرگىنىڭ سالمىقى بىلەن تەڭلا پەسكە ئېڭىشكەنىدى، تۆمۈر ئارىنىڭ ئۆتكۈر ئۇچلىرى ئۇنىڭ بوينىغا ناھايىتى كۈچلۈك بېسىم بىلەن سانچىلىپ، نەچچە يەردىن تېشىپ كىرىپ كەتتى، بوينىدىكى مارجانلىرى شۇ ھامان قانغا بويالدى؛ ئۇ ئۇشتۇمتۇت ھەم قاتتىق زەربىدىن جان ئاچچىقىدا ئېچىنىشلىق ئىڭراپ، بوغۇزلانغان ئىنەكتەك خاقىراپ يەرگە يىقىلدى؛ ئۇنىڭ تاۋۇش پەردىسى تامامەن بۇزۇلغاچقا قاتتىق ۋاقىرىيالمىدى، باياتىن تىنجىمىغان زۇۋانى ئەمدى ئەمدى ئەبەدىي جىمىققاندەك قىلاتتى. نىياز ۋاقىراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. ھىدايەت قارى قاتتىق قورقۇپ كەتتى؛ ئارىنى تاشلاپ، دەرۋازىنى ئېچىپ، يولغا چىقىپلا، كىيىۋالغان ھەممە نېمىسىنى ئىشىكى ئالدىدىكى ئېرىققا سېلىپ تاشلاپ، ئۆيىگىمۇ كىرمەي جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ مەھەللىدىن يىراقلاپ كەتتى.

     


      ”بۇنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن تەقدىر“ دەپ ئويلايتتى ھىدايەت قارى،”بۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن، نەگە قاچساممۇ ھامان تۇتۇلماي قالمايمەن، لېكىن نىياز دېگەن شۈمپەنگە ئۆلسەممۇ تىز پۈكمەيمەن! پەرۋەردىگارىم مېنى ئەسلىدە شۇ ئىبلىسنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشقا، ئاتام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ناھەق تۆكۈلگەن قېنىنىڭ خۇنىنى تۆلىتىۋېلىشقا نېسىپ قىلغان بولسا ئوبدان بولاتتى، دەردىم چىقاتتى، ھېلىمۇ ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ھارام قېنى ئاقتى، ئالۋاستى خوتۇن! ئۆزىگە ئۆزى قىلدى، مېنى شۇنىڭغا قىستىدى، خوپ بولدى! پەرۋەردىگارىم مېنىڭ پاك، خالىس نىيىتىمنى بىلىپ تۇرىدۇ، پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلا، ناھەق قان تۆكمەڭلا دېگەن، لېكىن مەن ھەق قان تۆكتۈم! مەندە گۇناھ يوق، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ سادىق بەندىلىرىنى ھەرگىز يامان ئاقىۋەتكە قويمايدۇ، پەرۋەردىگار مېنى ئاشۇ ئىبلىسلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى، گۇناھ ئۇلاردا، ئۇلار ئۆزلىرىگە پالاكەت، ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغۇچىلار! ئۇلار بۇ ئالەمدىمۇ ئۇ ئالەمدىمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ!“...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.