تۇتقۇن (پوۋىست)

يوللىغۇچى : koktugh يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-12 18:51:13

تۆمۇر تاختايدىن ياسالغان يەر ئاستى ئۆيى ئىشىكىنىڭ قاتتىق تېپىلگەندىكى تاراڭلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئەنۋەر ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، ئەمما ئاخشامقى قامچا-تاياق، تېپىك...قىيناقلار زەربىسىدىن ئىششىپ تاشتەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بەدىنى ئىختىيارىغا

    تۇتقۇن

    (پوۋېست)
    ئېزىز ئەيسا

    1   
    تۆمۇر تاختايدىن ياسالغان يەر ئاستى ئۆيى ئىشىكىنىڭ قاتتىق تېپىلگەندىكى تاراڭلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئەنۋەر ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، ئەمما ئاخشامقى قامچا-تاياق، تېپىك...قىيناقلار زەربىسىدىن ئىششىپ تاشتەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بەدىنى ئىختىيارىغا بارمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كۈچۈنۇپ ئورنىدىن تەستە تۇردى.
    -ئورنۇڭدىن تۇرۇشە ھاراملىقلار!
    بالىلارنى مەخسۇس باشقۇرۇشقا، پايلاشقا قويۇلغان، سېرىق، ياپما قاپاق كەلگەن ئابدۇۋېلى ئەنە شۇنداق سېسىق تىللارنى ياغدۇرغىنچە كۆرەڭلىك بىلەن يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە قولىدىكى ھورناننى ئېلېكتر چىرىقى غۇۋا يۇرۇتۇپ تۇردىغان يەر ئاستى ئۆيىنىڭ بىر تەرپىگە قويۇلغان شىرەنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. ئابدۇۋېلى ئاي-يىللاپ تازىلانمايدىغان يەر ئاستى ئۆيىدە گەندە، سۈيدۈك، چىرىندا گۆش، زەيكەش، يەنە نېمىلەرنىڭدۇ سېسىق پۇرقىنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلغان بەتبۇي ھىدىدىن سەسكىنىپ ئېغىز-بۇرنىنى قولى بىلەن ئېتىشكە مەجبۇر بولدى، شىرزاتنىڭ تېخىچە قىمىرمۇ قىلماي ياتقىننى كۆرۈپ، يەنە ئاغزىنى بۇزۇشقا باشلىدى.
    -شىر! ھەي شىر! تۇرە ئورنۇڭدىن!! جالاپنىڭ بالىسى! تۇغۇپ ياتقان قېرى بايتالدەك قىمىر قىلايمۇ دېمەيسەنغۇ، ئاخشام تاناۋىڭ بوش تارتىلىپ قالدىمۇ نېمە؟
    ئۇنىڭ «ئاخشام تاناۋىڭ...» دېگىنى ئۆز ئاتا-ئانىسى، ئىللىق ئائىلىسى، يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بىچارە ئىككى بالىنىڭ «ھۈنەر»(يانچۇقچىلىق، ئوغىرلىق ....) نى قاملاشتۇرالمغاندىن كېيىن تارتقان جازاسى كۆزدە تۇتىۋاتاتتى. ئالدىنقى كۈنى خوجايىن ۋە چۇماقچىلىرى ئەنۋەر بىلەن شىرزاتقا« نېمىشقا پۇل تاپمايسەن؟ بۇ يەرگە بىكار يەپ-ئىچىپ تاماشا قىلىمەن دەپ چىقىشتىڭمۇ؟...» دەپ ئۇرۇپ دوزاقنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئاۋال يوغان شامالدۇرغۇچقا ئېسىشىپ پىرقىرتىشتى. ئەنۋەر بىلەن شىرزاتنىڭ ئۈچۈي-باغرى، ئۆپكىسى ئاغزىغا كەپلىشىپ، ھۆ بولۇپ پۈتۈن ئالەم پىرقىراۋاتقاندەك بولۇپ، نەپەس ئالالماي ئەس-ھۇشىنى يوقۇتۇشتى، ئاندىن بىھۇش ياتقان بالىلارنى يالىڭاچلاپ رەھىمسىزلەرچە قامچىلدى... بەدىنگە تاماكا يېقىشتى... يەنە نۆۋەت بىلەن تۇز سۈيى... لازا سۈيى سېپىشتى، دۇمبالاپ تېپىشتى... ئاخىرى قائىدىسى بويىچە كۈندە بەش يۈز زىق كاۋاپ ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسى بىلەن بۇ قاراڭغۇ، مەينەتچىلىك باسقان يەر ئاستى ئۆيىگە نەزەر بەند قىلدى...
    ئەنۋەر كېچىدىن بۇيان يېنىدا ياتقان شىرزاتنىڭ تېخىچە قىمىرمۇ قىلماي ياتقىننى كۆرۈپ ئويغۇتۇش ئۈچۈن تۈرتۈشكە باشلىدى:
    -شىرزات! شىرزات!- ئەنۋەرنىڭ قولى شىرزاتنىڭ خېلى بۇرۇنلا سوۋۇپ كەتكەن ئۇرۇق، ۋىجىككىنە بەدىنگە تەگكەندە ئۇنىڭ تۇيغۇسى شۇ دەقىدە بىر مۇدھىش ئاقىۋەتنى ھېس قىلدى-دە، -شىرزات! شىرزات!-دەپ توۋلىغىنچە ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۆرىدى. بىراق شىرزاتنىڭ مۇزلاپ قېتىپ قالغان ئۇرۇق گەۋدىسى، تۈگۈلۈپ قالغان ئىككى پۇتى تەڭلا ئوڭدىسىغا بولدى.
    - ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ!!!- ئەنۋەر ئۆمچەيگىنچە ئەلەم بىلەن نىدا قىلدى!
    ئابدۇۋېلى ھەيران بولغان ھالدا شىرزاتنىڭ جەستىنىڭ يېنىغا كىلىپ جەسەتنى خۇددى دەرەخ كۆتىكىنى تىپىپ يۇمۇلاتقاندەك پۇتى بىلەن ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ باقتى-دە، شىرزاتنىڭ بۇرۇنلا جان ئۈزگەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ئالاقىزادىلىك بىلەن ئالدىراپ ئارقىسغا بۇرۇلۇپ، خوجايىنغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يەر ئاستى ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
    2
    ئەنۋەر شىرزاتنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىنى چىقارماسلىققا تىرىشىپ، گويا جۆرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاق قۇشقاچتەك ئەلەم بىلەن بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەنۋەرنىڭ كۆز ئالدىدىن شۇ تاپتا ئائىلىسىدىكى نامراتلىق، ئانىسىنىڭ رەھىمسىزلىكى، باغرى تاشلىقى، گۈزەل شاڭخەي شەھىرىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خۇشاللىق، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قورقۇنۇچلۇق، ئازابلىق«بازار ئايلىنىش»، ئاخشامقى قامچا-تېپىك... شىرزاتنىڭ كېچىدىن بۇيانقى ئىڭراشلىرى، يىغلاشلىرى...«ئاپا!...ئاپا مېنى ئېلىپ كېتىڭ! مېنى ئېلىپ كېتىڭ!! مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ!» دېگەن نىدالىرى خۇددى تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشلەردەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى...
    ئەنۋەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى دولان دەرياسى ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان كىچىك بىر شەھەرگە يانداش جايلاشقان يېزىدىكى چالما-كېسەك بىلەن سېلىنغان، ئۆينىڭ ئالدىغا قوناق ۋە شال پاخىلدىن چەللە-باراڭ قىلىنغان دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولدى. ئەنۋەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ۋە ئەنسىرەيدىغىنى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئاش-تاماقنىڭ ئورنىدىكى تۈگمەس ئۇرۇش جىدىلى ئىدى. ئەنۋەرنىڭ ھەمىشە ئانىسىنىڭ دادىسىنى تىللىغاندا ئاڭلايدىغىنى:«لامزەللە، يا پۇل تېپىپ ئادەمنى خۇش قىلالمايسەن، قاراپ تۇر، مۇشۇنداق بولىۋېردىغان بولسا...» دېگەندەك تەئەددى، ئاچچىق تىل-ھاقارەتلەر ئىدى. دېگەندەك، ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزدىن غايىب بولدى. ئەزەلدىن كۆپ گەپ قىلمايدىغان دادىسىنىڭ ئۈنى تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ، كۈن-كۈنلەپ ئاچچىق مۇخۇركىسىنى شوراپ غەمگە پېتىپ، ئولتۇرغان ئورنىدا خۇددى يەرگە تىرىكلا كىرىپ كېتىدىغاندەك پۇشۇلداپ كېتىدىغان بولدى. ئاخىرى ئەنۋەر بىلەن سىڭلىسى زەينۇرەنىڭ يېلىنىپ تۇرۇپ:« دادا ئاپام نەگە كەتتى؟! نېمىشقا شۇ چاققىچە قايتىپ كەلمەيدۇ؟» دېگەندەك سوراقلىرىدىن كېيىن دادىسى كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا:« ئاپاڭلار سىلەرنى...مېنى...ئۆينى تاشلاپ باشقا بىر ئەرنىڭ كەينىدىن يىراققا كېتىپتۇ!...» دېگەن شۇم خەۋەرنى ئېيتتى. بۇ شۇم خەۋەردىن كېيىن ئەنۋەر گويا ئېگىز بىر ھاڭدىن تېگى يوق ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سىڭلىسى بىلەن ئەنۋەرنىڭ بالىلىقتىكى شاد-خۇراملىققا تولغان گۈزەل، سەبىي چاغلىرى كۈز پەسىلدىكى توزغاقتەك تۇزۇپ، سىنىپتا دەرسكە دىققەت قىلمايدىغان، ھەمىشە بەئەينى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان چۈجىدەك بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا يەككە-يېگانە ھالدا ئاچ-توق، كىر-قاسماق، يېگەن-ئىچكەننىڭ قولىغا، ئاپىسى بارلارنىڭ كۈلكىسىگە قاراپ غەمكىن يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. ئەنۋەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ چار مېكىيىننىڭ نەلەردىندۇر قۇرت، دان ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئوماق چۈجىلىرىنى قانداق كۆيۈنۈپ باقىدىغانلىقىغا قاراپ تەگسىز خىياللارغا چۆمۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى ۋە« ئانام بىر ئادەم تۇرۇپ نېمىشقا مۇشۇ توخۇچىلىك بولالمايدۇ؟!!!» دېگەنلەرنى ئويلايتتى. ئازابلىناتتى، ئۈنسىز يىغلايتتى!!...
    ئانىسىدىن رەنجىپ ۋۇجۇدى مۇزلىغان ئەنۋەر بىر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە مېڭىش يولىدىكى دوقمۇشتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چىكۋاتقان ئېلى ئىسىملىك مەھەللىكى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى:
    -مەكتەپكە ماڭدىڭمۇ؟- سورىدى ئېلى.
    -ھەئە.
    - شۇ سېسىق مەكتەپتىمۇ ئوقۇمدۇ كىشى؟
    -ئوقۇماي نىمە ئىش قىلىمەن؟!
    -ئىچكىرىگە چىققۇڭ يوقما؟ ئويناپ پۇل تېپىپ كېلىمىز!
    .....
    سۆزىنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىنى بىلگەن ئېلى سۆزىنى يەنە باشقا ياققا بۇرىدى.
    -تاماق يېدىڭمۇ؟
    شامال ئۇچۇپ تۇردىغان ئانىسىز ئۆيدە بىر بۇردا ناننى توغرا چىشلەپلا مەكتەپكە ماڭغان ئەنۋەر ئېرەڭسىزلىك بىلەن جاۋاب قايتۇردى:
    -ناشتا قىلغان.
    -جۈرە تاماق يەيلى، مەن مېھمان قىلىمەن.
    ئەنۋەر كۆپ ئويلانمايلا ئېلىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ھايال ئۆتمەي كىچىك بىر ئاشخاندىكى تېزلىك بىلەن كەلتۈرۈلگەن، ھورى ئۆرلەپ مېزىلىك پۇراق تارقىتىپ تۇردىغان قورىما چۆپ ئەنۋەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىۋەتتى. ئەنۋەر تۈزۈت قىلمايلا قورىما قورىما چۆپنى پۈدەپ تۇرۇپ ئالدىراشلىق بىلەن ئاغزىغا سېلىشقا باشلىدى.
    ئېلى ئەنۋەرنىڭ ئېچىرقىغان ھالدا تاماق يېيىشگە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سۆز باشلىدى.
    -مۇشۇنداق قىينىلىپ ئاچ-توق يۈرگىچە، گېپىمگە كىرىپ مەن بىلەن ئىچكىرگە چىقىپ راسا پۇل تېپىپ ئادەمدەك ياشاپ ھەم ئويناپ كېلىشنى ئويلىمامسەن؟
    -چىقسام چىقتىم،- ئەنۋەر كەسكىنلا جاۋاب بېرىۋەتتى. ئۇ مۇشۇ دەقىقىدە چاقماق تېزلىكىدە مۇنۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى: « بۇ ھاياتتا، بۇ يۇرتتا ئەمدى سۆيۈنگىدەك، تارتىشقىدەك يەنە نېمە قالدى؟ ئۆزى، بىچارە سىڭلىسى زەينۇرە ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان تاش يۈرەك ئانىسى ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بۇ خورلۇق، جاپا-مۇشەققەت، يوقسۇزلۇق، ئانىسىزلىقنى كىمگە دېگۈلۈك؟ قاچانغىچە تارتقۇلۇق؟» ئىشتىھا بىلەن تاماق يەۋاتقان ئەنۋەر كۆزلىرىگە تېپىپ چىققان ياشلىرىنى تەسلىكتە چاندۇرماستىن توختىتۋالدى. ئېلى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز مۇددىئاسىنى ئوچۇقلا دېدى:
    -گېپىڭ راستمۇ؟
    -راست.
    -ئۇنداق بولسا ئىشنى ھازىردىن باشلايلى، سەن مەكتىپىڭگە بارما؟!
    -بولىدۇ.
    ئېلى ئەنۋەرنى شەھەرنىڭ غەربىدىكى ھەشەمەتلىك بىر قوروغا باشلاپ ئاپىرىپ، ئالدىن كېلشىۋالغان «خېرىدارى» غا تاپشۇرۇپ بېرىپ، تاپان ھەققىنى ئالدى-دە، غىپپىدە ئۆز يولىغا راۋان بولدى.
    3
     
    ئەنۋەر شىرزاتنى تۇنجى قېتىم شۇ قورودىكى بىر ئۆيدە ناتۇنۇش ئىككى بالا بىلەن بىرگە تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرغان ھالەتتە كۆرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىرزاتنىڭ جۇغى ھەممىدىن كىچىك بولسىمۇ، توختىماي قىزىق-قىزىق گەپلەرنى قىلىپ، تاماكىسىنىڭ ئىسىنى بۇرنىدىن ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ھەرخىل شەكىلدە چىقىرىپ بالىلارنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي خۇددى پاختا ئالغان تاغاردەك تولۇق سەمىرىگەن، قىسقا، گۆشلۈك بوينىغا يوغان ئالتۇن بۇلاپكا، دىغماق، سىمىز بىلەكلىرىگە قوشلاپ ئالتۇن بىلەيزۈك، قۇلاقلىرىغا چەمبەر شەكىللىك ئالتۇن ھالقا سالغان ئايال خوجايىن كىرىپ كەلدى-دە، ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك پولتۇيۇپ چىققان سوغوق، نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ھەر بىر بالىغا بىرمۇ-بىر نەزەر سېلىپ چىققاندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى:
    «ھەممىڭلار ياخشى ھەم ئەقىللىق بالىلار ئىكەنسىلەر. سىلەرنى ئىچكىرگە ئېلىپ چىقىپ راسا بىر ئوينىتىپ كىرەي، خالىساڭلار كاۋاپچىلىقنى ئۆگىنسىلەر، بولمىسا ئوينايسىلەر شۇ. ھازىرچە ئەللىك يۈەندىن بازارلىق بېرەي، خالىغانچە خەجلەپ  ئويناڭلار، بىراق بۇ پۇلنى خەجلەپ تۇرۇپ ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىشكە، ئاتا-ئاناڭلارغا خەۋەر قىلىشقا بولمايدۇ. ئوغول بالا دېگەن گېپىدە تۇرىشى، ماڭغان يولىدىن يېنۋالماسلىقى لازىم.» ئايال خوجايىن يېنىدا تۇرغان يىگىرمە ياشلاردىكى ياپما قاپاق بىرسىنى پۇل تارقىتىشقا بۇيرىغاچ ئۇنى قىسقىچىلا تونۇشتۇردى،- بۇ ئاكاڭلارنىڭ ئىسمى ئابدۇۋېلى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بىلەن بىللە ئوينايدۇ، بازار ئايلاندۇرىدۇ، ھەم سىلەرگە ئاكا بولىدۇ. ئەتە يولغا چىقىسلەر، بۇندىن كېيىن ھەر قانداق گېپىڭلار بولسا ئابدۇۋېلى ئاكاڭلارغا دەڭلار، ئۇنىڭ گېپىنى ئوبدان ئاڭلاڭلار ...
    ئابدۇۋېلى ھەر بىر بالىغا ئەللىك يۈەندىن پۇل تۇتقۇزدى. ئەنۋەر تۇنجى قېتىم قولىغا كىرگەن بۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرۈپ بەك خوش بولۇپ كەتتى. پۇلنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ تەپسىلي كۆرۈپ، قاتلاپ پۇرلاپ باقتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئون تۆت ياشقا كىرگىچە ئەللىك يۈەن ئەمەس، ئۆزىگە تەۋە بەش يۈەن پۇلنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. ئايال خوجايىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇۋېلى ئۆيدىكى شىرە ئۈستىگە ئۈچ قول قەرت تاشلىدى-دە:
    -ئاغىنلەر كېلىڭلار، بىكار تۇرغىچە دو تىكىپ قەرت ئوينايمىز. بولمىسا زېرىكىپ قالىمىز،- دەپ ئۆزى قەرت ساناشقا باشلىدى. ئەنۋەرمۇ بالىلار قاتارى قەرت تىزىشقا كىرىشىپ كەتتى. بىراق بىر نەچچە قول ئوينا-ئوينىمايلا ھەممىسى پۇللىرىنى ئابدۇۋېلىگە ئۇتتۇرۋېتىشتى.
    -ھەممىڭلار قەرت بىلمەيدىغان گالۋاڭ بىر نېملەر ئىكەنسىلەر. بوپتۇ، بەش يۈەندىن پۇلۇڭلارنى قايتۇرۇپ بېرەي، قۇرۇق قول قالماڭلار، تاماكا ئېلىپ چېكەرسىلەر. ئابدۇۋېلى كالپۇكىنىڭ بۇرجىكىگە قىستۇرۋالغان پاپىروسىنى شوراپ تۇرۇپ باللارغا بەش يۈەندىن پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭغىچە خىزمەتكار ئايال مېزىلىك پۇراپ تۇرغان بىر لىگەن پولو ئېلىپ كىردى. بالىلار ئېچىرقىغانلىقتىنمۇ ئېيتاۋۇر، تۈزۈت قىلشماستىنلا ئاچكۆزلۈك بىلەن پولوغا تېگىش قىلدى.
    تۈن نىسبى بالىلار قېتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئايال خوجايىننىڭ قايسى بىر ئۆيدىن ئارقا-ئارقىدىن جىرىڭلىغان تېلېفون ئاۋازىدىن كېيىن ھويلىغا بىر ئەر كىرىپ كەلدى. ئۈزۈن ئۆتمەي ئابدۇۋېلى بالىلارنى جىددىي ھالدا ئويغۇتۇشقا باشلىدى:
    -تۇرۇشە! تۇرۇشە ئورنىڭدىن، تېز بولۇش! بەش مىنۇت ئىچىدە تەييار بولۇڭلار، يولغا چىقىمىز. بالىلار بىر-بىرنى ئويغىتىشپ تېزلىكتە كىيىنىپ تەييار بولۇشقاندىن كېيىن، قورونىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان قارا رەڭلىك پىكاپقا قىستاشتۇرۇپ چىقىرىلدى. ئەنۋەر كېتىپ بارغان ماشىنا دېرىزىسىدىن ئۆزىگە تونۇش بولغان بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ئاسمىنىغا قارىدى. بۇلۇتسىز ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار كۆز قىسىشماقتا ئىدى. شۇئان ئەنۋەرنىڭ كۆز ئالدىدا دادىسى ۋە سىڭلىسى زەينۇرەنىڭ غەمكىن چىرايى ھەم باغرى تاش ئانىسىنىڭ سىماسى پەيدا بولدى-دە، ئىختىيارسىز كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ سىرغىشقا باشلىدى.
    4
    بالىلار كىچىك-كىچىك ئۆيلەر بىلەن قورشالغان تۆت چاسا قوروننىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدى، ئۆيگە قەۋەتلىك كارۋات قۇيۇلغان بولۇپ ئەنۋەر بىرگە كەلگەن تۆت بالىدىن باشقا يەنە ئۆزىگە ئوخشاش تەڭتۇشلاردىن ئۈچ بالىنىڭ بارلىقىنى كۆردى.
    -قايسى يۇرتتىن كەلدىڭلار؟-ئېغىز ئاشتى كارۋىتىدا ئوڭدا ياتقىنچە قولىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋالغان بىرسى.
    -ئاقسۇدىن.
    -ئۈچتۇرپاندىن.
    بالىلارنىڭ جاۋابى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىنى خىلى بىر ۋاقىتقىچە جىمجىتلىق باستى. سېسىق تەر، كەندىر ۋە ئاللا قانداق مەينەتچىلىك پۇرۇپ تۇرغان كىچىك بۇ ئۆيدە ئەسلى بار بولغان ئۈچ بالىنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز سوئالىدىن باشقا گېپى يوقتەك ئۆز ئىشلىرى بىلەن ھەلەك ئىدى. ئاخىرى بۇ جىمجىتلىقنى ئەنۋەر بۇزدى.
    -سىلەر كەلگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى.
    -ئىككى يىل.
    قولنىڭ بارماق ئۈستىدىكى ئىگىلىشتىنلا يوق بولغان بالا جاۋاب بەردى. ئەنۋەر جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ناكا بولغان قولىغا قاراپ كۆڭلى بىر قىسما بولدى. ئەمما ئەنۋەر ئەتىدىن باشلاپ قىلماقچى بولغان كاۋاپچىلىقىنڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىنى بىلمەكچى بولۇپ يەنە گەپ كوچىلاشقا باشلىدى.
    -كاۋاپچىلىق قىلىپ خېلى ئوبدان پۇل تاپقىلى بولىدىغاندۇ؟
    -نېمە كاۋاپچىلىق ئۇ؟-دەپ ئالايدى قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋالغان بالا.
    -ئۇخلاپ چۈش كۆرۇپسەن كالا-كومشا سەھرالىقلار! بۇ يەرگە كاۋاپچىلىق قىلىپ پۇل تاپىمەن دەپ كېلىشتىڭما؟- ئاللىقانداق زەخمىدىن ئوڭ كۆزى كۆكۈرۈپ، ئىشىپ كەتكەن يەنە بىر بالا قوشۇمچە قىلدى ھەم ھازىرلا ئورۇشىدىغاندەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- ماڭا قارا بالاڭزا! بۇ يەردە يانچۇق كولايدىغان گەپ. شۇنداق ئاسان پۇل تاپىدىغان يەر نەدە بار؟ ماڭا دەپ بېرەمسەن يا؟! ئەنۋەر ئۇلارنىڭ سۆزىدىن بېشىغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلۇپ كەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى...
    ئىككىنچى كۈنى ئابدۇۋېلى بىلەن ئەخمەت قاراماتاق بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرنى قانغۇچە ئايلاندۇردى. ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەتلىك بىنالار، لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان شاۋقۇن-سۈرەنلىك، رەتلىك، پاكىزە كوچا-رەستىلەر، بۈككىدە گۈل-چىچەك، بوستانلىق، دەل-دەرەخ بىلەن پۈركەنگەن باغچا، ئىستىراھەتخانىلار... ماشىنلار خۇددى مۇكىدەك تىنماي ئۆتۈشۇپ تۇرغان قوش يۆلىنىشلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسفالىت يوللار... قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان ئاۋات تاللا بازارلىرى... يېڭى كەلگەن تۆت بالىنىڭ خوشاللىق كەپتىرىنى ھەقىقەتەن ئېگىز ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇردى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ بىر كۈنلۈك خوشاللىقى، بالىلارچە ساددا ئارزۇ-ئىستەكلىرى، بەڭۋاشلىقىنىڭ كەينىدە مۇدھىش قارا كۈنلەر، قارا قىسمەتلەر ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئۇلار نەدىن بىلسۇن؟
    5
    ئابدۇۋېلى، ئەخمەت قارا ماتاق ۋە شاپ بۇرۇت، چاقماق رەختىتىن تىكىلگەن كەپكىسىنى كۆزىگە چۆكۈرۇپ كىيىۋالغان سېمىزلىكتىن ساڭگىلاپ تۇرغان يۈز، بويۇن گۆشلىرىدىن تەر ۋە ياغ تامچىپ تۇردىغان، ئوتتۇرا بوي، قىرىق بەش ياشلاردىكى بىر ئەر كىشى شۇ كۈنى كەچتە بالىلارنىڭ ياتالغۇسىغا كىرىپ كەلدى. ئابدۇۋېلى شاپ بۇرۇتنى خوشامەتگويلۇق بىلەن تۇنۇشتۇردى:
    - بۇ ئاكىمىز ھەممىمىزنى بېقىۋاتقان، ئوينىتىۋاتقان، بىزگە باش پاناھ بولىۋاتقان خوجايىنىمىز بولىدۇ، يېڭى كەلگەنلەرگە گېپى بار ئىكەن.
    شاپ بۇرۇت قىزىللىق تولۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن يېڭى كەلگەن تۆت بالىغا بىر دەقىقە نەزەر سېلىۋەتكەندىن كېيىن بوغۇق ئاۋاز بىلەن سۆزىنى باشلىدى:
    -مېنىڭ تولا ئۇششاق گەپ بىلەن خوشۇم يوق، بۇ يەرگە كېلىش، كۈن كەچۈرۈش، بۈگۈنكىدەك ياخشىراق ئويناش ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ! قىسقىسى، پۇل بولمىسا بولمايدۇ. سىلەر تۆتىڭلارمۇ ئەتىدىن باشلاپ پۇل تاپىىسىلەر. قانداق پۇل تېپىشنى ئابدۇۋېلى بىلەن ئەخمەت ئاكاڭلار ئۆگىتىدۇ، ئەمما ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پۇل تاپماسلىققا بولمايدۇ. يەنە شۇنى ئالاھىدە دەپ قوياي، قېچىپ كېتىش خام خىيالدا، تاپقان پۇلنى كام تاپشۇرۇپ ساختىپەزلىك قىلىش ئويىدا بولماڭلار... چوتنى خاتا سوقۇپ، ناۋادا مېنىڭ دېگەن گېپىمگە خىلاپ ئىش قىلساڭلار، مېنىڭ قائىدەمنى، ماڭا قارا سانىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇنۇ ئاكاڭلار دەپ بەرسۇن...
    -ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ قولى، قاچقانلارنىڭ پۇتى كېسىلىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار مانا ماۋۇ تۇرسۇندىن سوراڭلار،- دەپ چۈشەندۇردى ئابدۇۋېلى كۆرەڭلىك بىلەن قولى كېسىۋېتىلگەن بالىنى كۆرسىتىپ.
    بالىلار قورقۇنۇچتىن سەبىي كۆزلىرىنى بىچارىلەرچە مۆلدۈرلىتىپ ئۇجۇقۇپلا كېتىشتى، ئەمما قانچە پۇشايمان قىلغان بىلەن ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى.
    -ئابدۇۋېلى، مەشىقنى ھازىر باشلاڭلار، ھەممە ئىش ساڭا قالدى ھەر كۈنى كەچتە كۆرۈشەيلى.
    -خاتىرجەم بولسىلا خوجايىن، ھەممە ئىشلار جايىدا بولىدۇ.
    ئابدۇۋېلى خوجايىننى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، قايتىپ كىرىپ بالىلارغا قايتىدىن چۈشەندۇرۇشكە باشلىدى:
    -خوجايىنىڭ «ھەر كۈنى كەچتە كۆرىشەيلى»دېگىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. بۇ ئۇنىڭ «كۈندە كەچتە تاپقان پۇل، ماللار ھېسابات قىلىنىدۇ، كىم پۇلنى جىق تاپسا شۇ مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاز تاپقانلار ياكى تاپالمىغانلار جازالىنىدۇ» دېگىنى... چۈشەنگەنسىلەر؟ چۇشەنمىسەڭلار، ئاستا-ئاستا چۈشۈنۇپ قالىسىلەر؟
    ئابدۇۋېلىنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ئەخمەت قاراماتاق ئىچىگە تەڭگە پۇل سېلىنغان، پورۇقشىپ قايناپ تۇرغان تۈنىگە داسنى كىچىك گاز ئوچاق بىلەن بىللە بالىلارنىڭ ياتالغۇسىغا ئېلىپ كىردى. گاز ئوچاق ياتاق ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە ئابدۇۋېلى سۆزلەشكە باشلىدى:
    ھازىر مەشىقنى باشلايمىز. بۇ قول كۆندۈرۈش مەشىقى، قولۇڭلارنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ، ياخشى ئۆگەنسەڭلار پۇلنى جىق تاپالايسىلەر،-ئابدۇۋېلى بۇ يەرگە ئاۋال ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارغا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، قېنى سىلەر بۇ ئۇكىلىرىڭلارغا قولۇڭلارنىڭ تېزلىكىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇڭلار.
    بۇرۇن ئېلىپ كېلىنگەن ئۈچ بالا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ماھىرلىق بىلەن قايناپ تۇرغان داستىن تەڭگە پۇللارنى خۇددى سوغۇق سۇ ئىچىدىن ئالغاندەك ئېلىپ تاشلاپ قۇيۇشتى. ئەمدى نۆۋەت ئەنۋەر، شىرزاتلارغا كەلگەن ئىدى. بالىلار ئاۋۋال قايناۋاتقان سۇ ئىچىدىن تەڭگە ئېلىشنى، يەنە سومكا، يانچۇقلارغا قولنى قاندا سېلىش، سىزىلىپ قالسا قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشتى. شۇ كۈنى تۈن يېرىم بولغىچە كۆپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، يېڭى كەلگەن بالىلاردىن شىرزات بىلەن ئەنۋەر ھەر قانچە قىلىپمۇ تەڭگە پۇللارنىڭ كۆپىنچىسىنى قايناق سۇ ئىچىدىن ئۇتۇقلۇق ئالالمىدى، قوللىرى كۆيۈپ، قىزىرىپ ئىشىپ كەتتى.
    كېيىنكى كۈنى ئەتىگەندە «ئورۇنلاشتۇرۇش» بويىچە ئىككى يېڭى ئۆگەنچى، بىر نازارەتچى بولۇپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۇپ «بازار ئايلىنىش» (يانچۇقچىلار بازارغا چىقىپ يانچۇقچىلىق قىلىشنى شۇنداق ئاتىشىدۇ) نى باشلىدى. چولاق ئۇستىسى ساق قولى بىلەن شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ھايت-ھۇيت دېگۈچىلىك باشقىلارنىڭ سومكا، يانچۇقلىرىدىن پۇل، يانفۇن دېگەنلەرنى ئوۋلاپ، نەق مەيداندا «ئۈلگە» كۆرسىتىپ بېرىپ تۇردى. بىراق ئەنۋەر بىلەن شىرزات ئوخشاشلا ھېچ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىدى. كىشىلىك ھاياتتا بەزى كىشلەر ئاق-قارا ھالال-ھارامنى ئايرىماي، ئاخىرقى ھىسابتا بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيالىقنىڭ ئەخلەتلىرىگە ئايلىنىپ ياشىسا، يەنە كۆپلىگەن ئاددىي كىشلەر تۈرلۈك سەۋەب بىلەن گەرچە بىر ئۆمۇر نامرات، جەۋرى-جاپا... بىلەن ياشىسىمۇ بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يۈتۈۋېلىش، ئېلىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ. ھەتتا ئۇنداق قىلىشنى نۇمۇس، گۇناھ دەپ بىلىشىدۇ. نامرات، ئاق كۆڭۈل دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئەنۋەر بىلەن ھالال، پاك باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق شاھزادىسى بولۇپ چوڭ بولغان شىرزات قاراپ تۇرۇپ كۈپكۈندۈزدە باشقىلارنىڭ يانچۇقلىرى، سومكىلىرىغا قول سېلىشنى ئۆز ۋىجدانىغا ئەقلىگە سغدۇرالمىدى. شۇڭا ئۇلار پۈتۈن بىر كۈن دەككە-دۈككە قورقۇنچ ئىچدە «بازار ئايلىنىپ» مۇ كەچتە «نەتىجىسىز» قايتىپ كېلىشتى. بازار ئايلانغان تۇنجى كۈنى كەچتە، ئۇلار بىلەن بىللە يېڭى كەلگەن ئىككى نەپەر بالا يامان ئەمەس «نەتىجە» نى قولغا كەلتۈرۈپ ئەللىك يۈەندىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەكىسچە ئەنۋەر بىلەن شىرزات شاپىلاق، تېپىك بىلەن جازالاندى. ئىككىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ناچار بولدى، ئوخشاشلا بازاردىن قۇرۇق قول قايتىپ كېلىشتى. پۈتۈن بىر كېچە-كۈندۇز ئۇلارغا ھېچقانداق يېمەكلىك ۋە ئۇسسۇزلۇق بېرىلمىدى. ئۈچىنچى كۈنىمۇ ئەنۋەر بىلەن شىرزات ھەممە ئىشنى پىشانىسىدىن كۆرۈپ ئاچلىق، قورقۇنچ، ئازاپ ئىچىدە كۆپ ئۇرۇنۇپ كۆرسىمۇ، بىر پۇڭلۇق ئولجىنى قولغا كەلتۈرەلمەي يەنە نەتىجىسىز ھالدا ياتالغۇغا قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەھشەتلىك ئۇرۇش، قىيناش جازاسىغا دۇچ كەلدى...
    6
    ئەنۋەر خېلى بۇرۇنلا تىنىقتىن قالغان شىرزاتنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قار-يامغۇر يىغلىدى، تۈكۈلدى، يۈرىكى پارە-پارە بولدى. يەنە تۆمۈر ئىشىكنىڭ تاراڭشىپ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ يەر ئاستى ئۆيىگە خوجايىن ۋە چۇماقچىلىرى ئابدۇۋېلى، ئەخمەت قاراماتاقلار كىرىپ كېلىشتى. خوجايىن ئاتايىن شىرزاتنىڭ يېنىغا كىلىپ بىر ھازا كۈزىتىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن چۇماقچىلىرىغا ئەنۋەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،« ئېلىپ چىقىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. چۇماقچىلار ئەنۋەرنى ئىككى قولىدىن تۇتقىنچە سۆرەپ دېگۈدەك مەخسۇس تەييارلانغان جازا ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ تاشلاشتى. خوجايىن، ئۈشۈكتە قالغان موردىدەك قارىداپ تۇتۇلغىنچە ئالدىرىماي ئۈستۈنكى كىيىملىرىنى سېلىپ يېرىم يالىڭاچ بولدى. ئۇنىڭغىچە ئىككى چوماقچى خوجايىننىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، ئۈن-تىنسىزلا ئەنۋەرنىڭ كالتا ئىشتىندىن باشقا كىيمىنى سالدۇرۇپ ئۈلگۈرۈشتى. نورمال ھېس-تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ گاراڭ بولغان ئەنۋەر قۇشخانغا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن قوي كەبى نىمجان ھالدا ياتاتتى. خوجايىن تامدا ئېسىقلىق تۇرغان ئېنىشكە پولات سىم قامچىنى قولغا ئېلىپ بىر-ئىككى قېتىم ئويناتتى-دە، سېمىز، كېلەڭسىز بەدىنىگە ماس كەلمىگەن تېزلىك بىلەن ئەنۋەرنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، گەپ-سۆزسىزلا ئەنۋەرنى تەلۋىلەرچە ساۋاشقا باشلىدى. ئەنۋەر باشتا يۈز-كۆزىنى قوغداش ئۈچۈن نالە قىلىپ يىغلاپ، ئىككى قولى بىلەن بېشىنى قاماللاپ، قامچىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى، بىراق خوجايىن توختايدىغاندەك ئەمەس. ھەر بىر ئۇرۇلغان پۇلات سىم قامچا خۇددى ئۆتكۈر قېلىشدەك، ئەنۋەرنىڭ بەدىندە ئۇزۇن-ئۇزۇن قانلىق يېرىقلارنى، ئىششىقلارنى پەيدا قىلاتتى، ئەنۋەرنىڭ بەدىنىدىن چاچرىغان قىپ-قىزىل قانلار يەرگە، تامغا، خوجايىننىڭ يۈز-كۆزلىرى، بەدەنلىرىگە چاچراشقا باشلىدى. ئاخىرى بەرداشلىق  بىرەلمىگەن ئەنۋەر داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يۇمۇنۇلۇپ قېچىشقا ئۇرۇندى، خوجايىن قوغلاپ دېگۈدەك ساۋايتتى. ئەنۋەر بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلدى ھەم ھالسىزلىنىپ ئاۋازى تەدرىجىي پەسيىشكە باشلىدى. چىپىق-چىپىق تەرلەپ كەتكەن خوجايىن ھاسىرغىنچە ساۋاشتىن توختاپ، يوغان قوللىرى بىلەن ئەنۋەرنىڭ كىچىككىنە كەجگىسىنى قاماللاپ تامغا يۆلەپ قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى-دە، سوراشقا باشلىدى:
    -ئېيتە! ئاخشام ساق-سالامەت قالغان شىرزاتنى زادى كىم ئۆلتۈردى؟!
    ئەنۋەر بۇ سوئالدىن ھەيران قالدى،« ئەجەبا شىرزاتنى ئۆزلىرى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ يەنە مەندىن سوراۋاتىدىغۇ؟» دەپ ئويلىدى. ئەمما قورقۇنچتىن ئامالسىزلارچە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردى:
    -مەن ...مەن... بىلمەيمەن ... راست.
    ھە؟! يەنە بىلمەيمەن دەيسەنغۇ؟! شىرزاتنى زادى سەن ئۆلتۈرمەي كىم ئۆلتۈرىدۇ! ئىككىڭ، پەقەت ئىككىڭلا بىرگە ياتقان تۇرساڭ؟!
    -جېنىم خوجايىن، خوجايىن ئاكا، راستىنلا شىرزاتنى مەن ئۆلتۈرمىدىم، ئۇنى مەن نېمىشقا ئۆلتۈرگىدەكمەن؟!
    ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزى تۈگىشىگىلا خوجايىننىڭ بىر تەستىكى بىلەن يەرگە دومۇلاپ چۈشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابدۇۋېلى تاماكا، نەشە تولدۇرۇلغان چىلىمنى كۆتۈرۈپ كىردى، خۇرۇچى ئۆرلەپ، خۇمارى تۇتۇپ تۇرغان خوجايىن ئەنۋەرنى تاشلاپ قويۇپ، زوڭ ئولتۇرۇپ تەشنالىق بىلەن چىلىمنى شوراشقا باشلىدى. خوجايىننىڭ چىلىمنى ئارقا-ئارقىدىن شوراپ خومارىدىن چىققىننى پەملىگەن ئەخمەت قاراماتاق پەس ئاۋازدا:
    -ئىسسق سۇ ئېلىپ كىرەيمۇ؟ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇۋالاملا؟...- دېدى خوشامەتگۇيلۇق بىلەن.
    -ياق، ئۆزۈم چىقىپ يۇيىمەن،- خۇمارىدىن چىقىپ كەيپىياتى سەل ياخشى بولغان خوجايىن ئەنۋەرگە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئەقلىڭنى تېپىپ ئوبدان ئويلىنىپ تۇر، سەل تۇرۇپ دېيىشىمىز. سەن ھارامدىن بولغاننىڭ ئېغىزىنى قانداق ئاچىدىكەنمەن قېنى؟
    خوجايىن چىقىپ كەتتى. ئابدۇۋېلى ئەنۋەرنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە:
    -ساڭا ئىسسىق جان لازىممۇ؟-دېدى.
    -لازىم،- ئەنۋەر ئاغرىق ئازابىدىن ئېڭراپ نالە قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
    -ئانداق بولسا نېمىشقا« شىرزاتنى مەن ئۆلتۈردۇم» دېمەيسەن؟
    ئەنۋەر ئىسىنى يىغىپ بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ، «ئەسلىدە ئۇلار شىرزاتنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشۈپ ماڭا دۆڭگەپ قويماقچىكەندە؟!» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇۋېلىنىڭ كۆزىگە تىكلىپ قارىدى.
    -ماڭا بۇنداق قارىما، مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنى دەۋاتىمەن. ئەگەر بوينۇڭنى يەنە قاتتىق قىلدىغان بولساڭ...بولدى مەن قالغان گەپنى دېمەي.
    ئەنۋەر ھەممىنى ئەمدى تولۇق چۈشەندى، بەدىننىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى ئاغرىققا چىدىيالماي كۆزىنى يۇمغىنچە ئىڭراشقا باشلىدى. خوجايىن يۇيۇنۇپ بولۇپ يەنە ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوراشقا باشلىدى:
    -قانداق، ئويلىنىپ بولدىڭمۇ؟
    -ئويلاندىم، كېچىدىن... شىرزاتنى ... مەن ...مەن ئۆلتۈردۈم!
    خوجايننىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ، يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    -مانا بولمىدىمۇ، بالدۇرراق مۇشۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ؟ بىر مۇنچە ھارام تاياقنى ئاز يەيتتىڭ. ئەمدى ھەممە ئىش تۈگىدى دېگەن گەپ. قورقما، سېنى بىز ھەرگىز ساقچىغا تۇتۇپ بەرمەيمىز، سېنى تېخى قوغدايمىز. بىر ئادەم ساڭا بۇ خىلۋەت ئالەمنىڭ چېتىدە شىرزاتنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ دەپ ئېسىلۋالمايدۇ. پەقەت شىرزاتنىڭ ئۆلىكىنى پەم بىلەن بىر تەرەپ قىلۋەتسەك، يەنە بۇ سىرنى ھەممىمىز ساقلىساقلا بولىدۇ؟...
    خوجايىن ئۆز ھەيۋىسى، ئەقىل-پاراسىتىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا مېيىقىدا كۈلۈپ، ئەنۋەرگە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    -ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى يەنە بىر گەپ، شىرزاتنىڭ ئۆلۈكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمكارلىشىسەن، بۇلامدۇ؟
    -بولىدۇ.
    -گەپنى ئوچۇق دەي! شىرزاتنى ئۆلۈپتۇ دەپ مەلۇم قىلساق، داۋراڭ سالساق، سەۋەبىنى سوراپ، ئۆلتۈرگۈچىگە، يەنى ساڭا ئېسىلىۋېلىشتىن يانمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۆلۈكنى بۇ شەھەرگە كۆمۈش ئۈچۈنمۇ 10-20 مىڭ يۈەن خەجلەيدىغان گەپ، سېنىڭ پۇلۇڭ بارمۇ؟ يوق. شۇڭا پەم بىلەن پاكىز بىر تەرەپ قىلىمىز، چۈشەندىڭمۇ؟ بىز نېمە دېسەك شۇنى قىلساڭلا بولدى. سەن پەقەتلا يەنە بۇ سىرنى ئۆمۈر بويى ساقلىساڭلار، «شىرزاتنى مەن ئۆلتۈردۈم» دەپ بىر پارچە ئىسپات يېزىپ بەرسەڭلا ساڭا باشقا دەرد –پەد يوق، ماقۇل دەمدىكەنسەن؟
    -ماقۇل، ماقۇل.
    ئابدۇۋېلى قەغەز-قەلەم ئېلىپ كىردى، ئەنۋەر تاياق دەستىدىن تىنماي سىقىراپ ئاغرىپ تۇرغان قان يۇقى قۇلى بىلەن« شىرزاتنى مەن ئۆلتۈردۇم دەپ ئىسپات يېزىپ بەردى، بىراق ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. خوجايىن كۆينىكىنى كەيگەچ چوماقچىلىرىغا ئىش تاپلاشقا باشلىدى:
    -ھەممە ئىش پۈتتى. ئەخمەت سەن ھازىرلا چىقىپ پىششىىقراق يوغان يالتىراق سومكىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ كىر، ئابدۇۋېلى، سەن ئاۋال بۇ ھارام سۈيدۈكنى يۇيۇندۇرۇشقا بىللە ئېلىپ بار، بىر قۇر كىيىم يەڭڭۈشلىسۇن، يەنە قورسىقىنى ئوبداب تويغۇز. ئاندىن ئۆلۈكنى كونا قائىدە بويىچە بىر تەرەپ قىلشىنى چۈشەندۈرۈپ قوي. ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بارىمىز.
    -ماقۇل.
    7
    ئابدۇۋېلى ئەنۋەرنى يۇيۇندۇرۇپ ھەم تاماقلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قۇتا ھاراق ۋە خاسىڭ، دادۇر دېگەندەكلەرنى ئېلىپ كىرىپ بالىلار ياتالغۇسىدا سورۇن تۈزدى. ئەنۋەرنىڭ ئۆمرىدە ئۆزىگە سونۇلغان تۇنجى رومكىنى دەرھاللا رەت قىلغۇسى بار ئىدى، چۈنكى ئۇ ھاراق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېغىزىغا ئېلىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما بولغان ۋە بولىۋاتقان ئىشلاردىن بۇلار قىلىسەن دېگەننى قىلمايمەن دېيىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر قاندىقى نېمە دېسە ماقۇل دېيىش قارارىغا كەلدى ۋە بىرىنچى رومكىنى كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ بىرلا كۆتۈرۇپ ئىچىۋەتتى. گېلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھاراق خۇددى يالقۇنلاپ تۇرغان بىر دەستە ئوتتەك، ئەنۋەرنىڭ ئۈچەي-باغرىنى كۆيدۈرۈپ ئېچىشتۇرۋەتتى. رومكا ئوبدانلا ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ئەنۋەر چېقىپ، سىقىراپ ئاغرىۋاتقان بەدىندىكى ئاغرىق ئازابى بىردىنلا شىپا تېپىپ قالغاندەك ھېس قىلدى، كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۇرلۇپ سۆزمەنلىشىپ، تۆتىنچى رومكىنى سەل لىقلاپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئابدۇۋېلى دەل مۇشۇ پەيىتتە ھاراق قويماستىن سۆز باشلىدى:
    -يەنە ئىچكۈڭ بارمۇ؟
    -مەيلى ئىچسەك...
    -ئەمما بىز تېخى خوجايىن دېگەن ئىشنى قىلمىدۇق.
    -نېمە ئىشنى؟
    -سەن بىلەن مەن شىرزاتنىڭ ئۆلۈكىنى سومكىغا سالىدىغان ئىش...
    -شىرزاتنىڭ ئۆلۈكىنى سومكىغا سېلىپ نېمە قىلىمىز؟
    -نېمە بۇ ئىشلارنى سورايسەن؟ سەنچۇ تولا ئىشلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى سورىماي، ئاۋۋال قىل دېگەننى قىل، بولامدۇ؟
    -بولىدۇ، بولىدۇ. خوجايىن شۇنداق دېگەن بولسا ئەمسە ھازىرلا سالايلى.
    ئەنۋەر ھاراقنىڭ كەيپىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئالدىنقى كۈنلەردىكى ئەنۋەرگە زادىلا ئوخشىماي قالغان ئىدى. ئابدۇۋېلى ئەنۋەرگە سوغۇق تەگدى:
    -ئەجەپ دۆت بىر نېمە ئىكەنسەنغۇ؟ سەنچە شىرزاتنىڭ ئۆلۈكى سومكىغا شۇنداق ئاسان پاتارمۇ؟
    -قانداق قىلىمىز؟
    -بېشىنى، پۇتىنى كېسىپ سالىمىز...
    -كىم كېسدۇ؟
    -سەن كەسمەي كىم كېسىدۇ؟ ئەتىگەندە خوجايىن سورىسا نېمە دىېسىڭىز شۇنى قىلاي دەيسەن. ئەمدى تىلىڭنى چاينايسەنغۇ؟ ئەگەر ئىچكۈڭ بولسا «ئىش» نى تۈگىتىپ ئاندىن ئىچىشەيلى.
    ئەنۋەر بىر دەقىقە ئۇنسىز ھالدا ئابدۇۋېلىغا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇۋېلىنىڭ نېمە دېيىشى بىلەنمۇ كارى بولماستىن ھاراق بوتۇلكىسىنى قولغا ئېلىپ ئۆزىگە تولدۇرۇپ بىرنى قۇيۇپ ئىچۋەتتى-دە، بوغۇق، غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن:
    -ماڭايلى!-دەپ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئابدۇۋېلى ھىيلىگەرلىك بىلەن مېيقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان يوغان يالتىراق سومكا، كەڭ بىسلىق پالتىنى ئېلىپ ئەنۋەرنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.
    ئەنۋەر يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ شىرزاتنىڭ جەسىتى يېنىدا، خۇددى شىرزاتتىن ئەپۇ سوراۋاتقاندەك تىزلىنىپ ئولتۇردى-دە، بۇغۇلۇپ تۇرۇپ قان-قان يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە خىتاپ قىلاتتى:«شىرزات! سەن بىلەن مەن بۇ ئىچكىرگە نېمە بار دەپ چىقتۇق؟ مۇشۇنداق خورلۇق، مۇشۇنداق كۈن تارتىمىز دەپ چىقتۇقمۇ؟ مۇشۇنداق گۈلدەك ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ گۆشىنى پارچىلايمىز دەپ چىقتۇقمۇ...؟» ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاۋازىنى قويۋېتىپ سۆزلەپ كەتتى...
    -نېمە. نامازىنى چۈشۈرىۋاتامسەن؟ گەپ قىلمىسا تېخىچە ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ تېز بول، ھېلىمۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ئاۋارە بولدۇق!
    ئابدۇۋېلى سۆزنى تۈگىتىپ، قولىدىكى پالتا، سومكلارنى تاشلاپ قويۇپ، يەر ئاستى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەنۋەر شىرزاتنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، دەريا-دەريا ئېقىۋاتقان كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، پەس ئاۋازدا كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى:
    -مېنى كەچۈرگىن، ئەپۇ قىلغىن! بۇ ئالۋاستىلارنىڭ نىيتىنى، پەيلىنى بىلىسەنغۇ؟ مەن سېنىڭ تىنىڭنى پارچىلمىسام، مەنمۇ ئۆلسەم بولىدۇ، ئەمدى مەن بولساممۇ ھايات قايتىپ كېتەي. كەچۈر، مېنى كەچۈر، ئۇ ئالەم بۇ ئالەم كەچۈر!- ئەنۋەر چالا كەيپىلىكتە شىرزاتنىڭ ھازىرلا خۇددى قاسساپ كانارىدىكى گۆشتەك پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدىغان غېرىپ مىيتىگە،... ئۆزىنىڭ ئادەملەر قىلسا زادى بولمايدىغان جىنايەتكار بىر ئىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئاجىز، بىچارە ھالىتىنى ئويلاپ، ئۆزىگە نەپرەتلىنىپ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، ئاۋۋالقى ئېچىنىش، ئازابلىنىش يېغىسى بىردىنلا سوغوق كۈلكىگە ئالماشتى ۋە شىرزاتنىڭ جەسىتىنى قولتۇقىدىن تۇتۇپ كارۋاتتىن پەسكە ئېلىپ چۈشتى، كۆينىكىنى سالدۇرۇپ يۈزى بىلەن بوينىنى ياپتى. ئاندىن قولغا پالتىنى ئېلىپ كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، شىرزاتنىڭ بوينىنى نىشانلاپ ئارقا-ئارقىدىن چېپىشقا باشلىدى. ئەنۋەر كۆزنى ئېچىپ، شىرزاتنىڭ بېشىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئاندىن يۇتىسغا نىشانلاپ پالتا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئابدۇۋېلى يەر ئاستى ئۆيىگە قايتا كىرىپ كەلگەندە ئەنۋەر شىرزاتنىڭ پارچىلۋېتىلگەن جەسىتى ئالدىدا ھەيكەلدەك قېتىپ ئولتۇراتتى. ئابدۇۋېلى ئەنۋەرنىڭ ئېسىنى يىغدۇرۇپ، سومكىنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ، ئۆزى شىرزاتنىڭ پارچىلانغان جەسىتىنى خىش، تاش پارچىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سومكىغا سېلىشقا باشلىدى...
    چۈشتىن كېيىن خوجايىن چوماقچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئەنۋەرنى ئېلىپ، يەنە ئىككى دانە ئوخشاش رەڭ ۋە ئوخشاش شەكىلدىكى يوغان يالتىراق سومكىنىڭ بىرسىگە ئىچىملىك، يېمەكلىك، سېلىنجا قاتارلىق ساياھەت بۇيۇملىرىنى قاچىلاپ، سومكىلارنى ماشىنغا سېلىپ، دېڭىز بويىغا ساياھەتكە مېڭىشتى...
    تەخمىنەن ئىككى سائەتچە يول يۈرۈپ، كۈز پەسلىدىكى گۈزەل شەرقي دېڭىز بويىغا يېتىپ باردى. مەخسۇس دېڭىز ساياھىتى ئۈچۈن ياسىلىپ، چىرايلىق بېزەلگەن ساياھەت قېيىقىدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، دېڭىز قىرغىقىدىن ئايرىلىشتى. خوجايىن بىلەن چوماقچىلار قېيىق ئۈستىدە قانغۇچە ھاراق ۋە پىۋا ئىچىشتى، گۆش ۋە باشقا ئېسىل نازۇ-نېمەتلەرنى يىيىشتى. خۇددى جانسز ھەيكەلدەك قېيىقنىڭ بىر بۇرجىكىدە قېتىپ شۈمشۈيۈپ ئولتۇرغان ئەنۋەر بىلەن شۇ دەمدە ھېچكىمنىڭمۇ كارى بولمىدى. يېقىن ئەتراپتا بۇ قېيىقتىلەرگە دىققەت قىلدىغان ئادەملەر يوقلۇقىنى سەزگەن خوجايىن، ئابدۇۋېلىغا سومكىنى ئىشارەت قىلدى. ئابدۇۋېلى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا تەپسىلي قارۋەتكەندىن كېيىن شىرزاتنىڭ جەستى سېلىنغان سومكىنى ئىنجىقلاپ تەستە كۆتۈرۈپ، سۇلىرى تىنماي چايقىلىپ، لەڭ ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىزغا قويۇپ بەردى. سومكا سۇ يۇزىدە سانسىزلىغان ئۇششاق كۆپۈكچىلەرنى قالدۇرۇپ چۆكۈپ كەتتى. بۇ ئىشقا مەستىلىكى خېلى يېشىلىپ سىرتتىن پەرۋاسىز ھالدا بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرغاندەك قىلغان بىلەن يۈرىكى لەختە-لەختە قان بولۇپ كەتكەن ئەنۋەرنىڭ يىغلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھېچكىمنىڭ قېتىغىمۇ كېلىپ قويمىدى. شۇنداق قىلىپ تېخى ئون گۈلنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان، گۈزەل ئۆسمۈرلۈك گۈلىستاننىڭ بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم ئالغان بىر سەبىنىڭ ھاياتى قولىدىن جىمى يامانلىق، بالا-قازا كېلىدىغان، مۇشۇ تۆت كۈنلۈك ھاياتىدا پۇلدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان شۇ بىر توپ ئادىمىي ھايۋانلار، ئەخلەتلەر تەرپىدىن خۇددىي چۆمۈلىنى دەسسەپ ئۆلتۈرگەندەكلا نابۇت قىلىندى.
    ئەنۋەر ساق بەش كۈن يەر ئاستى ئۆيىدە ئېلېكتر چىراق يورۇقىدا كۈنگە بەش يۈز زىقتىن كاۋاپ ئۆتكۈزدى. پەقەت ھاجەتكە چىققان ۋاقىتلا كۈن نۇرىنى كۆرمىسە، كۈننىڭ قاچان چىقىپ قاچان ئولتۇرغانلىقىنىمۇ بىلمىدى. ئالدىنقى كۈنلەردىكى قامچىلىنىش،... شىرزاتنىڭ جەستىنى پارچىلاش، دېڭىزغا تاشلىۋېتىش، بەش كۈندىن بۇيانقى جازا ھېسابىدىكى يەككە-يېگانە ھالدا يەر ئاستى ئۆيىگە سولىنىپ تۇرۇپ كاۋاپ ئۆتكۈزۈش... لەر ئەنۋەرنىڭ يۈركىنى لەختە-لەختە قان-يىرىڭ بىلەن تولدۇرۇپ، ۋۇجۇدىدا بىر ئۆمۈر ساقايتىپ بولغۇسىز يارا-جاراھەتلەرنى قالدۇرىدى. ئەنۋەر يالغۇزلۇققا، يۈرىكىدىكى دەرت-ئەلەمگە پايلىماي، غايىۋانە ھالدا شىرزات بىلەن سۆزلەشتى، دادىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن سۆزلەشتى، يىغلىدى، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى، ئەمما بۇ يەر ئاستى«تۈرم» زۇلۇمىدىن قاچان، قانداق قۇتۇلغانلىقىغىمۇ ئەقلى يەتمىدى.
    بەشىنچى كۈنى كەچقۇرۇن، خوجايىن ئەنۋەرنى ئۆيىگە چاقىرتتى ۋە تاماكىسىنى شوراپ تۇرۇپ سۈرلۈك قىياپەتتە گەپ باشلىدى:
    -ساڭا باشقا جايدىن لوبەن (خوجايىن دېمەكچى) تېپىپ قويدۇم. ئۆزىڭمۇ مېنىڭ قېشىمدا ھېچقانداق ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىدىڭ. ھېلىقى شۇم بولسا ئۆلىۋالدى، تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سەنمۇ ئۆلىۋالما يەنە. ئەتە سېنى نەنجىڭگە ئېلىپ كەتكىلى كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا لوبەننىڭ قولىدا ئىشلەيسەن. ھازىر سىنى ئۆيۈمگە چاقىرتىشىمدىكى مەقسەت، ئۇ يەرگە بار ياكى قەيەرگە بار ھېلىقى ئۆلىۋالغان شۇمنىڭ ئىشى ھەققىدە باشقىلارغا قەتئىي ئېغىز ئاچقۇچى بولما! مەن ئۆزەڭگە ياخشى بولسۇن دەپ بۇ گەپنى ساڭا ئاتايىن داۋاتىمەن. ئەگەر بۇ گېپىمنى ئاڭلىماي، بۇ ئىشنى باشقا خەققە تىنىپ يۈرسەڭ شۇنى ئۇقۇپ قوي، ساقچىلار ئىزدەپ كەلسە ئەڭ ئاۋۋال تۇتىدىغىنى، تۈرمىگە كىرىپ ئېتىلىدىغىنى يەنىلا سەن! مېنىڭ قولۇمدا سەن يېزىپ بەرگەن ئىسپات بار. يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، بىزنى چىشلەپ تارتىمەن دەپ دۆتلۈك قىلىپ يۈرمە! ئەگەر ماڭا قارا چاپلىماقچى بولساڭ، مىنىڭ كىملىكىمنى، قانداق ئادەملىكىمنى، قانچىلىك پۇل، بايلىقىمنىڭ، ئىناۋىتىمنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلىپراق سۆزلەرسەن، بىلدىڭمۇ؟
    -بىلدىم، بىلدىم لوبەن ئاكا! قەتئىي دېمەيمەن! قەتئىي!!- قورقۇنچتىن پۇتلىرى ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترەپ كەتكەن ئەنۋەر كىچىك تەرىتىنى تۇتالمىغىلى تاسلا قالدى.
    -ئەمسە چىقىپ كۆزۈمدىن يوقال.
    8
    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئابدۇۋېلى يەر ئاستى ئۆيىدىن ئەنۋەرنى ھويلىغا ئېلىپ چىقتى. ھويلىدا خوجايىن ۋە 40 ياشلاردىكى، چىرايىنى چىبەرقۇت رەخىتتەك قورۇق بېسىپ كەتكەن، قان دىدارى قالمىغان ئاپئاق يۈزى، ئازراقلا شامال چىقسا، ئۇچۇپ كېتىدىغان قوناق شادىسىدەك ئورۇق تۇرقىدىن چېكەرمەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇردىغان ناتۇنۇش بىر ئەر كىشى تۇراتتى. خوجايىن ئەنۋەر ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەمگە ئەنۋەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    -كۆرگەنسىلەر «چىشقاق» ئاداش (خىروئىن، زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرى دۆلەت ۋە ئۆلكە ئارا زەھەر تۇشۇغۇچىلارنى شۇنداق ئىسىم بىلەن ئاتىشىدۇ)، مۇشۇ شۇم شۇ، دەل سىلى دېگەندەك پۇت-قولى چاققان بۇ ھاراملىقنىڭ.
    -ئۆزۈڭلار شۇنداق دېگەندىكىن ئېلىپ كېتىۋېرەي، مەن ماڭدىم ئەمسە، خوش.
    -خوش.
    خوجايىن ئەنۋەرنى «چىشقاق» ئىسىملىك ھېلىقى لوبەنگە ئەنە شۇنداق داڭلاپ يۈرۈپ بەش مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى. ئەمما ئەنۋەر قاسساپ يېتلەپ قۇشخانغا ئېلىپ كېتىۋاتقان قويدەك ھېچنىمنى سەزمىگەن ھالدا ئۆزىنى سېتىۋالغان لوبەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ قورو ئالدىدا توختىتىپ قۇيۇلغان «سەنلىڭ» ماركىلىق ھەشەمەتلىك پىكاپقا چىقتى. ئەنۋەرنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان لوبەن ماشىنا ئىچىدە ئەنۋەرگە قاراپ سۆزسىز بىرھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ماشنىسىنى ئاستا قوزغاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى:
    -يۈز-كۆزۈڭدىكى نېمە يېغىر، نېمە ئىششىق ئۇ؟
    -ئۇلار... ئۇردى!
    -ئەسلى پۇل تاپالماي يېگەن تايىقىڭنىڭ ئىزىكەندە؟! شۇنداقمۇ؟! مەن دەپ قوياي، مەن سېنى بۈگۈندىن باشلاپ ئون مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدىم، («چىشقاق» يالغان ئېيتىۋاتاتتى) مېنىڭ قېشىمغا بېرىپمۇ پۇل تاپالمىساڭ، سېنى ئۆلتۈرۈپ گۆشۈڭ بىلەن ئىتىمنى باقىمەن جۇمۇ؟
    ماشنا ئۇچقاندەك كېتىپ بارماقتا، ئەنۋەر خوجايىننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ چاقچاق بولۇپ قېلىشىنى بەك ئارزۇ قىلغان ئىدى، ئەمما خوجايىن سوغۇق، قانسىز، پۇرلاش يۈزىدە ئازراقمۇ ئىللىقلىقتىن، كۈلكىدىن ئەسەر يوق ئىدى. ئەنۋەر تۇنجى ئېلىپ كېلىنگەن، تاياق-توقماق، زۇلۇم ۋە جىنايەت بىلەن تولغان ئالۋاستىلار ئۇۋىسىدىن قۇتۇلۇپ نەنجىڭغا باردىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، قانداقلا بولمسۇن يېڭى بارماقچى بولغان ئۇرۇندىن ئازراق ئۈمىدلەنگەن ئىدى. ئەپسۇس، خوجايىننىڭ ئۆلۈم پۇراپ تۇردىغان سوغۇق سۆزلىرى، «سېتىۋالدىم، گۆشۈڭ بىلەن ئېتىمنى باقىمەن...» دېيىشلىرى...دىن ئەنۋەر ئۆزىگە تېخىمۇ چوڭ زۇلۇم، بالا-قازاغا تولغان قارا كۈنلەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەر كۈنى تولا يىغلاپ، تولا ئېقىپ تۈگەپ كېتەي دېگەن كۆز ياشلىرىنى مىڭ تەسلىكتە توختىتىپ، ئىچىدە ياراتقۇچىدىن بۇ دوزاقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى تىلدى.
    يېڭى خوجايىنى ئۇنى قەدىمىي نەنجىڭ شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان خىلۋەت خالتا كوچىدىكى ئىجارە ئېلىنغان، توخۇ كاتىكىدەك كىچىك بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    -بۇ سېنىڭ ياتىقىڭ، سەمەت دېگەن ئاكاڭ بىلەن بىرگە ياتىسەن. قائىدە ئوخشاش، ۋەزىپە سەل جىقراق. بولۇپمۇ ۋەزىپىگە، تاپىدىغان پۇلغا چاقچاق قىلما. مەن مۇشۇنچىلىك دەي، قالغىننى ئۆزۈڭ بىلەرسەن. ھازىرلا سېنى بازارغا ئېلىپ چىقىدىغان ئىپارە دېگەن ئاچاڭ كېلىدۇ، بىللە بازارغا چىقىشنى باشلايسەن، شۇ ئاچاڭ ساڭا ھەممىنى ئۆگىتىدۇ. بىلمىگەن يېرىڭ بارمۇ؟
    -يوق.
    -ماقۇل، ئەمسە تەييار بولۇپ تۇر.
    -....
    ھايال ئۆتمەي، ئەنۋەر ساقلاپ تۇرغان ياتاققا، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، زامانغا لايىق مودا كىيىنگەن، ئون بەش كۈنلۈك تۇلۇن ئايدەك سۈتتەك ئاق ھەم سۈزۈك يۇمىلاق يۈزىنى تېخىمۇ نۇرانە كۆرسەتكەن بىر جۈپ قارا قوي كۆزىدىن گۈزەللىك نۇرلىرى چاقناپ تۇردىغان، ئۇنىڭ شۇ گۈزەللىگىدىن ھېچكىم يانچۇقچىلىق قىلىپ پۇل تاپىدۇ دەپ ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغىدەك چىرايلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى-دە، ئەنۋەرنى كۆرۈپ سورىدى:
    -يېڭى كەلگەن بالا سەنمۇ؟
    -شۇنداق.
    -مەن بىلەن ماڭ، بازارغا چىقىمىز.
    ئەنۋەر ئۇ قىزغا ئەگەشتى. قىز قوروسىدىن چىقىپ بولۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەنۋەرگە سىنچىلاپ تەپسىلىي قارىدى ۋە سۆزلەشكە باشلىدى:
    -يۈز، بۇيۇنلىرىڭدىكى تاياق ئىزلىرىدىن قارىغاندا، خوجايىنغا پۇل تېپىپ بىرەلمەي تاياق يېدىڭ، شۇنداقمۇ؟
    -شۇنداق.
    -بىزنىڭ بۇ بەڭگى خوجايىن سەندەك بىر پۇل تاپالمايدىغان يارامسىزنى سېتۋېلىپ تازا قۇيۇلۇپتۇ-دە؟! سەن ئېيتىپ باقە! ئۆزۈڭنىڭ بۇ يەردە «بازار ئايلىنىپ» پۇل تېپىشقا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟
    ...
    -پۇل تاپالمىساڭ بۇ يەردە ھەركۈنى  تېخىمۇ قاتتىق تاياق يەيسەن. سەن بىزنىڭ خوجايىن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاچچىقىنى، خۇي-پەيلىنى بىلمەيسەن، ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولساڭ خۇددى غالجىر بولۇپ قالغان ئىتنىڭ ئۆزى بولىدۇ. تىرىك كۆمۈۋېتىشتىن يانمايدۇ.
    -مەن ...مەن... ئەزبىرايى خۇدا، پەقەت بۇنداق...بۇنداق...قىلىپ پۇل تاپالمىدىم، قەتئىي ئەپلەشتۈرەلمىدىم.
    -ئۇنداقتا ئەمسە تاياقتىن ئۆلۈپ كەتكۈڭ بارمۇ؟!
    ...
    سەن ئەڭ ياخشىسى پۇل تاپالمىدىم، ئەپلەشتۈرەلمىدىم دەپ ئېغىزىڭنىڭ سۈيىنى قۇيۇپ ئولتۇرماي، مەندىن ياخشى ئۆگىنىپ پۇل تاپ، قالغان ئىشلار ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، بىلدىڭمۇ؟
    ئەنۋەر ئىچكىرگە چىققاندىن بۇيان بۇ يەردە يانچۇق كولاپ جان باقىدىغانلار ئىچىدە، تۇنجى قېتىم ئۆزىگە سەمىمىي، سىلىق، باراۋەر مۇئامىلە قىلغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن يىغلىۋېتىشكە تاس قالدى. شۇ كۈنى چۈشتى كېيىن ئەنۋەر بىلەن بازار ئايلانغان ئىپارە «ھۈنەر» لىرىنى چىقىرىپ، ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا ئون نەچچە يانچۇق، سومكىلارنى «پاكىزلاپ» خېلى جىق ئولجىنى قولغا كەلتۈردى. بازاردىن قايتىدىغاندا ئىپارە، تۆت يۈز يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ۋە بىر يانفۇننى ئەنۋەرگە تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    -ئەسلى سەن بۈگۈن بىر پۇڭمۇ تاپالمىدىڭ، مۇشۇ پېتى ياتاققا قايتىساڭ خوجايىندىن ئۆلگۈچە تاياق يەيدىغان گەپ، شۇڭا كەچتە «بۇ پۇللارنى تاپتىم» دەپ خوجايىننىڭ قولىغا تۇتقۇز. يەنە دۆتلۈك قىلىپ مېنى بەردى، دەپ قويما.
    -ماقۇل...
    خوجايىن ئەنۋەر تاپشۇرغان پۇلنى كۆرۈپ باشقا گەپ قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن ھىمايىچىسىنىڭ ئىلتىپاتىدىن كۆڭلى باشقىچە تەسەللىي تېپىپ، بىر ئاخشام تاياقتىن قۇتۇلۇپ قالدى. كەچتە ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاققا كىرگەندە، ياتاقتا ئوتتۇز ياشلاردىكى تەتۈر ئۇستىخان، قارامتۇل، چوقۇر يۈزىنى ئۇششاق دانىخورەك بېسىپ كەتكەن، يەكچەشمە بىرسى نەشە تولدۇرۇلغان غاڭزىسىنى شوراپ ئولتۇراتتى.
    -مېنىڭ ئىسمىم سەمەت- دەپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى، ئۇ ئەنۋەرنى كۆرۈپ قوللاشمىغان يېقىنچىلىق بىلەن.
    -خوجايىن، سەمەت ئاكاڭ بىلەن بىر ياتىسىلەر- دەپ تۇنۇشتۇرغان.
    -ياخشى، ئۇنداقتا چىقشپ ئۆتەيلى.
    -سىز بۇ يەرگە كونا بولغاندىن كېيىن كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز.
    -ئەلۋەتتە، ھىمايىچىڭ بولىمەن دېگىنە... شۇڭا سەنمۇ مەن نېمە دېسەم ماقۇل دە!
    ئەنۋەر سەمەتنىڭ سۆزىگە بەك ئىرەن قىلىپ كەتمەيلا:
    -پەقەت بوزەك قىلمىسىڭىزلا بولدى،-دېدى.
    ئەنۋەر ھارغىنچىلقتا ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى. سەمەت نەشە تولدۇرۇلغان غاڭزىسىدىكى قالدۇقلارغا ئوت يېقىپ، تازا بىر-ئىككى قېتىم شورىۋەتكەندىن كىين ئېلېكتر چىراغنى ئۆچۈرۈپ «پاراڭلىشىپ ياتايلى» دېگىنىچە، ئۇدۇل ئەنۋەرنىڭ يېنىغا قىسىلدى. سەمەت يوغان-يوغان تىنىپ ئەنۋەرنىڭ يېنىدا بىر ھازا ئۈن-تىنسىز ياتقاندىن كېيىن، بىر قولىنى ئەنۋەرنىڭ كالتا ئىشتىنى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئەنۋەرنىڭ سۆڭگىچىنى ئاستا-ئاستا سىلاشقا باشلىدى. ئەنۋەر چۆچۈپ سەمەت تەرەپكە ئۆرۈلۈپ:
    -نىمە ئىش قىلۋاتىسىز سەمەت ئاكا! مەن ئوغۇل بالا تۇرسام!-دېدى.
    -مەن ...مەن شۇ ئوغۇل بالىنىڭ شۇ يېرىگە ئامراق، بىردەم جىم يېتىپ بەرسەڭ بولىدىغان گەپقۇ؟ ئۆزەڭ ھېلىلا، نىمە دېسەڭ ماقۇل دەيمەن دېگەنتىڭغۇ؟
    -سىز ساقمۇ؟ نېمە بولدىڭىز!
    -ئەمسە بىر قېتىملىقىغا ئەللىك يۈەندىن بەرسەمغۇ ماقۇل دەرسەن!
    -تولا ساراڭ بولماڭ! ئېغىزىڭىزغا بېقىپ سۆزلەڭ!...
    ئەنۋەرنىڭ سۆزى تۆگىشى بىلەنلا سەمەت يوغان، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئەنۋەرنىڭ ئېغىزىنى ئەتتى-دە، يەنە بىر قولى بىلەن ئەنۋەرنىڭ پۇتلىرىنى پۈكلەپ دۈم ياتقۇزماقچى بولدى. ئەنۋەر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، گەرچە ئاۋازنى چىقىرالمىسىمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىپچەكلەپ ئوڭدىسىغا ئۆرۈلمەكچى بولدى. ئۆي ئىچىدىن تۈمۈر كارۋاتنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ۋە گۈپۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بۇ كىچىك ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ سىرتىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋاز ۋە ئىپارەنىڭ :
    -ھەي سەمەت، ئىشىكنى ئاچ دەيمەن! سەمەت جۇمۇ، ئۇ بالىنى بوزەك قىلما! ئىشىكنى ئاچ!-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەمما ھايۋانى ھەۋىسى قۇتراپ كەتكەن سەمەت بولدى قىلدىغاندەك، ئىشىكنى ئاچىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى ئىپارە كۈچىنىپ تۇرۇپ سىرتىدىن ئىشىكنى ئىككى-ئۈچنى تېپىۋىدى، ئىشىك ئىچىدىكى ئىلغۇچ يۇلۇنۇپ ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. ئىپارە ئېلېكتر چىرىقىنى ياندۇرۇپ، ئۆزىگە يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە بىزەڭلەرچە قاراپ تۇرغان سەمەتنى ۋە ئۆز كارۋىتىدا قورقۇنۇچتىن بىچارىلەرچە تۈگۈلۈپ تىنماي، ھېقىقداپ يىغلاۋاتقان ئەنۋەرنى كۆردى. ئاچچىقىغا بەس كېلەلمىگەن ئىپارە سەمەتنىڭ ياقىسىدىن ئالدى-دە، ئۆزىدىن ياش جەھەتتىن چوڭ، كۈچلۈك بولغان سەمەتنىڭ يۈزىگە «قارىسسىدە» قىلىپ بىر شاپلاق سېلىۋەتتى، ھەم زەردى بىلەن دېدى:
    -ھۇ بەچچىۋاز! ھەزلەك! چوشقىنىڭ كۈچىگى! مۇشۇ كوچىدىن بەش يۈز مېتىر نېرىغا بارساڭ ئايالدىن مىڭى دېسەڭ تېپىلىدۇ. خۇدايىمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، مۇشۇ ئوغۇل بالىغا چېقىلىپ ئۆزۈڭگە ئوخشاش بۇ بالىنىمۇ نابۇت قىلمىساڭ بولمامدۇ؟
    سەمەت شاپلاق تەگكەن يۈزنى سىلاپ تۇرۇپ گەپ ياندۇردى:
    -ئۆزۈڭگە قويدۇرماقچىمىدىڭ، بۇ شۇمنى شۇنچە ھىمايەڭگە ئېلىپ!
    سەمەتنىڭ بۇ گېپىدىن ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىگەن ئىپارە ھەر دائىم يېنىدىن ئايرىمايدىغان، ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ گېلىغا تىرەپ تۇرۇپ زەردە بىلەن دېدى:
    -يەنە بىر دېگىنە شۇ گېپىڭنى! ۋاي بەچچىۋاز! يەنە بىر دېگىنە! بۇغۇزلىۋېتىپ قېنىڭنى ئىچىمەن جۇمۇ ھېلى!
    ئىپارەنىڭ قەھرىنى كۆرگەن، ھەم بۇ قورودىكى ھەممە ئادەم چوڭ بىلىدىغان، ھەتتا خوجايىنمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارلايدىغان ئۇستىكار ساھىبجامالنىڭ نوچىلىقىنى، بىڭسىنى ياخشى بىلدىغان سەمەت بىرەر پىشكەللىككە يۇلۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھاللا ھەممىنى قايرىپ قويۇپ يېلىنىشقا باشلىدى:
    -خاپا بولماڭ خان ئاچا! خاپا بولماڭ! مەن خاتا قىپتىمەن، خاتا سۆزلەپ قويۇپتىمەن، ئەپۇ سوراي، خاپا بولماڭ!
    ئۆزىنىڭ بارلىق ئادىمىيلىكى، نورمال ئىنسانىي تۇيغۇسى، شەرمى-ھايا، غۇرۇر-ۋىجدانىنى يوقاتقان بۇ ئازغۇن، شۇ تاپتا پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئايالدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئەنە شۇنداق تىترىگەن ھالدا كەچۈرۈم سورىماقتا ئىدى. ئىپارە شۇندىلا ئاچچىقىنى سەل بېسىۋېلىپ، پىچاقنى سەمەتنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    -يەنە ماڭا نوچىلىق قىلىپ قالايمىقان سۆزلەيدىكەنسەن، مۇنۇ كۆزۈڭنى ئەمدى مەن ئۇيۇۋالىمەن بىلدىڭمۇ؟
    -بىلدىم. بىلدىم خان ئاچا، ئەمدى ھەرگىز نوچىلىق قىلمايمەن... قالايىمقان سۆزلىمەيمەن بايا مەن... ئېزىپتىمەن.
    9
    ئىپارە ئەنۋەرنى ياتىقىغا ئېلىپ چىقىپ، قىز ئاياللارغا خاس پاكىز، رەتلىك بېزىلىپ، بىر كىشلىك كارۋات قويۇلغان ياتىقىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بوش يەرگىلا ئورۇن راسلاپ بەردى. ئەنۋەرنىڭ سەل قورۇنۇپ يېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىپارە سۆزلەشكە باشلىدى:
    -قانداق، يەنە ھېلىقى بەچچىۋاز ئاكاڭنىڭ يېنىغا چىققۇڭ كېلىۋاتامدۇ؟- ئىپارە مېيقىدا كۈلۈپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-خاتىرجەم يېتىۋەر، ئەتە مەن خوجايىنغا دەپ ساڭا باشقا ياتاق ئالدۇرۇپ بېرەي.
    ئىپارە چاماداندىن ئالىي دەرىجىلىك تاماكا چىقىرىپ، ئۆزى بىر تال تۇتاشتۇرۇپ كارۋىتىغا يانپاشلىدى-دە، تاماكا ئىسىنى پۈۋلىگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-قانداق؟ ئىچكىرى دېگەن بۇ يەرنى ئەمدى  ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەنسەن؟
    ئەنۋەر ئىپارەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىلدۈرۈۋاتقان ئاتىۋارچىلىقىغا يېنىشلاپ رەھمەت دېگۈسى بولسىمۇ، ئەمما نېمە دېيىشنى بىلمەي ئاجىزانە ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغلامسىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    -بىلدىم، چۈشەندىم، نەدىكى ئادەملەرنىڭ گېپىگە كىرىپ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە بەك پۇشايمان قىلدىم. ئەگەر سىز ئاتىدارچىلىق قىلمىسىڭىز...رەھمەت ئاچا. كۆپ رەھمەت.
    -چۈشەنگەنلا بولساڭ بولدى. رەھمەت دېمىسەڭمۇ بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن، ئەگەر ئىمكان بولسا قايتىپ كېتەلىسەڭ، يەنە خەقنىڭ يالغان گېپىگە ئىشىنىپ، ئىككىنچى بۇنداق يەرگە دەسسىمە. بۇ يەرگە «كاۋاپچىلىق قىلىمىز» دېگەندەك يالغان نام بىلەن چىققانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئەمەلىيەتتە خىروئىن، نەشە چېكىش، يۆتكەش، سېتىش، يانچۇقچىلىق، ئوغۇرلۇق قىلىش...دېگەندەكلار بىلەن پۇل تېپىشىدۇ. بىزنىڭ بۇ بەڭگى خوجايىننى كۆرگەنسەن، مانا قان-يىرىڭ ئىچىپ تۇرۇپ پۇل تاپىدۇ، سەن ۋە بىزلەرنى بۇ يەرگە يىغىپ پۇل تاپقۇزۇشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىردەملىك ئاق خومارىنى بېسىش ئۈچۈن پۇل تېپىش . دېمەك، سەن بىز جېنىمىزنى ئالقىنىمىزغا ئېلىپ قويۇپ پۇل تاپىمىز، ئۇ بەڭگى بولسا ئاق چېكىپ كۆككە سورۇيدۇ. ئۇلار شۇ جەريانىدا بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئادەم ئۆلتۇرۇش، پۈتۈن بىر ئادەمنى مېيىپ قىلىۋېتىش، ساپمۇ-ساق پۇت-قوللارنى كېسىۋېتىش... بالىلارنى، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىش، ئالداپ ئېلىپ سېتىش... قاتارلىق ھەر قانداق ئىپلاسلىقلاردىن يانمايدۇ، ھەتتا ئۆز ئاياللىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، قېرىنداشلىرىنىمۇ سېتىۋېتىدۇ. مانا بايىقى سەمەتنىڭ نورمالسىزلىقىنى كۆردۈڭ، ئاڭلىشىمچە ئۇ يېڭى ئېلىپ كېلىنگەندە خۇددى ساڭا ئوخشاش ساددا، مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل دېھقان بالىسى ئىكەن. ئۇ ساڭا ئوخشاش دەسلەپتە خوجايىنى ئۈچۈن پۇل تېپىپ بېرەلمەپتۇ، كېيىن خوجايىن نەچچە كۈنلەپ ئاچ قويۇپتۇ، ئۇرۇپ قىيناپتۇ، ئاخىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان بىر كۆزىنى قۇيۇۋېتىپتۇ، يەنە پۇل تاپالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم قېلىپىدىن چىققان خوجايىن قول ئاستىدىكى چوماقچىلىرىغا، سەمەتنى نۆۋەت بىلەن «خوتۇن» قىلغۇزۇپتۇ. شۇ نۇمۇس، شۇ ئازاپ ئەلەمدە سەمەت نورمال ئادەملىك روھىي ھالىتىنى يوقىتىپتۇ، ھەم ھەر قانداق بىر ئىشتا قولدىن كېلىدىغانلىقى ئەسكىلىكىنى قىلىدىغان، باشقا ئەرلەرگە، بالىلارغا بەچچىۋازلىق قىلىش بىلەن ئۆز قىساسىنى ئېلىپ ئۆز ئازابىنى يىنىكلىتىپ يۈرىدىغان نورمالسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئالۋاستى سۈپەت ئادەم بولۇپ قېلىشىغا زادى كىم سەۋەبچى؟ مۇشۇ ئىپلاس ئالدامچى خوجايىنلار بولمامدۇ؟ بۇ ئىپلاس خوجايىنلار ئالداپ ئېلىپ چىققان بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇچىغا چىققان يانچۇقچى، ئوغرى، ھارامخور بولۇپ كېتىدۇ. يانچۇقچى بولالمىغانلىرى بىر بولسا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، يەنە بىر بولسا نورمال ئادەملىكى، ئارزۇ ئىستىكى، ئەخلاقىدىن ئايرىلىپ ئالۋاستى سۈپەت غەيرى بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سەنغۇ بىر ئوغۇل بالا، مەن قىز بالا تۇرۇپ، ئادەم بۇ دۇنيادا كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان قارا كۈنلەرنى كۆردۇم،  يەتكۈچە بوزەك قىلىنىپ خورلاندىم، ھەتتا ئۆلىۋالماقچىمۇ بولغانىدىم. ئەمما بۇ جان شۇنداق تاتلىقكەن،- ئىپارە خۇددى ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئادىمى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئىچ باغرىنى تۆككۈسى كەلگەندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سۆزلىسەم گەپ تولا، ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن سەبىي چاغلىرىم ئىدى. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتقىنىمدا ئادەم بىدىكلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىپ، ئىچكىرگە ئېلىپ كېلىنىپ يانچۇقچىلىققا سېلىندىم... باشتا مەنمۇ ئەپلەشتۈرەلمىدىم، ئەپلەشتۈرەلمىگەندىن كېيىن جازالاندىم، تاياق يېدىم، كۈن-كۈنلەپ ئاچ قويۇلدۇم. تاياق كۆتۈرەلمىسەم خوجايىن خالىغان ۋاقىتتا ئاياق-ئاستى قىلدى. يەنە شۇ يانچۇقچىلىقنى ئەپلەشتۈرەلمىدىم، ئاخىرى خوجايىن مېنىمۇ سېتىۋەتتى. يېڭى سېتىۋالغان خوجايىننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىسمەت، قارا كۈنلەرگە دۇچ كەلدىم، ئۇ خوجايىنمۇ سېتىۋەتتى. خۇددى چارۋا بازىردىكى ھايۋانغا ئوخشاش قولدىن- قولغا سېتىلىپ، ئېلىنىپ يۈردۈم. خالىغان ۋاقىتلاردا ئۆزەمدىن نەچچە ئون ياش چوڭ كىشىلەر تەرىپىدىن كېچە-كېچلەپ نۆۋەت بىلەن ئاياغ ئاستى قىلىندىم. ئاخىرى يەنە مەن يانچۇقچىلىق قىلىپ، خوجايىنغا پۇل تېپىپ بېرەلمىگەندىن كېيىن، ئاخىرى خوجايىن كۆز ئالدىمدىلا پاھىشخانا خوجايىنىغا يۇقىرى باھادا پاھىشلىككە سېتىشقا پۈتۈشتى. دەل شۇ چاغدا كاللامدا «ھەر قانچە بولسىمۇ تىنىنى ساتىدىغان پاھىشە بولمايمەن!» دېگەن پىكىر گۈلدۈرلىدى-دە، خوجايىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ: «جېنىم خوجايىن، خوجايىن ئاكا، ئۇنداق قىلمىسىلا، ماڭا رەھىم قىلسىلا، مېنى ھەرگىز پاھىشخانىغا سېتىۋەتمىگەن بولسىلا، بولدى، مەن نېمە دېسىلە شۇنى قىلاي، ئالدىلىرىدا ئىت-ئىشەك بولاي. مەن چوقۇم بازارغا چىقىپ سىلى ئۈچۈن جىق پۇل تېپىپ بېرەلمىدىم، سىلىنى خاپا قىلىپ قويدۇم. ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، ھەرگىز، ئەتىدىن باشلاپ مەن بازارغا چىقاي، پۇل تاپاي» دەپ قار-يامغۇر يىغلىدىم. ئاخىرى خوجايىنىڭ رەھىمى كېلىپ، مېنى يېنىدا ئېلىپ قالدى.«ئەمسە مۇشۇ بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، ئەگەر يەنە پۇل تاپالمىدىم دەپ تىلىڭنى چايناپ كىرىپ قالساڭ مەندىن ھەرگىز خاپا بولما!» دېگەن شەرتنى قويدى. مەن شۇ چاغدا ھاياتىمدىكى يۈز بەرگۈسى ئەڭ ئېغىر قىسمەت، قارا كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. مەن شۇ ئىشتىن كېيىن ئەتىسىدىن باشلاپ قەتئىي يانچۇقچىلىق قىلىپ، خوجايىنغا پۇل تېپىپ بېرىش نىيتىگە كەلدىم ۋە بارلىق تىرىشچانلىقىمنى ئىشقا سېلىپ بازارغا چىقىپ پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتتىم. تالاي قېتىم ئۆلگىچە ئىزا-ئاھانەت ئىشتىپ تاياق يەپ، ساقچىخانىلارغىمۇ كىرىپ قالدىم. ساقچىغانىغا كىرىپ قالسام، خوجايىنىم بىر ئاماللار قىلىپ ئېلىپ چىقىۋالدى. ئەگەر خوجايىنىم ئۆگەتكەن بويىچە، تىلىمنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان ئۆتكۈر تىغ بىلەن بەدىنىمنى كېسىپ زەخمىلەندۇرۇپ ساقچىدىن قۇتۇلۇپ كەتتىم. ئۇزۇنغا بارماي بۇ ھۈنەرنىڭ ئەھلى بولۇپ كۆزگە كۆرۈنۇپ، خوجايىنىڭ ئىشەنچىسىگە، ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشتىم. مەن گەرچە كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇپ كەتسەممۇ، ئەمما تېزراق يۇرتۇمغا، ئائىلەمگە قايتىپ بېرىپ، ئاتا-ئاناملار بىلەن جەم بولۇپ يېڭىچە، ئاددىي تىنىچ-خاتىرجەم تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى بىر كۈنمۇ ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم ھەم بىر-ئىككى يىل خوجايىن ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان پۇل تېپىپ بېرىپ، ئاندىن بىر كۈنى بۇ خىيالىمنى خوجايىنغا دېدىم: -«ئۆزلىرىگە شۇنچە يىل ئىشلەپتىمەن، ئۆزلىرىمۇ ماڭا كۆپ ئاتىدارچىلىق قىلىدىلا. مەن بىر ئاجىز قىز بالا ،ھامان يۇرتۇمغا قايتمىسام  بولماس …شۇڭا مېنىڭ قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغان بولسىلا، ئەگەر مېنىڭ بۇ تەلپىمگە ماقۇل بولسىلا، يەنە ماڭغىچە قوللىرغا يۈز مىڭ يۈەننى تاپشۇرۇپ ئاندىن ماڭاي» دەپ قوشۇپ قويدۇم. نەشە كەيپىدىن كۆزلىرى ئەلەڭلىشىپ كەتكەن خوجايىن بىر ھازا پۇشۇلداپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: «ئەزەلدىنغۇ گىپىڭ ئوچۇق  ئەركەك نېمىتىڭ، يەنە ئەركەكچىلىكىڭنى قىلدىڭ، بولدى، كېتىمەن دېسەڭ كەت! دېمىسىمۇ مەن ئۈچۈن كۆپ سەكپارە بولدۇڭ، جاپا تارتتىڭ، ئەمما نېمە ئامال؟ سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ ئەمەسمۇ؟! لېكىن ساڭا بىرلا تەلىپىم بار، ماڭا تېپىپ بېرىمەن دېگەن پۇلۇڭنى كەم قىلماي تېپىپ بېرىپ ماڭ!» -دېدى. مەن شۇ كۈنى بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم، چۈنكى خوجايىن ماڭا بۇنداق ئاسان ماقۇل بولىدۇ- دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. نەچچە يىل ئايرىلىپ كەتكەن يۇرتۇم، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ۋەيران بولغان بالىلىق، ياشلىق بېغىمدىكى گۈلزارلىقىمنى تېپتىنىچ، خاتىرجەم، نورمال تۇرمۇشۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. خۇشاللىقىمدا خوجايىنغا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ئوبدانلا تۆت ئاي پۈتۈن زېھنىم بىلەن «بازار ئايلىنىپ» خوجايىنغا يۈز مىڭ يۈەننى ساق تۇتقۇزغاندىن سىرت، قۇلۇمغىمۇ خېلى جىق پۇل ئاشقان ئىدى. ئەمما بۇ خوشاللىقىمىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي كۆپۈككە ئايلىنىىپ قالىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟! مەن مىڭ ئارزۇ-ئۈمىد، سېغىنىش بىلەن يۇرتقا كېلىپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلسەم، ئەزەلدىن كېسەلچان بىچارە دادام مېنى ئادەم بېدىكلىرى ئىچكىرىگە ئېلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، مېنى كۆپ ئىزدەپ تاپالماي، ئازابلىنىپ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئاخىرى ئانامنى، مېنى  ۋە ئىككى قېرىندىشىمنى تاشلاپ، بۇ دۇنيادىن ئەلەم بىلەن كېتىپ قاپتۇ. ئاناممۇ بىر ئۆينىڭ چاقىنى يالغۇز ماڭدۇرۇپ بولالماي …ئىككى يىلدىن كېيىن باشقا بىر ئەرگە ياتلىق بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئىچكرىگە ئېلىپ كېتىش سەۋەبىمدىن ئىللىق، خاتىرجەم بىر ئائىلە خۇددى توزغاقتەك تۇزۇپ تۈگەپتۇ،-ئىپارە ئۆزىنى توختىتىۋالالماي مىشلداپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇدى،- مەن ئۆيگە خېلى جىق پۇل ئېلىپ بارغان ئىدىم. ئېلىپ كەلگەن پۇلۇمنى كۆرۈپ ئۆگەي دادام ماڭا كۆپ ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى ۋە كۈندە دېگۈدەك ئەل- ئاغىنىلىرى بىلەن قاۋاقخانىلارغا يورغىلاپ، شۇ پۇللارنىڭ پەيزىنى ئوبدانلا سۈرۈشكە باشلىدى. ئۆگەي دادامنىڭ خۇي-پەيلى شۇنداق بولسىمۇ، تىنىچ، خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئۆيۈمدە ئىككى ئاينى ئۆتكۈزدۇم. ئەمما يەنە ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. بىر كۈنى ئۆيىمىزگە داۋاملىق ئىچكىرگە بالا يۆتكەپ سېتىپ جان باقىدىغان سادىق «تۈڭگۇز» ئىسىملىك بىر بىدىك ئۆگەي دادامنى ئىزدەپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۆگەي دادام بىلەن ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۇزۈندىن-ئۇزۇنغا سۆزلەشتى. كۆڭلۈم يەنە بىر شۇملۇقنى سەزدى-دە، ئانامنى تېپىپ «ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئۆيگە نېمىشقا كېلىپتۇ؟» دەپ سورىدىم، ئانام يىغلاپ تۇرۇپ ھەممە گەپنى ماڭا ئېيتىشقا باشلىدى:« جېنىم قىزىم، مەن ساڭا گەپنىڭ راستىنى دېمىسەم بولمايدۇ. ئۆگەي داداڭنىڭ ئېيتىشىچە سەن ھازىر پۇل تېپىشقا خېلى ئۇستا بولۇپ قاپتىمىشسەن. شۇڭا بىر ھەپتە بۇرۇن ھازىر كىرىپ كەلگەن ھېلىقى ئادەم سېنىڭ بىر يىللىقىڭنى ئون مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىشىمىزنى سوراپ كەپتۇ، يەنە ئىچكىرگە ئېلىپ كەتكۈدەك… ئۆگەي داداڭ بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتىپ ماقۇل كەلتۈرۈشۈمنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما مەن بۈگۈنگىچىلىك بۇ گەپنى ساڭا دېمىدىم، قانداق دەيمەن؟ نېمە دەپ دەيمەن؟ سەن ئىچكىردە ھېلىمۇ ئاز كۈن تارتتىڭمۇ؟ رەھمەتلىك داداڭ سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ تۇرۇپ كۆزى ئوچۇق ھالدا جان ئۈزمىدىمۇ؟ بۇ ئۆگەي داداڭ شۇ ئىشنى سۈيلەپ كۈندە تىللايدۇ. ئەگەر قىزىڭ ماقۇل بولمىسا ماۋۇ يىتىمەكلىرىڭنى ئېلىپ سەنمۇ بۇ ئۆيدىن يوقال !!! دەيدۇ. جېنىم قىزىم، سەن بىلەن مەن ھەم شۇ ئۇكىلىرىڭ نېمىشقا بۇ دۇنياغا شۇنچىلىك بىتەلەي، شور پىشانە بولۇپ يارىلىپ قالغاندىمىز؟! نەچچە قېتىم بۇنداق ئۆز قىزىنى ساتىدىغان كۈننى كۆرگىچە زەھەر ئىچىپ بۇ ئالەمدىن بىراقلا كېتەيمۇ دېدىم، ئەمما شۇ بىچارە ئۇكىلىرىڭ ھەم سېنى بوينىنى قىسىپ يەنە كىمنىڭ قولىغا قاراپ قالار، يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرەر دەپ...»-ئاناممۇ يىغلىدى، مەنمۇ يىغلىدىم، شۇ قارا نىيەت ئۆگەي دادامنىڭ پۇل ئۈچۈن قىلىۋاتقان شۇملۇقلىرىنىمۇ چۈشەندىم، ئانامغىمۇ ئىچىم ئاغرىدى. نېمە ئامال؟ مەن ئاخىرى بىچارە ئانام ۋە ئىككى ئۇكام ئۈچۈن ئۆگەي دادامنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشقا ماقۇل بولدۇم. ئىككىنچى كۈنى ھاۋا تۇتۇلۇپ، مېنىڭ ھەسرىتىمگە، ئەلىمىمگە ئىچى ئاغرىپ ھېسداشلىق قىلغاندەك ئاسماندىن سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. تۇپراق بېشىغا بېرىپ رەھمەتلىك دادام بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشتىم. مانا تۆت يىل بولدى، ھازىرغىچە مۇشۇ خوجايىنغا ئىشلەۋاتىمەن. يىلىمۇ-يىل باھايىم ئۆسۈپ ماڭدى. بۇ يەردە خوجايىن ئالىدىغان پايدا كۆپەيسە، يۇرتتا ئۆگەي دادام ئالىدىغان پۇلمۇ كۆپەيدى. بۇ يىلدىن باشلاپ ھازىرقى بۇ بەڭگى خوجايىنىم مىنڭ بىر يىللىقىمنى ئاتمىش مىڭغا سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ھازىر مەن بۇ ھۈنەرنىڭ پىرى بولۇپ كەتتىم. خوجايىن مېنى ئاتمىش مىڭغا سېتىۋالغان بىلەن مەن بىر يىلدا خوجايىنغا ئۇنداق پۇلدىن نەچچە ئوننى تېپىپ بېرىمەن. ھازىر مېنىڭ بۇ«ھۈنىرىم» گە، تېزلىكىمگە، بۇ جەھەتتىكى داڭقىمغا بۇ يەردە قول قويمايدىغىنى يوق. كۈندۈزلۈك بازار ئايلىنىشىم شۇنداق ھوسۇللۇق، ئويۇندەكلا ئاددى بىر ئىش … شۇڭا ھازىر بۇ يەردە مەيلى پۇلنى قانچىلىك خەجلەيمەن، نەلەرگە بېرىپ، نېمە ئىشلارنى قىلىمەن، ئىشقىلىپ بۇ خوجايىننىڭ يېنىدىن كەتمىسەملا ماڭا ھېچكىم ئارتۇقچە گەپ-سۆز قىلىشمايدۇ، ئەتىۋارىمنى قىلىشىدۇ...
    ياتاق ئىچىدىكى بىر ھازا ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقنى يەنىلا ئىپارەنىڭ ئېچىنىشلىق سەزگۈرەشتىسىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقان ئەنۋەر بۇزدى:
    -ھەممە ئادەم سىزگە قول قويغاندىكىن ھەم خېلى ئەركىنلىشىپمۇ قالغاندىكىن يۇرتقا، ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز بولمامدۇ؟
    -سەنچە ئىش شۇنچە ئاددىيما؟ مەن ھېلى دېدىمغۇ؟ مەن يەنە شۇ يۇرتقا، ئۆگەي دادامنىڭ ئالدىغا بارسام سوسكىغا ئۆگەنگەن موزايدەك مەن تېپىپ بەرگەن پۇلغا ئوبدانلا چۈشەنگەن شۇ قارا نىيەت ئۆگەي دادام مېنى شۇ يۇرتتا تۇرغۇزارمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. مەن چۆل-جەزىردىكى شامال ئۇچۇرۇپ يۈرگەن قامغاقتەك بىتەلەي شورپىشانە، بىچارە ئاپام ھەم قېرىنداشلىرىمنى ئويلىمىسام بولمايدۇ. يەنە بىرسى مەن توققۇز يېشىمدىن بۇ يىگىرمە بىر يېشىمغىچە مۇشۇ جىن-ئالۋاستىلار ئۆڭكۈرىدە يۈرۈپ، ئەمدى ئاللاقاچان يانچۇقچىلىق قىلمىسا تۇرالمايدىغان، باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكىنى، ھەققىنى ئېلىۋېلىشنىى نۇمۇس بىلمەيدىغان، خۇددى ھاجەتخانىدا دائىملىق ھالدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ سېسىقچىلىققا كۆنۈپ، ئۆزلۈشۈپ قالغان ئادەمدەك ئازابلانمايدىغان، يانچۇقچىلىق قىلىشنى ئويۇنچۇق، كۆڭۈل خۇشى ئورنىدا كۆرىدىغان نورمال بولمىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. مېنىڭ بۇ سېسىق قولۇم، يانچۇق كولاشقا، ئاختۇرۇشقا خۇمار بولۇپ قالدى. يانچۇقلار بولسا ئاختۇرغۇم كېلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ياتىقىمدا يالغۇز قېلىپ، ئىچىم پۇشۇپ خۇمارىم تۇتقاندا ھەتتا ئۆزۈمنىڭ يانچۇقىنى پەم بىلەن ئۆزۈم ئاختۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ خۇماردىن چىقىمەن. شۇ يۇرتۇمغا بېرىپ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىم، تۇنۇش-بىلىشلىرىمنىڭ ئالدىدا يەنە يانچۇق كولاپ، ئاختۇرۇپ يۈرەمدىم؟ يەنە كۆپۈنچە كەچلەردە، ياتىقىمدا خۇددى تىكەندەك يالغۇز قېلىپ غېرىبچىلىق باسقاندا كاللامغا شۇنداق خىياللار كېلىدۇ:«ئەجىبا مېنىڭ قىممەتلىك ھاياتىم، گۈزەل ئاياللىق نازاكىتىم مۇشۇ كۈندە گەندە سېسىقچىلىق ئىچىدە بۇلغىنىپ، سېسىپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟ مېنىڭمۇ ھالال جۈپتىم، ئىللىق ئائىلەم، ئوماق بالىلىرىم بولۇپ، ئۇلار چوڭ بولغاندا: «بىز بىر يانچۇقچىنىڭ بالىسى ئىكەنمىزغۇ» دەپ مەندىن يىرگىنىپ نەپرەتلىنىپ قالسا... ئۇ چاغدا مەن... مەن بۇنداق خىيالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايمەن. يۈرىكىم پارتىلاپ كەتكەندەك پارە-پارە بولۇپ ئۈن-تىنسىز يىغلايمەن، تۈمەنمىڭ يىلان- چايانلار چېقىۋاتقاندەك ئازاب بىلەن تولغۇنىمەن، ئەمما يەنە ئەتىسىدىن باشلاپ كۈن بويى قاتىراپ، كىشلەرنى يىغلىتىپ-قاقشىتىپ خوجايىننى، ئۆگەي دادامنى خۇش قىلىپ يۈرمەكتىن باشقا نېمە ئامال دەيسەن؟ ھە راست، باياتىن سېنىڭ مېنى يۇرتىڭىزغا قايتىپ كەتسىڭىز بولمامدۇ؟ دەپ نەسىھەت قىلىپ كەتكىنىڭگە قارىغاندا، ئەسلى ئۆزەڭنىڭ كەتكۈسى بار، شۇنداقمۇ؟ كەتسەڭ بولىدۇ، ئەمما بۇ گەپنى مېنى دېدى، دەپ سالما يەنە، كېتىمەن دەپ خام تەمە قىلىپ قېچىپ كېتىشنى ئويلىما، چۈنكى بۇ ئىچكىردە قېچىپ يۇرتۇمغا كېتىمەن- دەپ مەقسىتىگە يەتكەنلەر يوق دىيەرلىك، ھامان تۇتۇلۇپ قالسەن. بازارغا بىللە چىققان پايلاقچىلاردىن قانداق قۇتۇلىسەن؟ ۋاقىتلىق قۇتۇلدۇڭمۇ دەيلى، يەنە مەلئۇنلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتىلالمايسەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە تۇتۇلۇپ قالدىڭمۇ ھاياتىڭدىن ئايرىلسەن، يېنىك بولغاندا پۇت-قولۇڭ ناكا بولىدۇ شۇ. ناۋادا تۇتۇلمىغاندىمۇ پۇلۇڭ بولمىسا نېمىگە كېتىسەن؟ قانداق كېتىسەن؟ ئاخىرى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا ئىگە-چاقىسىز سەرگەردان بولىسەن... يا يەنە بىر خوجايىغا تۇتىلىسەن يا ھاياتىڭدىن ئۇن-تىنسىز ئايرىلسەن. شۇڭا ئەڭ ئاسان يول، بازارغا چىققاندا قورقۇپ تىتىرەپ تۇرماي، جۈرئەتلىك بولۇپ ساقچى بار يەردە پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ خەقنىڭ يانچۇقىنى، سومكىسىنى ئاختۇر ياكى بىر نەرسىنى بۇلاپ قاچ-دە، ساقچىغا تۇتۇل. ئەگەر بۇ مەقسىتىڭنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشقا ئاشۇرساڭ، ساقچىلار سېنى نەق بىر پۇڭ چىقىم قىلدۇرمايلا ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىدۇ. يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي،... ئىپارەنى ئۇيقۇ باسقان بولسا كىرەك، ئارقا-ئارقىدىن ئەسنەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ساقچىغا تۇتۇلغاندا، خوجايىن چوقۇم تۈرلۈك يالغان باھانە بىلەن سېنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى بارىدۇ. شۇ چاغدا سەن« ئۇنى تۇنۇمايمەن... ئۇ مېنىڭ ھېچنېمەم ئەمەس. مەن شىنجاڭغا قايتىپ كېتىمەن» دەپ تۇرىۋال...ساقچىدىن ئايرىلما، پېشىگە ئېسىلۋال...
    ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىپارە يېنىك پۇشۇلداپ، ياتقان يېرىدە يىشىنمەستىنلا ئۇيقىغا كەتتى. ئەنۋەرنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ:«مېنىڭمۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى نىيەتلىك ئانام بولغان بولسىچۇ-ھە؟ ئەگەر ئانام بىزنى باغرى تاشلىق قىلىپ تاشلىۋەتمىگەن بولسا، مەنمۇ ئالدىنىپ بۇ يەرگە چىقىپ بۇنداق كۈنگە قالماستىم…» دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ يەنە كۆڭلىنى يېرىم قىلدى ۋە «بىچارە ئىپارەمۇ يەنىلا شۇ ئادەم بىدىكلىرى، ھارامخور خوجايىنلار، قارا نىيەت ئۆگەي دادىسى سەۋەبىدىن ئىنسان بالىسى كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان قارا كۈننى كۆرۈپتۇ، يەتكۈچە خورلىنىپ زۇلۇم تارتىپتۇ. شۇ ئۆگەي دادىسى ئۇنچە قارا نىيەت بولمىغان بولسا بۇرۇنلا يۇرتىغا قايتىپ بېرىۋالاركەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۆزى يۇرتىغا قايتىپ بارالمىغاندىن كېيىن، مېنى بولسمۇ خورلىنىپ قالمىسۇن، تېزرەك يۇرتىغا قايتىپ بېرىۋالسۇن دەپ ئارقا-ئارقىدىن ماڭا كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى قىلىپتۇ، ھەممىنى دەپ بېرىپتۇ-دە. بۇ دۇنيادا ئۇرۇق-تۇغقان، قان-قېرىنداش ئىچىدىمۇ ئەڭ بىۋاپا، قارا نىيەت ئادەملەر بولغانغا ئوخشاش، ھارامغۇر، قانخورلار ئارىسىدىمۇ ئىپارەگە ئوخشاش ئاق كۆڭۈل، ياخشى كىشلەرمۇ بار ئىكەن» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. بولۇپمۇ ئەنۋەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئىپارەنىڭ «پەقەت ساقچىلارلا سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىدۇ، ساقچىغا تۇتۇل… ئۇ مېنىڭ ھېچنېمەم ئەمەس، شىنجاڭغا قايتىپ كېتىمەن دەپ تۇرىۋال…» دېگەن سۆزلىرى تەكرار جاراڭلىدى. ئىپارەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ئەنۋەرنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك، يىراق بىر جايدا يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈمىد يۇلتۇزى پارلاپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى ھەم ئىچىدە: «نېمىشقا مەن بۇلارنى بالدۇرراق ئويلىمىغاندىمەن؟» دەپ ئەپسۇسلاندى، شۇنداقلا ۋۇجۇدىدا ئىپارەگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى قايتىدىن يالقۇنلاپ، ئۆز ئىچىدە ئىپارەگە چەكسىز خۇرسەنلىك بىلەن چىن كۆڭلىدىن رەھمەت-تەھسىنلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
    10
    ئىككىنچى كۈنى ئەنۋەر باشقىچە روھلۇق ھالدا يەنە سۇس چىلانرەڭ بويىۋالغان تال-تال چېچىنى ئارقىسىغا بانتىلاپ، قارا كۆز ئەينىكىگە پار كەلتۈرۈپ، ئالىي دەرىجىلىك قارا رەخىتتىن ئالپىتە قىلىپ بىر يۈرۈش مودا كالتە كىيىم كىيگەن ئىپارە بىلەن «بازار ئايلىنىش» قا چىقتى. ئىپارە ئاپتوبۇس ئىچىدە، تاللا-بازارلىرىدا يەنە شۇنداق شەيتاندەك تېز، ئېزىتقۇدەك سىرلىق ھالدا ھايت-ھۇيت دېگۈچىلىك كۆزنى باغلاپ، ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ھېچنېمە كۆرمىگەندەك يىراقلارغا قاراپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى كۈنلەردە ئەنۋەر ئۈچۈن «بازار ئايلىنىش» قورقۇنچىلىق، ئازابلىق تۇيۇلغان بولسا، بۈگۈن نېمىشقىدۇر باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئەنىۋەر  ئەتىگەندىن بۇيان تالاي يانچۇقلار، قول سومكىلارغا كۆز سالدى، پۈرسەت كۈتتى. ئەمما پۇل-مال ئېلىشنىڭ پەيتى كەلگەندە دەل ئەنۋەر كۈتكەندەك ئەتراپىدا بىرمۇ ساقچى يوق، ساقچىلار پەيدا بولغاندا ئەنۋەر ئىزلىگەن نىشان يوق. چۈشمۇ بولاي دېدى، ئىپارە بۇنى ھېس قىلدىمۇ قانداق، بىر ئاۋات كوچىدا ئەنۋەر بىلەن يۈز مېتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ كېتىپ باراتتى. ساقچىلارنى مۇشۇنداق كوچىلاردا كۆپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئىپارە ئوبدان بىلەتتى. ئەنۋەر ئەتراپنى كۆزىتىپ كېتىپ بېرىپ، دەل بىر يېمەكلىك يايمىسى ئالدىدا ئاتمىش ياشلاردىن ئاشقان بىر موماي سومكىسىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مومايدىن خېلى يىراقتا بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ  يېنىدا ئىككى نەپەر ساقچى تاماكا چېكىشكەچ گەپلىشىپ تۇراتتى. ئەنۋەر دەل پەيتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ موماينىڭ قولىدىكى سومكىنى كۈچەپ تارتىۋېلىپ، چوڭ يول تەرەپكە قاراپ قاچتى. بازاردىكى ئادەملەر شۇئانلا ئۆرە-تۆپە بۇلۇشۇپ، چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۈچلۈك بىر قول پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرىۋاتقان ئەنۋەرنىڭ گەجگىسىدىن قاماللاپ تۇتتى-دە، يەرگە يىقىتىپ قولىغا كويزا سالدى. ئەتراپتىكى كىشلەر يوپۇرۇلۇپ كېلىشىپ ئەنۋرنى ئۇرماقچى بولۇشتى، بىراق ساقچىلار يول قويمىدى. گەرچە ئەنۋەر ئەتراپتىكلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە، ساقچىلارنىڭ مەجبۇرىي بويسۇندۇرىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە ئۆز پىلاننىڭ ئوڭۈشلۇق ئەمەلگە ئاشقىنىغا بەك خۇشال بولدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىر ساقچى ئەنۋەرنى ساقچىخانىنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ سولاقخانىسىدىن ئىشخانىسغا ئېلىپ كىردى. ئىشخانىدا ئەنۋەرنى ئىككى نەپەر ساقچى بىلەن خۇددى ئىپارە دېگەندىكىدەك، ھېلىقى ئورۇق بەڭگى خوجايىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئەنۋەر ئىشخانىغا كىرىپ كېلىشىگىلا خوجايىن باشقىچە مۇلايىملىشىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، ئۇنىڭ باش-كۆزىنى، قوللىرىنى تۇتۇپ سىلاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى:
    -قانداق ئەنۋەرجان ئۇكام، كىچىدىن بويان ئۇلار ئۇردىمۇ؟ بوزەك قىلدىمۇ؟
    ئەنۋەر خوجايىنىڭ بىردىنلا مۇلايىملىشىپ، سىزلەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشلىرىگە، سەممىيەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان نۇرسىز، سوغوق كۆزىگە بىر دەقىقە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، خوجايىننىڭ ئالقانلىرى ئارىسىدىكى قولىنى تارتىۋېلىپ، سوئالغا جاۋابمۇ بەرمەستىن ساقچىلارغا قاراپ تۇردى. خوجايىن ئەنۋەر ئوتتۇرسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتىنى ساقچىلار ھۇشىيارلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتى. ئەنۋەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن ئوسال بولغان خوجايىن تەن بەرگۈسى كەلمەي، يەنە ساختا كۆيۈمچانلىق بىلەن ئەنۋەرگە سۆز ئاچتى:
    -ئۇكام ئەنۋەرجان، مەن سېنى ئىككى مىڭ يۈەن تۆلەپ بۇ دوزاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتەي دەپ كەلدىم. ئۇلارغا مەن سېنى «ئۇكام» دېدىم، سەنمۇ مېنى «ئاكام» دە...
    ئەنۋەر خوجايىنىڭ سوئالىنى يەنىلا جاۋابسىز قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىگە دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغان ياشقا چوڭراق بىر ساقچىغا ئىلتىجا بىلەن قارىدى. سەزگۈر، ھۇشىيار ساقچى ئەنۋەرنى ئالدىغا چاقىرتىپ، قوللىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن تۇتۇپ خەنزۇ تىلدا سورىدى:
    -ئۇ راستىنلا سېنىڭ ئاكاڭمۇ؟
    ئەنۋەر كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ «ياق» دېگەن مەندە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ:
    -مەن قايتىپ كېتىمەن،-دېدى.
    ساقچىلارغا ھەممە ئىش ئايان بولدى... چوڭ ياشلىق ساقچى خوجايىنغا قاتتىق تەلەپپۇزدا بىر نەرسىلەرنى دېدى. خوجايىن خۇددى ئەنۋەرنى تىرىكلا يەۋىتىدىغاندەك خۇنۈك كۆزلىرى بىلەن بىر ئالايدى-دە، شۇئان قۇيرۇقىنى قىسىپ ساقچىخاندىن چىقىپ كەتتى. چوڭ ياشلىق ساقچى ئەنۋەرنىڭ ئىسمنى، يۇرتىنى سوراپ خاتىرسىگە بىر نەرسىلەرنى يازدى، قاياقلارغىدۇر تېلېفون ئۇرۇشقا باشلىدى.
    ئەنۋەر ساقچىخانىغا كىرىپ ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن خوجايىننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، بەشىنچى كۈنى يەنە ساقچىلار ئۇنى ئۆزى چوڭ بولغان جەنۇبتىكى بۇ كىچىك شەھەرگە ئېلىپ كەلدى. ئەنۋەر ماشىنا بىلەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسغا ئېلىپ كېلىنگەندە، قارىداپ ياغلىشىپ كەتكەن يۈزىنى قويۇق ساقال-بۇرۇت بېسىپ كەتكەن مېھرىبان دادىسىنىڭ ماشىنىغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان دەرد-ھەسرەت، سېغىنىش، پۇشايمان يېشىنى توسۇۋالالمىدى. ئۇ ماشىنا توختىشىغىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ يۈگۈرگىنىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خۇددى كىچىك بالىدەك ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا يۈزىنى دادىسىنىڭ كىر ئۆرلەپ تۇرغان مەيدىسىگە يېقىپ تۇرۇپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ھېقىقداپ يىغلىدى، دادىسىمۇ بالىسىنىڭ يۈز-كۆزىنى سىلاپ، سۆيۈپ تۇرۇپ يىغلىدى، تەسەللىي بەردى.
    11
    ئەنۋەر ئۆز ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، تىنچ- ئازادە تۇرمۇش قوينىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يۈرىكىدىكى روھىي جاراھەت ھامان قاناپ، ئېچىشىپ، خۇددى يۈرىكىگە مىخ سانجىلغاندەك ئۇنى قىيناپ تۇراتتى، ئازابلايتتى. قايتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى ئاخشىمى دادىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا مۇڭدىشىپ يېتىپ، تېزلا ئۇيقۇغا كەتتى. ئەمما ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئۇ قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردى. ئۇ ھېلىقى يەر ئاستى ئۆيىدە شىرزاتنىڭ گۆشىنى كاۋاپ زىقىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇششاق-ئۇششاق پارچىلاۋاتقۇدەك… بىر چاغدا شىرزاتنىڭ گۆشى ئىچىدە شىرزاتنىڭ بىر جۈپ قۇڭۇر كۆز قارىچۇقى پارقىراپ تۇرغۇدەك..«ۋايجان»،«ۋاييەي، دادا،دادا!» ئەنۋەر ئالاقىزادىلىك بىلەن  ۋاقىرغىنىچە خۇددى يىلان چاققاندەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. دادىسى بىلەن سىڭلىسى ئۇنى بەزلەپ ئويغىتىپ، تېزلا ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ قورقۇنچتا خۇددى قارا يامغۇردا قالغانداك ئۈستى بېشى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ، تەرلەپ كەتكەن ئىدى.
    ئەنۋەر قايتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ كېچىلىرى تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن يىراق ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەردە، رەستىلەردە، يانچۇق، سومكا مارىلاپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئاچ-توق ئۆتكەن قورقۇنچلۇق، ئازابلىق كۈنلەر، شامالدۇرغۇچقا ئېسىۋىتىلگەندىن كېيىنكى ھۇشىنى يۇقۇتۇشلار، رەھىمسىزلىك بىلەن تىگىۋاتقان قامچا، تېپىك، شىرزاتنىڭ ئۆلۈمى...گۆشىنىڭ پارچىلىنىشى، جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلىشى، بىچارە ئىپارەنىڭ قان-ياش بىلەن تولغان كەچۈرمىشى، ئانىسنىڭ باغرى تاشلىقى خۇددى كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، يۈرىكىنى پارە-پارە قىلماقتا ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساۋاقداش، تەڭ-تۇشلىرى بىلەنمۇ ئوينىمىدى. ئىچكىرىگە بېرىپ كېلىشتىن ئاۋۋالقى كۈلكە يېغىپلا تۇرىدىغان كەڭ، بوغداي ئۆڭ يۈزى، قاپ-قارا قوشىما قاشلىرى ئاستىدىكى ئەقىل-پاراسەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ يوغان قوي كۆزى، سۆزمەنلىكى، شوخلۇقى قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ، جىمغۇرلىشىپ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كۈن بويى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، ھەتتا دادىسى، سىڭلىسى بىر ئېغىز گەپ سورىسا بىر ئېغىز جاۋاب بېرىپ، بولمىسا ئۆزلىكىدىن لەۋ يېرىپ ھېچكىمگە گەپمۇ قىلماس بولدى. ئۇ كۈندۈزلىرى بۇرۇندىلا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەر ياز پەسلى سۇغا چۆمۈلىدىغان دولان دەرياسىنىڭ بويىغا كېلىپ، پۇت- قولىنى سۇغا چىلاپ، لەڭ ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە قاراپ كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى.
    ئەنىۋەر بۈگۈن يەنە دولان دەرياسى بويىغا كەلدى-دە، خېلى ۋاقىتقىچە قولىنى تەكرار يۇيدى. ئۇنىڭ قوللىرى ئاقىرىپ، يۇمشاپ لەشتەك بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇ قولىنى يۇيۇشتىن ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، چۈنكى كۆڭلىدە:« مۇشۇ بىر جۈپ قولۇم پاكىز ئەمەس، مېنىڭ مۇشۇ بىر جۈپ قولۇم شىرزاتنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ، گۆشىنى پارچىلىدى. بۇ قوللىرىم شىرزاتنىڭ قېنى بىلەن بويالدى» دەپ ئويلايتتى، ئازابلىناتتى. شۇڭا ئۇ توختىماستىن قولىنى يۇيۇپ تۇرۇپ، خىيالىنى داۋاملاشتۇردى:« سۈپ-سۈزۈك، زۇمرەتتەك پاكىز مۇشۇ سۇ زادى مېنىڭ قولۇمدىكى قان يۇقىنى، مەينەتچىلىكىنى، يۇيىۋېتەلمەسمۇ؟ ئۆزى ئادەم تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بالىلىرىدەك كىچىك بالىلارنى ئېلىپ ساتىدىغان، باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكىنى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق باي بولۇشنى، باشقىلارنىڭ قان يىغلىتىش بەدىلىگە ئۆزى راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدىغان ھەم شۇ نىيەتتە ھەر قانداق ئىپلاسلىق، جىنايەت، گۇناھتىن يانمايدىغان شۇ بىر ئوچۇم ھارامخورلارنىڭ قەلبىدىكى قان، يىرىڭ، چىرىندىلارنى يۇيالماسمۇ؟ بۇنداق ھارامخورلۇق، جىنايەت قاچانغىچە داۋاملىشار؟ ئىپارە ۋە تەقدىر قىسمىتى ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەچچە يۈزلىگەن بالا ئىچكىردىكى  قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قاچانغىچە دوزاخ ئازابىنى تارتىپ، خورلىنىپ، تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرەر؟ ئىپارە قاچان ئۆز يۇرتىغا، بەختىيار ئائىلىسىگە قايتىپ كېلەر؟» ئەنۋەر خىيالىنى داۋاملاشتۇرىۋېتىپ، پۇچۇلۇنۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن ھېقىق، مەرۋايىتتەك تاراملاپ ئاققىنچە دولان دەرياسىغا قۇيۇلماقتا ئىدى. دولان دەرياسىنىڭ سۈيىمۇ خۇددى ئەنۋەر ۋە ئەنۋەردەك نەچچە يۈز، نەچچە مىڭلىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىدە، مەكتەپ مائارىپ گۈلزارلىقىدا خۇددى ھەسەل ھەرىلىرىدەك ئىلىم-مەرىپەت، ئەخلاق-پەزىلەت كىشلىك مۇھەببەت شىرنىلىرىنى چاڭقاقلىق بىلەن شۈمۈرۈپ، بەختىيارلىق ئىلكىدە ساغلام يېتىلدىغان مەزگىلدە بىر ئوچۇم ھارامخور ئالۋاستىلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ جىنايەتكە، ھارامخورلۇققا مەجبۇرلىنىپ، قارا دوزاخ ئازابىنى تارتىۋاتقاندەك سەبىيلەرنىڭ كۆز يېشىدىن ھاسىل بولغاندەك ئېغىر بىر ئىچكى ئازاب ئىلكىدە ئەلەم بىلەن تولغۇنۇپ، لەڭ ئۇرۇپ ئاقماقتا، چايقالماقتا.
     (تۈگىدى)
    2007-يىل ئاقسۇ
    بۇ ئەسەر« ئاقسۇ ئەدەبىياتى »2007-يىللىق 3-ساندا ئېلان قىلىنىپ، شۇ يىللىق دەۋران مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇتقۇن بالا ئىچكىرى