قارا سېزىك (ھېكايە) ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

يوللىغۇچى : zohragul omer يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-06 14:17:36

قارا سېزىك( ھېكايە )ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان بىرقانچە كۈندىن بۇيان تولا ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، مانا بۆگۈن ئاخىرى بىر قارارغاغ كەلدىم. نىمە قارار دەمسىز؟ يۇرتقا ئۆزىدىن بۇرۇن نام- تەخەللۇسى كېلىپ ...



      

    قارا سېزىك

    ( ھېكايە )

     ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

              بىرقانچە كۈندىن بۇيان تولا ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، مانا بۆگۈن ئاخىرى بىر قارارغاغ كەلدىم. نىمە قارار دەمسىز؟ يۇرتقا ئۆزىدىن بۇرۇن نام- تەخەللۇسى كېلىپ بولغان مەھەللىدىشىمنىڭ ئالدىغا سالامغا بېرىش قارارى!

              ئاڭلىماققا، بۇ شۇنچىلىك ئاددى ئىش. لېكىن بىلسىڭىز، چەت ئەلدە ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، مەھەللىمىزگە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئۇ دوستۇم ئۇ قەدەر ئاددىي ئادەملەردىن ئەمەس. دېدىمغۇ، ئۇ وقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ بولغىچە، ئۇنىڭ تەخەللۇسى چېگرا ئاتلاپ كېلىپ بولغان، دەپ.

    مەھەللىدىمۇ بۇ ھەقتە گەپ تولا. « ئاشۇ شۈكۈر زەللىنىڭ كۆك پوتلا ئوغلى چەتتە ئوقۇپ سەللە كىيىپ كېلەلىگەن بولسا، ئوقۇش دېگەن ئادەم تاللىمايدىغان نىمىكەن» دەيتتى بەزىسى. « سەللە شۇ قەدەر ئەرزان بولسا، چەت ئەل دېگەنمۇ تايىنلىق يەركەن» دەپ قاينايتتى يەنە بىرلىرى.

           مەنمۇ مۇرەككەپ ھېسىياتتا. تەڭتۇش ئۆسكەن ئۇ دوستۇمنىڭ( كىچىك چاغلىرىمىزدا دوست ئىدۇق) ئالدىغا شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا باراي دېسەم، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا مۇشۇ مەھەللىدە چوڭ بولغان. ئۆزۈمچە كىچىك ئادەم ئەمەسمەن. زادىلا بارماي قوياي دېسەم، مەھەللىمىزنىڭ ئۇدۇمى شۇنداق: نام- ئابروي قازىنىپ كەلگەن ھەرقانداق مەھەللىدىشىمىزنىڭ ئالدىغا سالامغا بارماي قويمايمىز. كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپلاقايتىپ كېلىپلا، ئۇنىڭ بىزدىن ھېچقانچە ئارتۇق يېرىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز. دەپ قويۇشۇم كېرەككى، مەنمۇ مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئادىمى. ئەمما ماڭا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ سەللە كىيىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر. ئۇ، راستىنلا سەللە كېيىپ كەلگەنمىدۇ؟ چەتنىڭ سەللىسى قانداق بولۇدىغاندۇ؟...

    گپىم سەل تاققا- تۇققا چىقىپ قالدىغۇ دەيمەن. كەچۈرۈڭلار، يېقىندىن بېرى كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەس. ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك، ياق، قىزىل مۇچ قۇيۇۋاتقاندەك ئېچىشىپلا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سەللىسى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن بۇيان چۈشلىرىممۇ باشقىچە: كۆكتە بىر ئوبدان ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، ھېچ گەپنىڭ تايىنى يوقلا چۈشۈپ كېتىمەن. ئېشەككە مىنىپ چۈشەيمەنۇ، بىر ئوبدان مېڭىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈمەن. يۈگۈرسەم، نىمىشقىكىن كەينىمگە ماڭىمەن....ئۇنىڭ تەخەللۇسى نېرۋامغا تېخىمۇ بەكراق تېگىدۇ. خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرى! قاراڭ، ئۇنىڭ قويۇۋالغان تەخەللۇسىنى. ئۇ نىمە قىلغىنىغا مەشھۇر بولغۇدەك؟ چەت ئەلدە بىرقانچە يىل لاغايلاپ يۈرسىلا مەشھۇر بولۇپ كېتىدىغان گەپمىكەن؟!

    ئەسلى گېپىمگە كەلسەم، مەن مۇشۇنداق ئويلۇدۇم. مەھەللىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ شۇنداق ئويلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. مېنىڭ باشقا دوست- ئاداشلىرىمنىڭغۇ مۇشۇنداق ئويلىشىدا گەپ يوق. نىمىشقا شۇنداق ئويلىمىغۇدەك؟ تەڭتۇشلار بىلەن بىر قاتاردا چوڭ بولغان تۇرۇغلۇق، مانا ئەمدى مەشھۇرمەن، دەپ كەلسە، باشقىلار كىم ئىكەن ئۇنداقتا؟ مەن كىم ئىكەنمەن؟ ھېلىغۇ ئازراق بولسىمۇ ئوقۇپتىكەنمەن. ساۋاتسىز بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا مەن مەڭگۈ مەشھۇر. مەشھۇر بولۇشقا ئەڭ لايىقى مەن. ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، ئۇنىڭ سەللىسى توغرىسىدىكى پاراڭ. ھە-ئە، سەللە!

    كىچىك ئادەم ئەمەسلىكىمنى ئۆز-ئۆزۈمگە يېنىش- يېنىشلاپ ئەسكەرتىپ كەلسەممۇ، يەنە نىمىشقىكىن يۈرۈكىم دۈپۈلدەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۈزۈمنى تۇتۇۋېىىپ، بۆگۈنكى قوياشلىق كۈنگە ئوخشاشلا چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتتىم. يۈز تېرىلىرىم ئەسكى پۇرۇچتەك پۇرلۇشۇپ تۇرسىمۇ، ھەرھالدا ئۇچۇق چىراي بىر ئادەمگە  ئۆزۈمگە زادىلا ئوخشىمايدىغان، مەرد- مەردانە بىر ئەركەككە ئوخشىغاندىمەن، دەپ ئويلايمەن.

      ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!

    ئۈرۈكلەر ھۈپپىدە چېچەكلەپ كەتكەن ھويلىغا شۇنداق دەپ قەدەم باستىم مەن.

    سۇپىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان خۇدابەردىنى مېنى كۆرۈپلا چاچراپ ئورنىدىن قوپىدۇ دەپ ئويلىۋېدىم. لېكىن، ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. چاچراپ تۇرمىسىمۇ مەيلى ئىدىغۇ، ماڭا ئىزا بولغىنى، ئۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى. خۇددى مېنى كۆرمىگەندەك، كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە نىمىگىدۇر قاراپ تۇرۇۋەردى.

    « چوڭچىلىقىنى قاراڭ!...»

    غەزىپىم تېشىپ تۇرسىمۇ، چىداپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم سالام بەردىم:

      ئەسالامۇ ئەلەيكوم، خۇدابەردى ئاداش!

      ۋە... ۋەئەلەيكوم ئەسالام!... ۋەئەلەيكوم... --- دېدى ئۇ، مەڭدەپ قالغان ئادەمد ەك دۇدۇقلاپ ۋە قولاشمىغان بىر ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاتقان قوللۇرىمنى مەھكەم قىستى، كىمنى خىيال قىلسا شۇ كېلىدۇ دەپ....توۋا، شۇ تاپتا سىلىنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم. ھەيران قېلىۋاتامدىلا؟ خۇدا ھەققى راست دەيمەن ئاكا. سىلى مېنى تۇنۇمىغان بىلەن، مەن تونۇيمەن سىلىنى. مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن ئۆزلىرى بولىلىغۇ دەيمەن؟ سىلى دېگەن كاتتا تارىخچى. ئەسەرلىرىنى تولا ئوقۇپ...توۋا، كىمنىڭ گېپىنى قىلسا، كىمنى ئويلىسا شۇ.... خۇدا بەردى،   بۈگۈن ماڭا خۇدا بەردى. قېنى، تۆرگە، ئاكا!..

    ---- مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن تارىخچى ئەمەس، يازغۇچى دېدىم مەن قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى ئاران بېسىۋېلىپ. گېپىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك تۇاتتى.

      ھە، بىلىمەن، ---- دېدى ئۇ، ھېچنىمە سەزمىگەندەك بىر ھالەتتە، ئالدىراپ- تېنەپ داستىخان راسلاۋېتىپ، ئۆزلىرى داڭلىق يازغۇچى. چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققانمەن. ۋاي- ۋۇي ، «قۇم باسقان شەھەر»، « ئالتۇن چىشلىق ئىت» ، « قارا قورساق سەركە» دېگەنلەر ئالامەت ئەسەرلەر جۇمۇ. لېكىن، ئاكا، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخ. مېنىڭ نەزەرىمدە، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تارىخچى. بۇلۇپمۇ، سىلى يازغان ئاشۇ « مەشھۇرى»....

      مەڭدەپ قالمىغانسىلە ھە، خۇدابەرداخۇن؟ دېدىم مەن ، تىلىمنىڭ ئۇچىغا «تولا ئوقۇپ ئىلىشىپ قالمىغانسىلە » دەپ كەلگەن گەپنى يۇمشۇتۇپ، تونۇمىدىڭلىما؟  مەن دېگەن ھاشىماخۇن. سىلى بىلەن ھېمىشە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ھېلىقى ھاشىم گاژگۇن مەن شۇ ئەمەسمۇ؟ بىللە چوڭ بولغان، بىللە ئوقۇغان....ئالدىڭلىغا سالامغا كەلسەمزە تونۇماسقا سېلىپ...

      ھە؟!...

       ئۇ شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ كەتتىكى، چاي تولدۇرۇپ، داستىخانغا قويماقچى بولغان پىيالىمۇ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. شۇئان، قارا بېسىپ ئويغانغان ئادەمدەك بېشىنى سىلكىدى. ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەمدەك يۈزلىرىنى چىمدىدى. كۆزلىرىنى چىمىلداتتى....

    ---- ئەستاغپۇرۇللا! مەن كىرگەن چاغدىكى ھالىتىگە يات بىر قىزغىنلىق بىلەن قۇچۇقىنى كەڭ ئېچىپ ئالدىمغا كەلدى ئۇ، يەنە بىر قېتىم ئەستاغپۇرۇللا! سىلىنى باشقا بىر ئادەم دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، ھاشىماخۇن ئاداش. مېنى ئەپۇ قىلىڭلا. يېڭىباشتىن كۆرۈشەيلى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!....

         ئۇ، مېنى قاتتىق قۇچاقلاپ، مەڭىزلىرىمگە مەڭىزلىرىنى يېقىپ كۈرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، خىجالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى. ئەمدىكى خۇدابەردى ھېچكىمدە كۈرۈلۈپ باقمىغان قىزغىنلىق، مېھماندوستلۇق ۋە وچۇق- يۇرۇقلۇقىنى ئىپادە قىلىپ ئولتۇراتتى.

       ---- بايازە قىزىق ئىش بوپتۇ- ھە، ---- دەپ گەپنى يەنە ئۆزى تەشتى ئۇ،  ----    سىلى كىرگەننى   تۇ  يغاندەك قىلدىم....   مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن ئاكىمىز شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم. نىمىشقا شۇنداق ئويلاپ قالدىڭلا دەمسىلە؟ ھەي... دېسەم، بۇمۇ بىر قىزىق ھېكايە. يا ئىشىنىسىلە ، يا ئىشەنمەيسىلە. دەل شۇ چاغدا ،ئاتا- بوۋىلىرىمنىڭ تارىخىنى، ئوچۇق ئېيتسام، ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. بىر ئۆمۈر باي- باياشاتلىقتا ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇق بوۋام مەغپىر خوجا دوستى ئاشىق مەشھۇرىنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىگە كۆزۈم چۈشكەندە، ئىختىيارسىز ھالدا مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن تارىخچىنى( سىلىنىڭ تىلىڭلا بويۇچە، يازغۇچىنى) ئەسكە ئالدىم. « مەشھۇرى» نى شۇ كىشى يازغان ئەمەسمىدى. ئەجدادىمنى مەسخىرە قىلغىنى ئۈچۈن ئاچچىقىم كېلىدۇ. راستچىللىق بىلەن، شۇ قەدەر تولوق ۋە قاملاشتۇرۇپ يازغىنىنى ئويلىسام، ئاپىرىن دەيمەن. كۈلگۈممۇ كېلىدۇ. بۇنى قانداق بىلدىڭ دېسەڭلا، ئۇنىڭ يازغىنى مېنىڭ بايا كۆرگىنىم بىلەن . ئوپ- ئوخشاش چىقتى.

    ----- بايا قولۇڭلىدا كىتاپ  باردەك قىلمايتتىغۇ؟---- ئۇنىڭ گېپىنىڭ تەكتىنى ھېچ چۈشەنمەي، قىزىقسىنىپ سورۇدۇم مەن.

    ----- كىتاپقۇ يوقتى. لېكىن، قەلب كۆزۈمدە كۈرۈپ ئولتۇراتتىم.

    ----- خىيال قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەنسىلە- دە!

    ---- ياق. خىيال قىلمىدىم، راستىنلا كۆردۈم، ئاداش.

     تېخىچە ئۆزىگە كېلىپ بولالمىدىمۇ نىمە بۇ ئاداش، دەپ ئويلۇدۇم ۋە :

    ---- ئۇ ئالەمدىكى ئەجدادلارنى خىيال قىلىشقىلا بولۇدۇ، كۆرگىلى بولمايدۇ،---- دېدىم، مېھمان ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ، « گاژگۇنلۇق» بىلەن.

    ---- مانا بۆگۈن، ئەجدادلار تارىخىنى ئەينەن كۆرۈشكە بولۇدىغانلىقى تولۇق ئىسپاتلاندى!---- دېدى ئۇ، ھاياجانلىنىپ.

    ---- تارىخ دېگەننى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە يازىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆىگە پايدىلىق تەرىپىنى قازىدۇ. شۇڭا مەن تارىخ دېگەنگە ئۆچ. پايدىسىز ئۆتمۈشنىڭ، يالغان تارىخنىڭ نىمە كېرىگى؟

    ---- دەل شۇ تارىختىكى ساقتىلىقنى  تۈگۈتۈش ھەققىدىكى نەزەرىيىنى ئوتۇرىغا قويۇپ، دوكتۇرلۇق قالپىقىنى كىيىپ كېلىۋىدىم. مانا بۆگۈن ئۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. نەق ئۆز يۇرتۇمدا كەشپىيات ياراتتىم. ئەمدى نۇرغۇن ئىشلار ئاسانلىشىدۇ. تارىختىكى ساناقسىز سىر- تۈگۈنلەر تولۇق يېشىلىدۇ!....

         ئۇ بەكلا خوشالدەك قىلاتتى. ئۆزىنى تۇتالماي، بىر جايىدا پىرقىرايتتى. قوللىرىنى توختىماي ئىشقىلايتتى....

    ---- سىلىنىڭ دوختۇرلۇق قالپىقى دېگىنىڭلا بىز گېپىنى قىلىدىغان سەللە شۇمۇ؟ ---- ئۇنىڭ خوشاللىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزۈم قىزىققان ئىشتىن گەپ باشلىدىم مەن. ئەمدىلىكتە ئىككىلىمىز بىر- بىرىمىزگە ئۆزلىشىپ قالغانىدۇق.

    ---- سەللە؟.... ھە، توغرا، سەللە دېسەكمۇ بولۇدۇ. بەك مۇشەققەتتە كىيگەن  سەللە.

    ---- سەللە دېگەن مۇسۇلمان زاتىغا بۇيرۇلغان نەرسە ئىدى.... چەتتىمۇ مۇسۇلمان بارىكەندە، گېپڭلىچە؟

    ----- بار. جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇسۇلمان بار.

    ---- ئۇلارمۇ قۇرئان ئوقامدۇ ئۇنداقتا؟

    ---- ئەلۋەتتە. جاھاندىكى ھەممە مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس كىتابى بىر. ئەمما، شەرھىيلەش، تەدبىقلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.

    ---- بۇ....

        مەن غىققىدە بولۇپ قالدىم. ئۇششاق ئىشلار ھەققىدە پارچە- پۇرات خەۋەر يېزىپ يۈرۈپ ، يازغۇچى دەپ ئاتىلىپ قالغىنىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزگە كۆۈنگەن قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ساناپ بېرەلەيدىغىنىم ئۈچۈن، مەھەللىدە داڭدار زىيالى سانىلاتتىم. خىيالىمدا، مەن بىلمەيدىغان نەرسە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ ئاداشنىڭ چېكىۋېلىپ جۆيلىگەندەك گەپلىرى....

          -----دوختۇرلۇق سەللىسى بەك ئېسىلمۇ؟---- خاتا گەپ قىلىپ تاشلاشتىن ئەنسىرەپ تۇرساممۇ، قىزىقىشىمدىن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم.

    ---- ۋاي چاقچاق قىلماڭلا ھاشىماخۇن. دوختۇرلۇق ئەمەس، دوكتۇرلۇق دەڭلا...ھە، سەللىنىڭ گېپىنى قىلدىڭلا راست، ---- ئۇ، شۇنداق دېگىنىچە، جاڭگۇر- جۇڭگۇر بىرنەرسىلەر ئېسىلغان سەت بىر باش كىيىمنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بىر قاراشتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاپ چاپلاپ قويغاندەكمۇ كۆرۈنەتتى، ---- سىلى دېگەن دوكتۇرلۇق سەللىسى مانا مۇشۇ شۇ. ئاددىيلا نەرسە.  

    ---- چەتتە مۇشۇنى كىيىۋالسىلا ھەممىدىن چوڭ ئادەم بولۇپ كېتىدىغان گەپما؟

    ----ھەممىدىن چوڭ ئەمەس، ئىش قىلىپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى ئاساسەن مۇشۇنى كىيىدۇ.

    ---- مۇشۇ كېلەڭسىز سەللىنى كۈن بويى كېيىپلا يۈرۈدىغان گەپ ئىشكەندە...

    ---- ياق، مۇراسىمدىلا كىيىمىز. باشقا ۋاقىتلادا ئۆيدە تۇرۇدىغان نەرسە بۇ.

    ---- ئۇنداق بولسا، سەللە كىيگەنلەر بىلەن كىيمىگەنلەرنى قانداق پەرق ئېتىدۇ، ئۇ خەق؟

    ------ پەرق قورساقتا، ---- شۇنداق دېگىنىچە قورسىقىغا بىر- ئىككىنى ئۇرۇپ قويدى ئۇ.

          مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم. روھلاندۇرۇش دورىسى يەۋالغان ئادەمدەك كۈلۈمسېرەپلا ئولتۇرغان خۇدابەردى بىردىنلا سىرلىق قارا جاڭگالدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ، گەپ- سۆزلىرىمۇ....سىرلىق، چۈشۈنۈكسىز ئىدى.

    ----- پەرق قورساقتا دېگىنىم، ---- پۇشۇلداپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئىزاھات بەردى بەردى ئۇ، بىر ھازادىن كېيىن، ----ئۇ يەردە كىشىلەر بىر- بىرىنى سىلى دېگەن ھېلىقى سەللە بىلەن ئەمەس، قورساقتىكى ئوماچ بىلەن قەدىرلەيدۇ. مەسىلەن، مەن دۇنيا ئانچە تونۇپ كەتمەيدىغان، نامرات بىر مىللەتنىڭ بالىسى. ئەمما، كېچە- كۈندۈز تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ، سىلىگە دەپ بەرگەن ھېلىقى نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېدىم، ئەنگىلىز، فىرانسۇس دېگەندەك ھەر چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرىمۇ ھەيران قالدى. ھەممىسى بارىكاللا ئوقۇپ، شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بايىقى سەللىنى كىيگۈزدى. ھېچقايسىسى بۇ بىز بىلمەيدىغان مىللەتتىن ئىكەن، شۇڭا بۇنىڭغا بەرگەن سەللىنى ئۆزىمىزلا كىيەيلى، دېمىدى. سىلى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە نىمە توغرىسىدا، دەپ سورايسىلە ھەقاچان. بىر جۈملە بىلەن ئېيتسام، مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىم تارىخ توغرىسىدىكى نەزەرىيە. 

    ---- يەنە شۇ تارىخمۇ؟ يالغان- ياۋىداق گەپ، ئۇستىخانلىرى ئاللىقاچان توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەجدادلار ھەققىدىكى ماختاش، قاغاشلار.... بۇنى بىلسە نىمە بوپتۇ، بىلمىسە نىمە بوپتۇ. ماڭا قويۇۋەتسىغۇ، چوڭ دادامنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلگۈم يوق. بۇنى بىلگەننىڭمۇ نىمىگە پايدىسى؟ شۇڭا دەيمەن، ھامان ئىجادىيەت قىلغاندىكىن، نەپ بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە قىلىدىغان گەپ ئىدى.

    ----- ھازىر دېدىڭلىغۇ، تارىخ-- يالغان- ياۋىداق گەپ دەپ. مەن نەق مۇشۇ يەرنى تۇتتۇم. مېنىڭ بۇ كەشپىياتىم تارىختىكى ھەرقانداق يالغانچىلىقلارنى ئېچىپ تاشلايدۇ. تارىختىن قىلچە خەۋىرى يوق ، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەرنىمۇ ئەجدادىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى ئەينەن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. چۈشەنمىدىڭلىما؟ ئاددىيراق قىلىپ ئېيتاي، ببۇ مۇنداق گەپ: بايا سىلى دېگەندەك، ھازىر تارىخنى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە يازىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەتتا بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يەنە بىر مىللەت يېزىپ بېرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئەسىر- ئەسىرلەر ئۆتۈۋېرىدۇ. يالغان- ئويدۇرمىلار تارىخ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ئىش. بەكلا ئېچىنىشلىق ئىش! مەن دەل مۇشۇنداق ساقتا تارىخ ۋە ئۇنى قالدۇرغۇچىلارغا زەربە بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ قىسمەت يولىنى كىيىنكىلەرگە ھەقىقىي ھالىتى بىلەن كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مانا بۆگۈن ئۇنى ئۆز نېرۋام ئارقىلىق سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقەيەت  قازاندىم. ئۆز مەھەللەمدە سىناق قىلغىنىم تېخىمۇ ئۇلۇق ئىش بولدى. مانا، مانا بۇ مۇشۇنچىلىك ئاددىي سۇيۇقلۇق، ---- ئۇ، شۇنداق دېگىنىچە، دېرىزە تەكچىسىگە قويۇلغان كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى، ----- قورساقنى ئوبدان توقلاپ ئولتۇرۇپ، بۇنىڭدىن بىر تېمىم يۇتۇمىز. پەقەت بىر تېمىملا يۇتۇمىز. بەش مىننۇت ئۆتكەندىن كېيىن، نەچچىنچى ئەجدادىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەكچى بولساق شۇنچىنى سانايمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دادىمىز بىرىنچى ئەۋلات بولۇدۇ. بىزنىڭ سانىقىمىزغا ئاساسەن، كۆز ئالدىمىزدا ئاستا- ئاستا بىزنىڭ شۇ سانىقىمىزغا توغرا كەلگەن ئەجدادىمىزنىڭ چىرايى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ساناقنى ئالماشتۇرمىساق، شۇ ئەجدادىمىزنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق ياخشى- يامان ئىشلىرى ئىلگىرى- كېيىنلىك تەرتىۋى بويۇچە بىر- بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتۈدۇ. باشقا ساناق سانىساق، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئەجدادىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈمىز. بۇنىڭ تەركىۋى... راست گەپنى قىلسام، بۇنىڭ تەركىۋىنى دېسەم، بېشىڭلا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندىكىن، يۈز بەرگەن ئىشنىلا دەي. ئوقۇۋاتقان چېغىمدىن تارتىپلا ئويلاپ كەلگەن سۇيۇقلۇقنى ياساپ، مانا بۆگۈن تۇنجى قېتىم سىناق قىلدىم. قىزىق ئىش بولدى دەڭلا. سۇپىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بىر تېمىم ئىچىپ قويارمەنمۇ، بەش مىنۇت ئۆتەر- ئۆتمەيلا رەھمەتلىك دادام كۆزۈمگە كۆرۈندى. دېسەم ئىشەنمەيسىلە. ئۇنى راستتىنلا كۆردۈم. خەۋىرىڭلا بار، دادام قورسىقىغا ئامراق مەزىن ئىدى. خەقلەر دېگەندەك، ئۇنىڭ قولىدا يەنە شۇ زەللە. بەلۋىغىدا قۇيماق، پوشكال... مانا مۇشۇلارنى ئەينەن كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاراۋېتىپ، خۇدايا توۋا دەپ قالدىمكى، دادامنىڭ ھاياتىنىڭ تەڭدىن تولىسى نەزىر- باراۋەتلەردە ئۆتۈپتۇ. ئۇنى ياش ۋاقتىدىن تارتىپ، قېرىپ، ئۈلۈپ تۈگۈگىچە بولغان ئارىلىقتا لوقما چايناۋاتقان ھالەتتىلا چېلىقتۇردۇم. ياسىغان نەرسەم كارغا كەلدى دەپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتىم. سىلىگە دېسەم، خوش بولۇپ ياكى خاپا بولۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ بۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن دەرھال ئاجرىغىلى بولمايدىكەن. باشقا نەرسىلەرنى ئويلاپ تۇرغان تەقدىردىمۇ كۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن. بىرقارىسا چۈشتەك، چۈشمىكىن دېسە راست ئىش. قەلب بىلەن كۆزنىڭ تۇتاشقان بىر يېرىدە، مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇۋاتقان بىر بوشلۇقتا راست سۈرەت---- ئەجداد، ئۇنىڭ چىرايى، قىسمىتى، گەپ- سۆزلىرى، ئوي- خىيالى....خوشاللىقىمدا قانداقتۇر بىر ساننى سانىۋەتتىم. ( مەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىدىمۇ ساناق ساناش تەلەپ قىلىناتتى. بۇنى بايا سىلىگە دېدىم.) تۇيىمايلا قالدىم، شۇئان دادام رەھمىتىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر كىشىنىڭ چىرايى ئالماشتى. قارايمەن، قارايمەن، ھېچ مەن تونۇيدىغان ئادەملەردىن ئەمەس. بۇ كىم بولغىيتتى ئەمدى، دەپ تۇرسام، ئۇ مېڭىپ- مېڭىپ، ھەيۋەتلىك بىر ئوردىنىڭ دەرۋازىسىغا كەلدى.  رەختكە يۆگەلگەن بىر نەرسىنى قولتۇقىغا مەھكەم قىسىپ، گېدىيىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىنى كۆرۈپلا، دەرۋازىنىڭ ئىككى يېقىدىكى ياراقلىق كىشىلەر سەپرۇس بولۇپ تۇرۇشتى. كىمدۇر بىرىنىڭ:

    ---- مەغپىر خوجا جاناپلىرى كەلدى!---- دەپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى.

    بوۋام مەشھۇرىنىڭ ئىسمىغا ئەجەپ ئوخشايدىكىنا، دېگەن خىيالنى كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ بولغىچە، ئۇ، تەختتە ئولتۇرغان شاھقا سالام قىلىپ بولۇپ، قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئەكەلگەن كىتاپتىن ئىككى ۋاراق ئوقۇپ ئۈلگۈدى.... مانا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بۇ كىشىنى ئۇلۇغ بوۋام مەخپىر خوجا دوستى ئاشىق مەشھۇرى شۇ ئىكەن دەپ جەزىملەشتۈردۈم. بۇ ھەقتە تارىخقىمۇ خېلى يازمىلار پۈتۈلگەن. « بىر مەشھۇر كىشى» دېگەن ئەسەردىمۇ بۇ زات توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپلەر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادام رەھمەتلىكمۇ ئۇلۇغ بوۋام مەشھۇرى توغرىسىدا بوۋىسىدىن ئاڭلىغان جىق گەپلەرنى دەپ بېرىدىغان. ...شۇڭا مەن، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا « مەشھۇرى» دېگەن سۆزنى ئۆزۈمگە فامىلە قىلىۋالغانىدىم. ...

    ---- ئۇنىڭ تەخەللۇسى ئەسلى مەشھۇرى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ تەخەللۇسنى باشقىلار قويۇپ قويغان، دەپ يازغانىكەنغۇ « مەشھۇرى» دېگەن ھېلىقى ئەسەردە.، --- ئانچە- مۇنچە بىلىدىغان نۇقتىدىن گەپ چىققىنى ئۈچۈن ، ھاپىلا- شاپىلا سۆز قاتتىم مەن.

    ----- بۇ دېگىنىڭلا راست، ---- ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلىۋېلىپ، داۋام قىلدى ئۇ ، ---- مەن ئوقۇغان ماتىرىياللاردىمۇ شۇنداق دېيىلگەن. دادامدىن ئاڭلىغىنىممۇ شۇ. « مەشھۇرى» دېگەن تەخەللۇسنى ئۇنىڭغا كېيىنكىلەر قويۇپ قويغانىكەن. بىراق، مەن بۇنى فامىلە قىلىۋالدىم. بۇنداق بولۇشتا، ئەجدادىمىز ئىچىدىن بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى بىر ئادەم چىقمىغانىكەن. ئاتا- بوۋىلىرىم دىنى ساھەنىڭ ئۆلىمالىرى، داڭلىق زاتلاردىن بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەڭ مەشھۇر بولغىنى يەنىلا«مەشھۇرى» ئىكەن.

    ---- تارىخقا يېزىلغاندەك خوشامەتچى ئادەممىكەن زادى؟

    ----- بەكلا...

    ---- خوشامەتى بوۋاڭلىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ نىمە قىلارىدىڭلا؟

    ---- زامان- زاماندىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئۇلۇغ بوۋامنىڭ مەشھۇر ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈپ قوياي دەيمەن.

    ---- بۇ كونا گەپلەردىن سىلىگە نىمە پايدا ئەمدى؟

    ---- كونا گەپ ----- تارىخ. تارىخ---- كېلەچەكنىڭ يىلتىزى ۋە ئەينىكى. مەن مۇشۇ « مەشھۇر» لۇق تارىخىنى بالىلىرىمغا ئەينەك، ئەۋلاتلارغا ئىبرەت قىلماقچى.

    ---- ئا....ھاي، ئادەم چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلماڭلا ئاداشاۋاي. مۇشۇنداق مۇرەككەپ بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىچە، كەلگۈسىدە كۆرۈدىغان بالىلىرىڭلىغا ئەسقاتىدىغان ئىجادىيەتلەرنى قىلساڭلا تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى دەيمەنغۇ مەن.

    ---- مۇشۇ قىلغىنىم دەل بالىلار ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. نىمىشقا دېسەڭلا، ئۆتمۈشى ئېنىق مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ روشەن بولۇدۇ. ئىبرەتلىك تارىخ پاراسەتلىك تۆرەلمىگە ھامىلىدار. مەن، تۈنۆگۈن ئارقىلىق ئەتىگە يول ئاچماقچى. ئەجدات تارىخىغا مېھنەت سىڭدۈرۈش بەدىلىگە ئەۋلات ئىستىقبالىنى پەرۋىش قىلماقچى.

    ---- مۇشۇ ئارقىلىق قالتىس بالا( پەرزەنت) تاپاي دەپسىلە-دە.

    ---- قالتىس بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما، بىر نەرسىگە ئىشىنىمەن: ئەجدادىنى توغرا تونۇيالىغان ئادەم ئەۋلادىنىڭ سىماھسىنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ.

    ---- ھەي-ي-ي!... يەنە چۈشەنگىلى بولمايدىغان گەپلەر چىققىلى تۇردى. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتسام، مېنىڭ تارىخ- پارىخ دېگەن بىلەن خۇشام يوق. كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىم، تاپماقچى بولغان بالىلىرىم كاتتا ئادەملەردىن بولسا، دەيمەن... ھە راست، بۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇرىلى. ھېلى مېنى سىلىگە باشقا بىر ئادەم قىلىپ كۆرسەتكىنى سىلى ياسىغان مۇشۇ دورىنىڭ كۈچىمۇ زادى؟

    ----- ياق. ئالدىن پەرەز قىلغىنىمدەك، بۇ دورا كۆز ئالدىمىزدىكى ئادەمنى خاتا كۆرسىتىپ قويمايدىكەن. تۇنجى قېتىم سىناق قىلىشىم بولغاچقا، بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئوخشايمەن. ئۇلۇغ بوۋام مەشھۇرىنى كۆرۈۋېتىپ، ئۇ ھەقتە يېزىلغان « مەشھۇرى» ناملىق ئەسەرنى ۋە بۇنى سەمىمىيلىك بىلەن يېزىپ چىققان ئاپتورنى ئەسلەپ كېتىپتىمەن. زىيادە ھاياجان مېنى خىيال بىلەن چۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاجايىپ بىر رېئاللىققا غەرق قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا، سېغىنغان ئادىمىمنى---- « مەشھۇرى» نىڭ ئاپتۇرىنى سىلىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن.

    ----- ھە، ئېيتماقچى، ---- ئەگىپ- ئەگىپ، گەپنى يەنە ئۆز قىزىقىشىم تەرەپكە يۆتكىدىم مەن.،---- مەن ئوقۇغان ماتېرىياللاردا مەشھۇرىنىڭ سەللىسىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچنىمە دىيىلمەپتۇ. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇدىغان شۇ سەللىسىنى قويۇپ كېتىپتۇۋۇلارمىدى يا بولمىسا ئۇ ئالەمگە ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتكەن بولغىيمىدى؟ ماۋۇ دوراڭلىنى ئىچكەندىن كېيىن كۆرگىلى بولدىمۇ ئۇنى؟

    ---- دىققىتىڭلا سەللىدىن نېرى كەتمىدى- ھە؟ ---- خۇرسىنىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە بىر تەلەپپۇزدا جاۋاپ بەردى خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرى، چىرايىدىكى ئۆڭۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈسنى يوقۇتۇشقا تىرىشىپ، ----- راستىنى دېسەم، بۇ تەرىپى ھازىرغىچە ماڭىمۇ سىر. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ، ئۇلۇغ بوۋام مەشھۇرىنىڭ تازا مۇھىم قىسمەتلىرىنى كۆرۈۋاتسام سىلى كىرىپ قالدىڭلا. دىققىتىم چېچىلىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ دورىنى سىناپ باقمىغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، سىلىنىڭ سەللە ھەققىدىكى سوئالىڭلىغا جاۋاپ بېرىشىم تەس. لېكىن، بىر نەرسە ئېنىق، مەشھۇرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ سەللە غەۋغاسىدا ئەسىر- ئەسىرلەپ جاڭجاللىشىپ ئۆتكىنى راست. مانا كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۇنىڭ جىدىلى تېخى مەھەللىمىزدىمۇ تۈگۈمەپتۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇلۇغ بوۋام مەشھۇرى ئۇ ئالەمگە ماڭار ۋاقتىدا سەللىسىنى قويۇپ كەتكەنمىدىكىن دەيمەن.

    ---- توغرا، مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن! ---- ئۇنىڭ پەرىزىگە ۋارقىراپ دېگۈدەك ئاۋاز قوشتۇم مەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇنى قويۇپ كەتكەن بولسىكەن دېگەننىلا ئويلاپ يۈرەتتىم، ---- نىمىشقا دېسەڭلا، مەھەللىمىزدە ھازىرغىچە بولۇۋاتقان جىدەللەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ سەللىگە مۇناسىۋەتلىك. تېخى تۈنۆگۈنلا ئۈچ ئادەم بىر بولۇپ، دادىسىغا قارىلىق تۇتۇپ سەللە يۆگىۋالغان بىرسىگە پىچاق تىقىۋەتتى....

    ----- ياپىرىمەي!....------ ئىختىيارسىز ھالدا پىشانىسىگە ۋاققىدە بىرنى ئۇرۇۋەتتى ئۇ، ---- مەشھۇرى دېگەن سۆزنى فامىلە قىلىۋالغىنىم توغرا بولغانىكەن. بەك توغرا بوپتۇ.... ھەربىر ئادەم بۇ دورا ئارقىلىق ئاتا- بوۋىلىرىنى... مۇشۇنچىلىك چۈشۈنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىسە....ۋاھ! بۆگۈن مەن بەك خوش. كېلىڭلا ئاداش، ئاتا- بوۋىلىرىڭلا زادى قانداقراق ئادەم، سىلىمۇ بىر سىناپ كۆرۈپ بېقىڭلا.

    ----- ياق، ياق. دېدىمغۇ، مەن تارىخقا ئۆچ. ئۆتمۈشكە دائىر ئىشلارنى زادىلا بىلگۈم يوق. بوۋىمىزنىڭ كىم ۋە نىمە بولۇشى بىلەن نىمە چاتىقىمىز... تاپماقچى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ، بولسا نەۋرىلىرىمىزنىڭ  ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان دورا بولسىدى...------ كىچىك قۇتۇدىكى دورىنى ئېلىپلا ئېغىزىمغا قۇيۇۋاتىدىغاندەك، چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم مەن.

    ---- بوپتۇ. ئۇنداقتا، سىلى ئوقۇغان مەشھۇرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى، ---- دېدى ئۇ، مېنى سىناۋاتقاندەك بىر نەزەردە، ---- سەللىگە ئائىت ئۇچۇرلار چىقىپ قالامدۇ تېخى.

    ----- ھە، ھىم... ئۇنداق بولسا بوپتۇ ئەمىسە. لېكىن، ئاداش، بۇ دورا بىلەن باشقا خەقلەرنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولامدۇ؟

    ---- بولىدۇ. دورىنى ئىككىلىمىز تەڭ ئىچىمىز. ساناقنى مەن سانايمەن، سىلى بەدىنىڭلىنى مېنىڭ بەدىنىمگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇسىلە. قولۇمنى تۇتۇپ يۇرساڭلىمۇ بولىدۇ. ھە، باشلىدۇق ئەمىسە. ماۋۇ دورىدىن بىرتېمىم يۇتۇڭلا....

                 بىز ھېمىشە ئىچىدىغان ئاق ھاراقتەك ئاچچىق بولمىسىمۇ، لېكىن، قىرتاق ۋە قاڭسىق پۇرايدىغان بىر تېمىم سۇيۇقلۇق گېلىمنى بىلىنەر- بىلىنمەس نەمدەپ ئۆتتى. ئارىدىن بىر نەچچە دەقىقە ئۆتەر- ئۆتمەيلا دورا كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. پۈتۈن دىققىتىم كۆزۈمگىلا مەركەزلەشكەندەك بولدى. كۆرۈۋاتىمەنمىكىن دېسەم، قەلبىمدە سېزىۋاتقاندەك، چۈش كۆرۈۋاتىمەنمىكىن دېسەم، كۆز ئالدىمدىلا كۆرۈنىۋاتقان چىرايلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. قەلبىممۇ، كۆزۈممۇ تەڭ كۆرۈۋاتاتتى. باشقىچە ئېيتسام، كۆزۈم قەلبىمگە كۆچكەندەك ياكى قەلبىم كۆزۈمگە تۇتۇشىپ كەتكەندەك ئىدى....

           -----  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئاقساقال!

    چۆچۈپ قولۇقىمنى تۇتۇپ قويدۇم. كۆرۈنىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ گېپىمۇ ئاڭلىنار دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. خۇدابەردىنىڭ قايسى ساننى سانىغىنىغا ئانچە دىققەت قىلالماپتىمەن. ئەمما، مەن كۆرۈۋاتقان بۇ ئادەم تۇنۇشتەكلا قىلاتتى.

    ----- ۋائەلەيكوم ئەسسالام، مەخپىر خوجا جاناپلىرى!

       ھە، مەشھۇرى شۇ ئىكەندە، دەپ ئويلۇدۇم مەن شۇئان ۋە ئۆزۈمنى تۇتالماي :

    ---- نەچچە ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەنغۇ، خۇدابەردى. كارامىتىڭلا بارىكەن جۇمۇ، --- دەۋەتتىم.

    ---- مەنمۇ ئاڭلاۋاتىمەن. ئەنە ئاۋۇ « ۋائەلەيكوم ئەسسالام! » دەپ جاۋاپ قايتۇرغان ساقاللىق ئادەم مۇشۇ مەھەللىنىڭ شۇ چاغدىكى ئىمامى ئىكەن. ماتىرىياللاردىن ئوقۇغانلىرىم ئەينەن كۆرۈنىۋاتىدۇ.    

             مەن ئاغزىنمى كاماردەك ئاچقىنىمچە كۆز ئالدىمدىكى كۆرۈنىشلەرگە قاراپ قالدىم. ھاياجانلانغىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى خۇدابەردىگە قايىل بولۇپمۇ، ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا تېخىمۇ بەكراق ئېسىلدىم.

           ----- سىلىنىڭ يانلىرىغا كېلىشىمدە ، تەقسىر، ---- « مەشھۇرى » ناملىق ئەسەردە تەسۋىرلەنگەندەك، كۈلۈپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇردى مەغپىر خوجا، ----- ئەجەل- پەيمانىمىزنىڭ مۆھلەت تىزگىنى ئاللانىڭ ئىلكىدەدۇر....

    ---- خوش...

    ---- دەيمەنكىم، ۋاقىت- سائىتى يېتىپ، باقىيغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇنراق يول ئېلىپ قالغۇدەك بولسام، مۇنۇ سەللەم سىلىگە نۇمۇنە.

    ---- رەھمەت. مىڭ مەرتىۋە رەھمەت، ھەزرىتىم!

    ---- بىرلا تىلىكىم، شۇ چاغدا سۈيۈمگە سىلى كىرىپ، مېنى ئۆز قوللىرى بىلەن كېپەنلىگەيلا.

    ----- بېشىم بىلەن، تەخسىر!

             مەشھۇرىنىڭ سەللىسى مۇشۇ ئىمامغا يادىكار قالغانمۇ نىمە، دەپ ئويلاپ بولغۇچە، يەنە بىر كۆرۈنۈشكە كۆزۈم چۈشتى.

    ---- ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، مەزىن جاناپلىرى!

    لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان بىر قىشتا، غېرىبانە ئۆيگە شۇنداق دەپ سالام قىلىپ كىردى مەخپىر خوجا كۈلگەن پېتىچە.

    ---- ۋائەلەيكوم ئەسسالام، ھەزرىتىم!

    بۇ يەردىمۇ گەپ يەنىلا سەللە ھەققىدە بۇلۇندى. مەغپىر خوجا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، سەللىسى مەزىنگە قالىدىغان، مەزىن ئۇنىڭ ئۈلۈم نامىزىدا ئۈن سېلىپ يىغلايدىغان بولۇپ كېلىشتى.

        لېكىىن، ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇدىغان سەللىسىنى بېشىغا مەھكەم ئورىۋالغان مەغپىر خوجا، سان- ساناقسىز كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ، مۇشۇ خاسىيەتلىك سەللىنى ئۇلارغا نۇمۇنە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا ئايرىم- ئايرىم ۋەدە بەردى. ئۇلار قىن- قىنىغا سىغماي قېلىشتى. تېخى قولىغا چۈشمىگەن بۇ سەللىنى، ئۆزلىرى قازالاپ كەتسە كىمگە يادىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇشۇپ، ئىلىشىپ قالاي دېدى. بەزىلەر ھەتتا، سەللىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان يېقىن- يۇرۇقلىرىغا دىل سۆزىنى يەتكۈزۈپمۇ ئۈلگۈردى. ...

           ------ كۆرۈۋاتامسىلە، خۇدابەرداخۇن؟ ---- ئۈن- تىنسىز ئولتۇرغان خۇدابەردىنى نۇقۇلاپ قويدۇم مەن.

    ----- ۋاي كۆرمەمدىغان. مانا ھازىر سەللە جېدىلى كۆرۈنۈۋاتىدۇ.

    ----- راست، مەنمۇ شۇنى كۆرۈۋاتىمەن.

             سەللە قېنى؟

          سەللە نەدە؟

        سەللە مېنىڭ!....

    جىدەل ئەۋجىگە چىقتى. يۈرەكلەرگە تەڭلەنگەن خەنجەرلەر. يول- يوللاردا يېيىلىپ ياتقان قانلار....

        بۇ كۆرۈنىشلەر تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. ئەكسىچە، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ، ئۇزاقتىن- ئۇزاق داۋاملىشاتتى. مەغپىر خوجا بولسا، جىدەل قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ توختىماي كۈلەتتى....

          ئەسىر- ئەسىرلەر ئۆتۈپ كەتتى. مەغپىر خوجا دوستى ئاشىق مەشھۇرىنىڭ خاسىيەتلىك سەللىسى مۇخلىسلار قەلبىنى تېنىمسىز دەيدەيگە سالاتتى.

    ---- مەن ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغاندىكىن، سەللە ئەلۋەتتە مېنىڭ بولىدۇ!

    ---- پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپسەن. سەللىنى ئۇ ماڭا يادىكار قىلغان!

    ---- شۇ سەللە نەدە زادى؟

    ---- ئېيتە، ھەي نەفسى بالا، ئىچىدە تۇڭگۇز قاترايدىغان پوق ساقال، نەگە تىقىپ قويدۇڭ شۇ سەللىنى؟!

        خۇدابەردىگە كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدۇم. ئۇ، بوشلۇقتىكى قانداقتۇر بىر نۇقتىغا مىت قىلماي قاراپ ئولتۇرغىنى بىلەن، قوشۇمىسى چىڭ تۈرۈلگەنىدى. ئېزىقلىرى بولسا توختىماي كاراسلايتتى.

        نىمانداق ئۇزاق جېدەل، نىمە دېگەن شەرمەندە ئېلىشىشلار بۇ؟!

           مېڭەم چىڭقىلىپ كەتتى. ئۈگە- ئۈگىلىرىمگە ئاغرىق ياماشتى. ئايىقى چىقماس دەتالاشلار مېنى ھاردۇرۇپ قويغانىدى. بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىۋاستە كۆرۈپ، ئاۋازلارنى ئەينەن ئاڭلاۋاتقىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ كۆرۈنىشلەرنىڭ مەن سەسكىنىدىغان تارىختىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تارىخ دېگەنگە ئۆچ ئەمەسمۇ مەن! بىر نەرسىنى تالىشىپ ئۇرۇش بولدى دەۋاتقان، ئۇ بۇنى قىرغان، بۇ ئۇنى يوقاتقان. قارىسا ھەممىسىلا ئوخشاش گەپلەر...

          پىيالىدىكى تاۋلانغان چايدىن بىر يۇتۇم ئىچىۋالدىم. تەشنالىقىم سەل بېسىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىىن، ھاردۇقىم چىقىدىغاندەك قىلمايتتى. بىز تەرەپكە قىستاپ كېلىۋاتقان ئالامان مېنى تېخىمۇ ھاردۇرۇۋېتىشى مۈمكىن ئىدى. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈش ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ،        « سەللە قېنى؟ » ، « سەللىنى قەيەرگە يۇشۇرۇشتۇڭ؟ » دەپ، بىزگىمۇ پىچاق تەڭلەپ كېلىدىغاندەك بىلىنەتتى.

      شۇ ئارىدا ، يانفونۇم جىرىڭلاپ كەتتى. كۈندە بىر- ئىككى قېتىم تېلېفۇنلاشمىساق چىداشمايدىغان قىز دوستۇم بىلەن خېلى ئۇزاق پااڭلىشىۋالدىم. بىر ھېساپتا، مۇشۇنداق ۋاقىتتا تېلېفۇن كەلگىنى بەك ئوبدان بولدى. ھەممە نەرسە چەت ئەلدىلا بولمايدۇ، بىزدىمۇ بار. چەتتە ئوقۇپ كەلگەن كىشىلەردىن قېلىشقىچىلىكىمىز يوق بىزنىڭ!

          ئۆزۈمنى كۆز- كۆز قىلىمەن دەپ بەك ئۇزاق سۆزلەشكەن ئوخشايمەن. بىر چاغدا قارىسام، ئوخشىمايدىغانلا كۆرۈنۈش.

           ----- باشقا بىر ساننى سانىۋەتتىڭلىما؟ ----- دېدىم مەن، ئاۋازىمنى ئەركىن چىقىرىشقا تىرىشىپ.

    ---- ھە- ئە، چوڭ دادامغا توغرىلاپ سانىدىم.

             .....  بوز ئېشەك، سەللىلىك بىر ئادەمنى ئېلىپ ئاستا يورغىلاپ كېلەتتى. ئېشەك ئۈستىدىكى كەكە ساقال ئادەم، ئارقىسىدىن بىرسى قوغلاپ كېلىدىغاندەك ياكى تۇيۇقسىز بىرەرسى پەيدا بولوپ، بېشىدىكى كىر تۇتۇپ كەتكەن سەللىسىگە « كاپ » قىلىپ ئېسىلىدىغاندەك، ئەتىراپىغا شۈبھىلىك قارايتتى. ئۆزىگىمۇ تازا ئېنىق بولمىغان ئاللىقانداق بىر گۇمان بىلەن ھەريانغا باقاتتى. ھېلىلا چىڭىتىۋالغان سەللىسى يەنە بوشاپ كېتىۋاتقاندەك، خۇددى ھازىرلا « پۇر » قىلىپ بېشىدىن ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك، ئۇنى يېنىش- يېنىشلاپ تۇتۇپ قوياتتى. سىيلايتتى، باساتتى...

         « مەغپىر بوۋامنىڭ شۇ سەللىسىنى بىر تېپىۋالغان بولسام- ھە!.... نەدىدۇ. زادى نەگە كەتكەندۇ شۇ سەللە؟!....» ئۇنىڭ قولىلا ئەمەس، خىيالىمۇ سەللىدە ئىدى.

          ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بىر ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغاننى ئاز دەپ، ئۇنىڭ خىيالىنىمۇ بىلىپ تۇرۇۋاتقىنىمغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ماڭا مۇشۇنداق كارامەت كۆرسەتكەن خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرىنى دۇنيادا كام ئۇچرايدىغان سۆزلەر بىلەن ماختىغۇم كېلەتتى- يۇ، يەنە نىمىشقىدۇر، تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنى ئېغىزىمدىن چىقارغۇم كەلمەيتتى. ئېغىزىمنى مىدىرلىتاتتىم، ئۆمەللەيتتىم...يەنە چىقىرالمايتتىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى چاقماق تېزلىكىدە بىلىپ يەتتىمكى، بۇ، مەندىكى سەھۋەنلىك ئەمەس، بەلكى مەھەللىمىزنىڭ ئادىتى ئىكەن. ھە- ئە، مەھەلىمىزنىڭ سەھۋەنلىكى ئىكەن. شۇ تاپتا يەنە بىر ئىشمۇ ئېسىمگە كەلدىكى، دۆڭگەشمۇ مەھەللىمىزىڭ ئادىتى. مەن ئۈزۈمچە بۇنداق ئادەتلەرگە ئۆچ،  خۇددى تارىخقا ئۆچ بولغاندەك. ....

         ----- ئېشەككە مىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگەندەك قىلىمەنا، خۇدابەرداخۇن؟ ----- تىلىمنىڭ ئۇچىدىكى مەدھىيە سۆزلىرىنى نەگىدۇر تۇزۇتىۋېتىپ، كۆرۈۋاتقىنىم ھەققىدە ناھايىتى تېزلا ئېغىز ئاچتىم مەن.

    ----- ھە- ئە، چوڭ دادامنىڭ خىيالىدىكىنىى مەنمۇ بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئېسى- يادى مەغپىر بوۋامنىڭ سەللىسىدە قاپتۇ. ----- ئۇ، ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا بىر قارىۋېتىپ، ئەلىدىكى نۇقتىغا قادالدى، ---- توۋا..... دورىنىڭ بۇنچىلىك ئۈنۈمىى بولارىنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن. راست، بەك قالتىس ئىش بولدى. چوڭ ددامنىڭ سەللە كويىدا يۈرگىنىنى، سىلى دېگەندەك،ئۇنىڭ ئوي- خىيالىنىمۇ....بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن مانا.

     ----- راست نىمە دەپ ئات قويدىڭلا بۇ دورىغا؟ ---- ئېشەكنىڭ بېقىنلىرىغا دېۋىتىپ كېلىۋاتقان كەكە ساقال ئادەمدىن كۆزغمنى ئۈزمەي تۇرۇپ، شۇنداق سورۇدۇم مەن خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرىدىن.

    ---- ئات؟ ھە، دورىغا دەمسىلە، ------ مەڭدەۋاتقاندەك جاۋاپ بەردى ئۇ، ---- تېخى ئات قويمۇدۇم.

    ---- بۇ بولماپتۇ. بۇنداق ئوبدان، ... كارامەت نەرسىنىڭ ئېتى بولمىسا قانداق بولۇدۇ، ----- تامىقىمنى قايتا- قايتا چاكىلدىتىپ ۋە قىرىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇردۇم مەن، ----- ھازىرلا ئات قويۇۋېتەيلى. گۈزەل، ئېسىل ئىسىم بولسۇن. يازغۇچى بولغاندىكىن ( ئۆزۈمنى مۇشۇنداق ئاتاشقا ئامراق ئىدىم) ئىسىمنى مەن قويۇپ بېرەي بولمىسا. بۇ، ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تۆھپىسى بولۇپ قالسۇن. دورىنىڭ ئسمىنى مەشھۇرى ھاشىم، ياكى بولمايدۇ شەربىتى ھاشىم قويساق قانداق؟ بۇنداقتا، دورىنى ئىجات قىلغۇچىنىڭمۇ ، ېتىنى قويغۇچىنىڭمۇ ناممى ئوخشاشلا بىلىنىپ تۇرۇدىغان بولۇدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك پاساھەتلىك ئىسىملار بۇ.

    ----- ياق. دورىنىڭ ئسمىنى كېيىن قويۇمەن. ... ئۇنى ھەممە تەرەپتىن سىناپ بولغاندىن كېيىن قويۇمەن. لېكىن، جەزمەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇدۇ. شەربىتى، شىپائىي... دېگەندەك ئىسىملارنى ھەرگىز يېقىن يولاتمايمەن.

    ---- ئۇنداقتا، بۇ...

          مەن پەقەت شۇنداقلا دېيەلىدىم. خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرى تىلىمنى ئۆمەللەپ، كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ قالغىنىمنى كۆرمىدىمۇ ياكى قەستەن كۆرمەسكە سالدىمۇ ( بەلكىم كۆرمىدىغۇ دەيمەن. شۇنداق بولغاي ئىلاھىم)، ئۆزى تىكىلىپ تۇرغان بايىقى نۇقتىغا مىت قىلماي قاراپ ئولتۇراتتى. يېنىدا مېنىڭ بارلىقىمنى بىلمەيدىغاندەك، ھېلىلا دېگەن گەپلىرىمنى زادىلا ئاڭلىمىغاندەك( ئېھتىمال ئاڭلىغاندۇ. ئاڭلىسا نىمە بوپتۇ؟!) قىلاتتى.

        يېڭى بىر ئىختىراغا شېرىك بولالمايدىغىنىم سەۋەپلىك، خىيالىم چېچېلىپ تۇرسىمۇ، نىمىشقىكىن خۇدابەردىنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەپتىمەن. كەشپىيات مېۋىسىدىن بىر ئۇنىڭلا ئوڭچە ھوزۇرلىنىشىنى خالىمىغاندىمەن، بەلكىم.

             بوز ئېشەككە مىنىپ كېلىۋاتقان سەللىلىك ئادەمنى شۇنچە ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتساممۇ، خۇدابەردى مەندىنمۇ ئېنىق كۆرۈۋاتقاندەك، مەن كۆرەلمىگەن بىر قىسىم يەرلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك... بىلىنەتتى. مۈمكىن بولسا، كۆزۈم خۇدابەردىنىڭ كۆزىگە ئايلىنىپ قالسا، سېزىلمەس ۋە كۆرۈنمەس بىر ھالەتتە ئۇنىڭ پوستىغا كېرەلىسەم...

       مەن ئۇنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتۇم. سەللىلىك ئادەم ئېشەكنى بارغانسېرى تېز چاپتۇرۇپ كېلەتتى.

        ..... « خىت چۇ، چۇ!...قوتۇر!...»

    تارسىلداپ تېگىۋاتقان كۆك تاياق، ئۆلەر تىرىلىشىگە قارىماي چېپىپ كېلىۋاتقان ئېشەكنى يەنىمۇ ئىتتىك چېپىشقا مەجبۇر قىلاتتى. بۇرۇن تۆشۈكلىرى كەرىلىپ، تىلى ساڭگىلاشقا باشلىغان ئېشەك ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بېقىنلىرىغا تاپانداپ- تېپىپ كېلىۋاتقان بۇ ئادەم ھېچ رازى بولۇدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇمۇ ئېشەك بىلەن تەڭ تەرلەيتتى، ھاسىرايتتى....

        « ئەستاغپۇرۇللا!...خىت چۇ دەيمەن، تاپ گۇينىڭ ئېشىكى.... ھارام يەيدىغان ئۆلەرمەن!...»

         مانا ئەمدى قىقاس- چوقانلار ئېنىق ئاڭلاندى. ئېشەكلىك ئادەمنىڭ نىمە سەۋەپتىن قاچقىنىمۇ  ئايان بولدى.   

    ---- توختا ھەي، نائەھلى! رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان سەللە داداڭنىڭ ئۆيىدىكەن. تاپالىساڭ، ئۇنى ساڭابېرەي، دېدىڭ. دادامنىڭ ئۆيلىرىنى بۇزۇپ، تۈپ- تۈز قىلىۋەتسەممۇ سەللە تېپىلمىدى. مېنى گوللاپ، سەللىگە ئۈزۈڭ ئېگە بولماقچى بوپسەن. مەغپىر خوجا سېنىڭ ئەجدادىڭ بولغىنى ئۈچۈنلا سەللە سېنىڭ بولامدۇ؟ سەللىنى ئۆزۈڭ تىقىۋاپسەن. بەلكىىم، بېشىڭدىكى سەللە شۇدۇر. ئۇنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، قاسماق سىياق بىر سەللىگە ئوخشىتىپ قويغانسەن. سېنىڭ قولۇڭدىن ھەربالا كېلىدۇ. لېكىن، سەندىن دەردىمنى ئالماي قويمايمەن. تۇختا، ئوغرى. يا سەللىنى بەر، يا بۇزۇلغان ئۆينى ئوڭشا!....

          ----- قاچما، جادىگەر! قىڭغىيىپ قالغان مەسچىتتە ناماز ئوقۇسا ساۋاپ. مەسچىتتىن ساۋاپ تاپساق، رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان سەللىنى تاپماي قويمايمىز، دەپ مەسچىتنى يېڭىلاپ سالغىلى قويماي، مەھەللىدىكى ئەر زاتىنىڭ بارىنى تام ئاستىغا--- ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردىڭ. بۇنىڭغا تېخى مەسچىت تېمى بېسىۋېلىپ ئۆلگەن ئادەم شېھىت بولۇدۇ، دېگەن پەتىۋانى چىقاردىڭ. جەننەتكە كىرگەن ئادەم بىز ئىزدەپ يۈرگەن سەللىگە جەبرى- جاپاسىزلا ئېرىشىدۇ، دېگەن يېرىڭمۇ بار. ئىمامىمىز، دەپ يۈرسەك، بىزنى ئەخمەق قىپسەن. ئېرىمنى تېپىپ بەر، ئوغرى!

    ---- دادامنى تۆلەپ بەر!

    ---- ئاكامنى تېپىپ بەر!

    ---- ھەي ساختىپەز ئالۋاستى، ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان ئىبلىس! ----- بۇ، قىقاس- چۇقانلار ئارىسىدىن ئۈنلۈكراق چىققان تۇنجى ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى، ------ مېنى داغدا قويۇپ، ئەمدى نەگە قاچاي دەيسەن؟ مەھەللىگە كېلىپلا مەن بىلەن ئاغىينە بولدۇڭ. قارا تۈرۈك بولغىنىم ئۈچۈن ئىلىمىىڭگە ئىشەندىم. رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان سەللە ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ، مېنى ئايلاندۇردۇڭ. ئۇنى تاپساق تەڭ مەنپەئەت ئالىلى. مېنىڭ ئىككى كۈنلىكىم قالدى. مەندىن قالسا سېلىگە قالسۇن، دېدىڭ. بېرىپ- بېرىپ، خۇتۇنلىرىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە بىز تاپماقچى بولغان سەللىنىڭ دۈشمىنىكەن. كىتاپ كۆرسەم شۇنداق چىقىپ قالدى. سەللىنىڭ دۈشمىنى سىلىگىمۇ دۈشمەن. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان، دەپتىكەن. سەللىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن بالا دېگەننى تېپىۋالمامدىلا، دېدىڭ. نەشە چېكىپ كىرگەن بىركۈنى خوتۇنىمنى بولۇشىغا ئۇرۇپتىمەن. خوتۇننىڭ بويۇدىن ئاجراپ كەتتى. ئەمدى ئاڭلىسام، سسەن يۇقارقى مەھەللىدىمۇ شۇنداق دەپ، نۇرغۇن خوتۇننى بويۇدىن ئاجراتقانىكەنسەن. ئۇ يەردە ئېتىڭ مۇھەممەت ئىكەندۇق. بۇ يەرگە كېلىپ، ئېلى ئىمام ، دېدىڭ. ئېيتە، بىزنىى ئالداپ، ئەر ئەدبايىنى يوق قىلىپ، مەھەللىنى سەللىسىزلەر باسسسۇن دېدىڭمۇ. سەللىلىكلەر يوق بولسا، رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان سەللە مېنىڭ بولىدۇ، دېدىڭمۇ. ئۇخلاپ چۈشۈڭ. سەللە مېنىڭ. بېشىڭدىكى سەللىنى تارتىۋالماي قويمايمەن!

     ---- يا ھەزرەت. مەھەللىمىزدە بىر ئەر بولسىمۇ ھايات قاپتۇ. ئەمدى ھېچ بولمىسا سەللە جىدىلى تۈگەر. لېكىن، ....لېكىن، خالايىق، ئۇ ئىبلىس كېتەر چېغىدا مۇنۇ ئەركەككە : سەللىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى خوتۇۇن خەقنىڭ ماتكىسى دەپتۇ.

    ---- بۇ ن نىمە دېگىنى؟

    ---- بالا تۇغۇدىغان بارلىق خوتۇن خەقلەرنىمۇ يوق قىل دېگىنى.

    ---- ئۇخلاپ چۈشى. قات- قات ئىشتان كېيىۋالايلى. يامىنى كەلسە، ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىمىزنىڭ ئورنىغا سەللىنى بىز يۆگەيمىز.

    ----- شۇنداق. بىزگىمۇ يارىشىدۇ سەللە.

    ----- پوقنى سوۋۇتماي يىيىشىپسەن!---- ئاقساپ كېلىۋاتقىنىغا باقماي، گۈلدۈرمامىدەك ۋارقىرىدى ھېلىقى ۋىجىك ئەر، ---- مەھەللىدە مەن بىرلا ئەر قاپتىمەن. سەللىنى ئوڭچە يۆگەرمەن دەۋاتسام، سەنلەر نىمە دەپ چەن سوقۇشۇۋاتىسەن؟! ھەرقايسىڭ خىيالنى خام ئەيلەشمە، سەللە مېنىڭ!

    ---- ئېرىم ناھەق كەتتى، سەللە مېنىڭ!

    ---- مېنىڭ!

        كالتەك- چۇماق، ئارا- ئاسقاقلارنى كۆتۈرۈشۈپ قوغلاپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بىردىنلا توختاپ، ئەر- ئايال تائىپىسى بويۇچە( ئەرلەر يوق ھېسابىدا بولسىمۇ) ئايرىلدى. ئېنىقكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا « مەن » ۋە « سەن » دېگەن تائىپىگە بۆلۈنەتتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىلگىرلىشى مۈمكىن ئەمەسىدى.

          « شۈكرى!....»

    شۇنداق دېگىنىچە ئېغىر- ئېغىر نەپەس ئالدى سەللىلىك ئادەم ۋە ھاسىراپ كېتىۋاتقان ئېشىكىنى ئۇرۇشتىن توختىدى. ئۇ، ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان شاۋقۇن- سۈرەننىڭ بىردىنلا ئۆزارا جىدەل- ماجراغا ئايلىنىپ كەتكىنىنى ھېس قىلغانىدى. ئىلگىرىغۇ تالاي قېتىم شۇنداق بولغان. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولۇشىنى كىم بىلىپتۇ؟

       « خىخ، ئېشىكىم!...» ئۇ، چېپىشتىن يورغىلاشقا ئۆتكەن ئېشىكىنى مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئەركىلىتىپ قويدى. ئەمدىكى ئېشەك، ئۇنىڭ مۇڭدىشى ئىدى.   

        « نىمىشقا مەھەللىمۇ- مەھەللە چپىپ يۈرۈيمىز؟ دەيدىغانسەن- ھە، ئېشىكىم؟ ---- بىر خىلدا كېتىۋاتقان ئېشەككە لاپپىدە قاراپ قويۇپ، داۋاملاشتۇردى ئۇ، ----- جاۋاپ ئاددىي: سەللە ئۈچۈن. سەن بىلمەيسەن، سەللە بەك مۇھىم نەرسە، جانىۋار. شۇ نەرسە بولسا، ھەممىنى قىلالايسەن، ھەممە نەرسە سېنىڭ بولىدۇ. ئىقلىمنىڭ خۇجىسى بولغان ئاپپاق خوجا ھەزرەتنى بىلەمسەن؟ ھە، ئۇ ۋاقىتتا سەن تېخى تۇغۇلمىغان، بىلمەيسەن. مەنمۇ بىلمەيمەن. لېكىن، ئۇ زات خۇسۇسىدا ئاڭلىغانمەن. ئۇنىڭمۇ سەللىسى بولغانىكەن. ئۇنىڭ سەللىسىنى تۈرلۈك- تۈمەن رەڭگە ئۆزگىرەتتى دېيىشىدۇ. بىر تۇرۇپ، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ شۇ خاسىيەتلىك سەللىسىنى ئۇلۇغ بوۋام مەغپىر خوجا ھەزرەتكە نۇمۇنە بولۇپ قالغانمىدىكىن دەيمەن. بوۋامدىن ئاپپاق خوجىغا قالغان بولغىيمىدى- يا؟ ھەي، كىمدىن- كىمگە قالسا ئوخشاشقۇ. لېكىن، شۇ سەللە ھازىر قېنى؟ گەپنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدا، جانىۋار. كۆردۈڭغۇ، رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان مۇشۇ سەللەم بولغىنى ئۈچۈن، قايسى مەھەللىگە بارسام جامائەت ماڭا ئىشەندى. ئادەتتىكىچە  بولسىمۇ بىرەر سەللىگە ئېگە بولۇپ قالارمىزمىكىن دەپ، ماڭا قىلمىغان خوشامىتى قالمىدى. نان بەردى. قىز بەردى. ئاقچا بەردى. ھەتتا، خوتۇنلىرىنىمۇ بەردى. .... ئاخىرىدا، سىزىقىمدىن چىقماس بولۇپ، بۇيرۇغان ھەرقانداق ئىشىمنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار سەللىگە خۇمار بولۇپ، ئۇڭۇدىمۇ سەللە چۈشەيدىغان ھالغا يەتكەندە، تېخى تېپىلمىغان سەللىنى مەندىن قىزغانغۇدەك بولدى. ئەنە شۇ چاغدا، ئۇلارنى بىر- بىرىگە سالدىم. شۇنداق قىلمىسام سەللىنىڭ قەدرى بولامدۇ؟ قەدرى يوق سەللىنى تاپقاننىڭ قىممىتى بولامدۇ؟ چۈشەنگەنسەن، مۇشۇ كويدا مەھەللىمۇ- مەھەللە قاتراپ يۈرۈمىز جانىۋار. سەللە ئىزدەپ بارمىغان يېرىمىز قالمىدى. قىلمىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئاز.... لېكىن، جانىۋار، ھەممە يەرنى يېنىش- يېنىشلاپ ئاختۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆينى پەقەت بىر قېتىم ئاقتۇرغاندەك تۇرۇمىز. ھە- ئە، شۇنداق قىپتۇق. بىر قېتىم ئاقتۇرۇپ قويغانغا چىقىدىغان سەللىمىدى ئۇ؟ يەنە ئاقتۇرايلى. يېنىش- يېنىشلاپ ئاقتۇرايلى. ئۇنى چوقۇم تاپىمەن. بېشىمدىكى مۇشۇ سەللەمگە تايىنىپ، رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاشۇ خاسىيەتلىك سەللىنى تاپماي قويمايمەن. ئەمدى نۆۋەت ئۆز ئۆيۈمگە!....»

            ----- ئۆز ئۆيۈمگە؟! ---- چۈچۈپ ۋارقىرىۋەتتى خۇدابەردى، ----- دادامدىن ئاڭلىغىنىم راست ئوخشىمامدۇ. ... راست ئىكەن- دە!

    ---- چوڭ داداڭلىنىڭ ئېتى نىمە بولدى شۇنداقتا؟ ---- ئۇ گەپ قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرھال ئېغىز ئاچتىم مەن. بايا ئۇنى خاپا قىلىپ قويدۇممىكىن، دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇراتتىم.

    ---- مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ   مېنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئىش ئىدى. باياتىن بېرى كۆرگەنلىرىم بۇ سىرنى يېشىۋەتتى، ---- ئۇ بىكارلىنىپ قالغان پىيالىلەرگە چاي لىقلاپ قويۇپ، سەسكەنگەندەك بىر ھالەتتە داۋام قىلدى، ----- چوڭ دادامنىڭ دادام بىلىدىغان ئىسمىدىن ئالتە- يەتتىسى بارىكەن. دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا دەپ بېرىشىچە، چوڭ دادامنىڭ دادىسى ئەزان قىچقىرىپ قوويغان ئىسىمى ئىبرەتخوجا ئىكەن. ئېھتىمال، ئۇلۇغ بوۋام مەغپىر خوجىدىن ئىبرەت ئالىلى دەپ قويغان بولغىيدى. بىراق، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋاپتۇ. كېيىنكى مۇقىم ئىسمىنى داداممۇ بىلمەيدىكەن. خەقتىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ ئىسمىنى كۈندە بىر ئۆزگەرتىپ تۇرغانىكەن. بەزىلەرنىڭ گېپىچە، ئەتىگىنى بىر خىل، چۈشتىن كېيىن يەنە بىرخىل ئىسىم قوللانغان دېيىشىدۇ. ئاڭلىسام، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، قويۇۋالغان ئىسمى ھەددى- ھېساپسىز كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئىسمىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلەلمەس بولۇپ قالغانىمىش.

    ---- توۋا قىلدىم....

       مەن بۇ قېتىم چىن دىلىمدىن ياقامنى تۇتتۇم. مەن سەسكىنىدىغان تارىخنىڭ تېخىمۇ غەلىتە يېرى مانا ئەمدى كۆرۈنىۋاتقاندەك قىلاتتى.

         « راست، ئۆينى تۈزۈك ئاقتۇرماپتىمىز، ئېشىكىم. » ئۇ، ئېشىكىنى سۆز بىلەن ئەركىلىتىپ تۇرۇپ، تاياق بىلەن قاتتىق بىرنى سالدى. « خىت! تېزراق، تېزراق!....»

       نەپسى ئارامىغا چۈشكەن ئېشەك يېڭىباشتىن چېپىشقا باشلىدى. چىغىر يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئارىلاپ- ئارىلاپ كۆرۈنىدىغان شالاڭ يېشىللىقلار، ئاچ قورساق ئېشەككە سۇۋارلا قېنىق ۋە يېقىملىق يېشىللىق بولۇپ كۈرۈنەتتى.

          « ھەي ئېسىت، ھەي ئېسىت! نىمىشقىمۇ ئويلىمىغاندىمەن. چىراقپاي تۈۋى قاراڭغۇ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمىدى بىزدە. يەنە كېلىپ، چوڭ ئوغلۇم دېگەن گۇينىڭ بىر چاغدا: رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان سەللىنى تېپىۋالسام ماڭا بېرەمسىز دېگەن گېپىمۇ ئېسىمگە كەلمەپتا. ئالىمادىس، شۇ ئىنساپسىز گۇي تېپىۋالغان بولسىچۇ؟ ھەي!.... شۇنىڭدا بىر گەپ بار. چوقۇم!....»

            ئېشەك ئۇچقاندەك چاپاتتى. سەللىلىك ئادەم ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى غاراسلايتتى. بېقىنلىرىغا سانجىق تۈرۈپ، ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيتتى. بېشىدىكى كىر سەللە خۇددى بىركىشى تارتىۋاتقاندەك پات- پاتلا چۇۋۇلۇپ كېتەتتى. بۇياقتىن يۆگەپ بولغۇچە، ئۇ ياقتىن چۇۋۇلۇپ تۇراتتى. يەنە تۇرۇپ- تۇرۇپلا ئۇنىڭ بېشىدىن ئاجراپ چىقىپ، سەللە قېنى دەپ بولغىچە باشقا كىيىلىپ بولاتتى.

      «  مەن بىلەن تولا قېرىشما، ---- دەيتتى ئۇ، چېپىپ كېتىۋېتىپ، كىمدۇر بىرىگە، ---- مەن قاسىم، ياق، سۇلتان.... بۆگۈنكى ئىسمىم نېمىدى؟ ھە، موللاخۇن. مەن موللاخۇن رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان شۇ سەللىنى تاپماي قويمايمەن. ئەنە شۇ چاغدا  ھەممىڭنىڭ ئەدىپىنى بېرىمەن. سەللە مېنىڭ!...»

        ------ ئاۋۇ قېچىپ كېتىۋاتقان قاسىم دېگەن ئوغرىنى تۇتۇڭلار!

    ---- ياق، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىسمى موللاخۇن. موللاخۇن ئاتلىق ئاۋۇ ئالدار كوسىنى تۇتۇڭلار!

    ---- بوش قويۇۋەتمەڭلار ئاۋۇ كاززاپنى!

       ئۇ، قاياقتىندۇر كېلىۋاتقان بۇ ئاۋازنى خىرە- شىرە ئاڭلىغاندەك بولدى. قايسىبىر مەھەللىنىڭ ئادەملىرى يەنە توۋلاپ كېلىۋاتامدىكىن. ھېچ بولمىسا بېشىدىكى سەللىنى بولسىمۇ تارتىۋالىمىز دەۋاتامدىكىن.

    « خىت چۇ! خىت!!....»

    ئۇنىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتتى. تاياق تۇتقان ئوڭ قولى تاياق يېگەندەك ئاغرىدى. تاياقتەك قاتتى. بىراق، ئېشەك چاپمىغاندەك، بىرەر قەدەممۇ ماڭمىغاندەك بىلىنەتتى. بېشىدىكى سەللە بولسا ھامان چۇۋۇلۇپ باراتتى....

      « خەپ گۇينىڭ سەللىسى، مەغپىر بوۋامنىڭ ھېلىقى سەللىسىنى تېپىپلا ئالسام، سەندەك سەللىنى ئەۋرەت لاتىسى قىلىمەن. ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرىمەن! »

           ئۇنى قورقۇتقان ئاۋاز كۈچۈيۈپ كېلەتتى. ئاۋاز كۈچەيگەنسېرى نەس باسقان بۇ سەللىمۇ شۇنچە ئىتتىك چۇۋۇلاتتى. تۇزۇپ كېتىدىغاندەك بۇزۇلاتتى. باشتىن چىىقىپ، قۇيۇندەك پىرقىرايتتى، توپتەك سەكرەيتتى. ئۇ، ئوراپ ئۈلگۈرەلمەيتتى. بېسىپ يېتىشەلمەيتتى....

         بىرچاغدا، سەللە چۇۋۇلۇپ، ئېشەكنىڭ ساغرىسىدىن ئېشىپ باردى. ئېشەك چاپقانسېرى، ئۇ لەيلەپ ۋە ئۇزىراپ، ھاۋادا ئاق بايراقتەك لەپىلدەپ ماڭدى. ئەمدىلىكتە ئېشەكنىڭ چېپىشى راستىنلا ئاستىلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئادەممۇ بېشىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. قانداقتۇر بىرنەرسە ئۇنىمۇ، ئېشەكنىمۇ ئارقىسىغا تارتىپ تۇرۇۋاتاتتى.

      « ئەستاغپۇرۇللا!...»

           ئۇ، شۇنداق دېگىنىچە ئارقىسىغا قارىدى. قارىدى- يۇ، ھەيرانلىقتىن ئېشەكتىنمۇ يىقىلىپ چۈشتى........

        ئۆيگە كېلىپ ئەسلىشىچە، ئۇنىڭ سەللىسى چۇۋۇلۇپ، كۆزيەتكۈسىز يىراقلارغا ئۇزىراپ كەتكەنىدى. سەللىنىڭ بىر ئۇچى ئۇنىڭ بېشىغا باغلىنىپ تۇراتتى....

       « قارا بېسىپتۇ، ----- دەپ ئويلىدى ئۇ، شۇ كۈندىكى ۋەقەنى قورقۇنچ بىلەن غىل- پال ئەسلەپ ۋە ئارقىدىنلا، ----- ياق، ئويغاق تۇرۇپ قارا باسامدۇ، چۈش كۈرۈپتىمەن. ياقەي، چۈش دېگىنىم نېمىسى، شۇنداق بىرئىشنى ئويلاپ قالغان ئوخشايمەن....» ---- دېدى يەنە مۈجىمەللىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ.

     نىمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ سەللىسى بېشىدا تۇراتتى. بۇرۇنقىدىن بەك كىرلىشىپ كەتكەن، سەللىگە ئوخشىماي قالغان بولسىمۇ، يەنىلا بېشىدا ئىدى. بۇ تەرىپى ئۇنى سەل قانائەت تاپقۇزغاندەك قىلاتتى. لېكىن، رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان شۇ سەللىنىڭ غېمى....

            ----- دادا، ھەممە ئۆينى بۇزۇپ، تۈپ- تۈز قىلىۋەتتۇق. مەغپىر بوۋامنىڭ سەللىسىنىمۇ تاپالمىدۇق. ئەمدى نەدە ياتىمىز؟ ----- ئۇ، سەللىنى تولا ئويلاپ جىلى بولۇپ تۇرغان بىر ئەتىگىنى شۇنداق دەپ سوراپ قالدى چوڭ ئوغلى، ئونبىر ياشلىق سەللىبەگ.

    ----- ئىسمىمنى قوشۇپ دادا دە، گۇي!، ---- بوشاپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتقان سەللىسىنى چىڭىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى ئۇ، ------ ھەممىسى سەن گۇينىڭ ئىشى. سەللىنىڭ بار يېرىنى دەپ بەرسەڭلا ئىش تۈگۈمەمدۇ؟ ئىسمىڭنى سەللە نامى بىلەن ---- ئۇلۇغ نام بىلەن ئاتىغىنىمغىمۇ رازى ئەمەسسەن. سەندەك ھارامسۈيدۈككە سەللە يارىشامتى ئەسلى.

    ----- سەللىنى ئاكام تىقىپ قويۇپتۇ- ھە، مەھەممەت دادا؟

    ----- قاشىم دادا، شەللەبەگ ئاكاشنى ئۇشىىڭىژ، ھېلىقى نەيشىنى تېپىپ بېيىدۇ تاژا.

    ----- نىمە دېيىشىۋاتىسەن؟ بالام تۇرۇپ ئىسمىمنى بىلىشمەمسەن؟! مېنىڭ بۆگۈنكى ئىسمىم تاپقاق قارى. بىلىشتىڭمۇ، تاپ- قاق-قا- رى!...

       ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشاتتى. مېڭىسى زىڭىلدايتتى. ئەس- يادىغا سەللىدىن باشقا نەرسە كەلمەيتتى. دۇنيا-- سەللە ئىدى. بەختىمۇ سەللە ئىدى. سەللىدىن ئۆزگە نەرسىنى كۆرمەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ گېپى قولۇقىغا كىرمەيتتى. سەللىگە باغلانغان سۆزلىرىمۇ شۇ قەدەر پاساھەتلىك ئىدى.

      ----- بالىلىرىم! ---- دېدى ئۇ، مەسچىتتە سۆزلىگەندەك تىترەك ۋە مۇڭلۇق ئاۋازدا، ----- سەللە بەك ئۇلۇغ نەرسە. مەغپىر بوۋاڭلارنىڭ سەللىسى تېخىمۇ شۇنداق. مەھەللە- مەھەللىلەرنى ئاختۇرۇپمۇ ئۇنى پەقەت تاپالمىدىم. ئۇ چوقۇم مۇشۇ ئۆيدە. ئۇنىڭ بار يېرىنى چوقۇم بىرەرسىڭلار بىلىسىلەر. ماڭا دەپ بېرىڭلار، شۇ سەللە زادى نەدە؟ سىلەر تېخى كىچىك. ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەيسىلە. ئۇنى تېپىۋالساقۋاغۇ نىمە دېسەڭلار شۇ بولىدۇ. ھازىرقىدەك جاڭگالدا مال بېقىپ يۈرمەيسىلەر....

    ----- مەغپىر بوۋامنىڭ شۇ سەللىسى راستىنلا شۇنداق يامانما، تاپقاققارى دادا؟

    ----- ئۇنى شەللە بەگ ئاكاش بىلىدۇ.

               تاپقاق قارى، بالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقىغا ئەمدى رەسمىي ئىشەندى. ئۇنىڭ بار يېرىنى بىلمىسە شۇنداق گەپ قىلىشامدۇ بۇ نىمىلەر؟ تىقىپ قويغان بولۇشمىسا، ئۇ سەللە راست يامانمۇ دەپ سورامدۇ؟ يامانمۇ دېگىنى، مۇھىممۇ دېگىنى. مۇھىملىقىنى سورىغان ئادەم ئۇنى بىلمەي قالامدۇ. يەنە كېلىپ، 11 ياشقا كىرگەن بالىنى كىچىك دېگىلى بولمايدۇ. ئويناپ يۈرۈپ بىر يەردىن تېپىۋالغان بولسا..... ئاتا- بوۋامدىن قالغان بۇ كونا ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى ئاقتۇرۇپ بولالمىغىنىم راستقۇ. ھازىر ئادەمگە ئىشىنىدىغان جاھان ئەمەس. بالايۇۋاقا تېخىمۇ ئىشەنچىسىز. مىراس تالىشىپ دادىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بالا ئازمۇ؟ ئەدىناسى، ئۇ بارغان مەھەللىلەردىكى ئوغۇل بالىلار سەللە ئۈچۈن دادىلىرىغا نىمە كۈننى كۆرسەتمىدى؟ سەللىنىڭ خاسىيىتىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان بالىلار شۇنچىلىك قىلغان يەردە، سەللىدىن باشقا گەپلەرنى ئاڭلىماي چوڭ بولغان بۇ ھارامسۈيدۈكلەر نىمىلەرنى قىلمايدۇ؟

      « توختا، ---- دېدى ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ئۆز- ئۆزىگە، ---- سەن ئىتنىڭ كۈچۈكلىرىنى تاياققا بېسىپ ئاندىن تاپتۇرمىسام....»

          تاپقاق قارىنى رەللە قىلغىنى، بالىلارنى بىر- بىرلەپ تاياققا باسقاننىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ھەممىسىلا بىلمەيمەن دېيىشنىڭ ئورنىغا « ئاكام بىلىدۇ »، « ئۇكام بىلىدۇ » دەپ بىر- بىرىگە بالىلارچە دۆڭگەشتى. بۇ ھال ئۇنىڭ ئىمانىنى ئېزىقتۇردى. گۇمانىنى تېخىمۇ كۇچايتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمىدى. پارقىراپ قاراپ تۇرۇشقان بالىلار ئۇ ئىزدەۋاتقان سەللىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ۋە ھېچنىمە.... ئەمەسىدى.

        ----- كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇدۇ، مەغپىر بوۋاڭلارنىڭ سەللىسى مۇشۇ يەردىكەن، ------ دېدى ئۇ، تاياقتىن قورقۇپ، تاغ قاپتىلىدا قاتار تىزىلىپ ئولتۇرغان بالىلارغا، ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان غايەت كۆپ  توختام سۇلار يىغىلىپ قالغان تەگسىز جىلغىنى كۆرسىتىپ.

           بالىلار غال- غال تىترەيتتى. تاپقاق قارىنىڭ ئۆڭ- سىلى ئۆچكەن گاچا خوتۇنى ھازىرلا زۇۋانغا كىرىپ قالىدىغاندەك، بوغۇق ئاۋازدا خىقىرايتتى، قىقىرايتتى.....

     ----- ئۈنۈڭنى ئۈچۈر، گاچا! ----- دېدى ئۇ، بالىلارنى تولا ئۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن تاياقنى خوتۇنىغا تەڭلەپ، ----- بالىلىرىڭ ئۆلگىلى بارمايدۇ، سەللە ئىزدەپ بارىدۇ، سەللە!

        ئەمدى ئۇ، سەللە ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىش نىيىتىگە كەلگەنىدى.

    « جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان دەپتىكەن، ---- ئەسەبىيلەشكىنىدىن جالاقلاپ تىترەپ تۇرۇپ شۇنداق دەيتتى ئۇ، ---- ماڭا ھەمدەرد بولمىغان، ھالىمغا يەتمىگەن سەندەك بالىلارنى!..... تاپماي قويمايمەن شۇ سەللىنى.  سەن ۋاپاسىزلارنى جىلغىغا تاشلىۋېتىپ، ئۆينى يېڭىباشتىن ئىزدەيمەن. ياتقان يەرلىرىڭنى، ئوينىغان جايلىرىڭنى!..... بۇ قېتىم ھېچيەرنى قويماي ئاقتۇرۇمەن. ئۆينى ئاقتۇرۇپ بولۇپ، ھە، ئۆينى يەنە ئاقتۇرۇپمۇ سەللىنى تاپالمىسام، باشقا مەھەللىلەرنىمۇ قايتا ئاقتۇرۇمەن. ئەمدى ئاياللارمۇ ساق قالمايدۇ.... ----- ئۇ، بىر ھازا قاينىغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئېسىگە كەلگەندەك بولدى، ----- نېمە دېدىم؟ سەللە ئۆيدىنمۇ تېپىلماي قالسا دېدىمما؟ ياق. تېپىلمايدىغان ئىش يوق. سەللە چوقۇم مۇشۇ ئۆيگە تىقىپ قويۇلغان. مۇشۇ شۇمتەكلەر تىقىپ قويغان. بولمىسا مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ بىلمەيمەن، دېمەي، بىر- بىرىگە دۆڭگەپ يۈرەمدۇ؟ زادى بۇلارنى كۆزدىن يوق قىلىش كېرەك! مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن  غەرەز ئۇققۇدەك بولغاندا ۋاپا كېلەمدۇ؟ سەللە تالىشىپ ماڭا پىچاق تىقىدۇ بۇلار. ۋاپاسىز ئادەمدىن ئىت ياخشى!....جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.... ماڭا دېگەن جان بولسا جاھان، سەللە بولسا قازان. ياق، ھەممە!... سەللە بولسا يەنە ئاش، خوتۇن. خوتۇن بولسا بالا.... ھەي، يەنە شۇ ۋاپاسىز بالا!....»

         ---- سەللە ئاشۇ كۆرۈنگەن سۇنىڭ قېتىدا، ---- دېدى ئۇ، ئەڭ كىچىك ئوغلىغا ۋە ھېلىغىچە لام- جىم دېمەي تۇرۇشقان باشقا ئوغۇللىرىغا بىر- بىرلەپ ئالىيىپ قويدى، ---- بىرلا سەكرىسەڭ سەللىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشىسەن. ئۇنى تاپساڭلا، بۇ يەرگە ئۆزلىكىڭدىن ئۇچۇپ چىقىسەن. ھە، سەكرە!

        ئاق- قارىنى تازا  بىلمىگىنى ئۈچۈنمۇ ياكى باياتىدىن  بېرى دېگەن چىرايلىق گەپلەرنىڭ تەسىرىدىنمۇ، كىچىك ئوغلى ھېچ ئىككىلەنمەيلا جىلغىغا سەكرىدى.

    ---- ھە، ئەمدى سەن سەكرە! ----- دېدى ئۇ، ئوتتۇرانچى ئوغلىغا، ---- كۆردۈڭمۇ، ئۇكاڭ غىڭ قىلماي سەكرىدى. لېكىن، ئۇ كىچىك بولغاچقا سەللىنى تارتىپ چىقالمايۋاتىدۇ. سەن ئۇنىڭغا ياردەم قىل. سەللىنى بىرگە ئېلىپ چىقىڭلار. تېز بول!...

           بۇ چاغدا، 11 ياشلىق ئوغۇل سەللىبەگنىڭمۇ سەۋر قاچىسى توشقانىدى. ئۇ، لىققىدە ياشقا تولغان كۆزلىرىنى دادىسىغا قاداپ تۇرۇپ:

    ----- ئۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ- ھە، تاپقاق قارى دادا؟ --- دېدى.

    ----- ئىسمىمنى يەنەئۇنتۇپ قاپسەن بەدبەخت، بۆگۈنكى ئىسمىم راھەتباي.

    ---- سىز بىلەن تۇرۇشقا مەنمۇ تويدۇم. خوش، راھەتباي دادا! ----- دېدى بالا ۋە ھاڭۋېقىپ تۇرغان ئۇكىسىنى سۆرىگەن پېتى جىلغىغا سەكرەپ چۈشۈپ كەتتى.   

         « ئۇھ!.... » دېدى راھەتباي ۋە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا يەنە خاتىرىجەملىكى بۇزۇلدى. قورساق كۆتۈرگىنىگە بەش ئاي بولغان گاچا خوتۇنى يۈز- كۆزلىرىنى مۇرلاپ، ئاللىنىمىلەرنى دەپ تۆ- تۆتلىگىنىچە يىغلاپ ياتاتتى.

      « سەللىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى خوتۇن خەقنىڭ ماتكىسى!...»

    بىردىنلا شۇنداق ئويلىدى ئۇ ۋە خوتۇنىنىمۇ جىلغىغا چۈشۈرمەكچى بولدى. ئۇ، خوتۇنىغا ئەمدىلا يېقىنلىشاي دەپ تۇرۇشىغا بىرمۇنچە قوي- ئۆچكىلەر ئۇنىڭ ئەتىراپىغا مەرەپ كەلدى. تونۇدىكى، بۇ، بالىلىرى بېقىۋاتقان ماللار ئىدى.

    « قوينىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ؟ »

         ئۇ شۇنداق دېگىنىچە خوتۇنىنىڭ قولىغا ئېسىلدى. دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. قوي- ئۆچكىلەر خۇددى يۇيۇنماقچى بولغاندەك، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى جىلغىغا سەكرەشكە باشلىدى. سەكرىگەن قوي- ئۆچكىلەر ھەددى- ھېساپسىز كۆپ ئىدى. ئۇلار يەنە ئۈزۈلدۈرمەي سەكرەۋاتاتتى.

        ئۇ، ماللىرىنىڭ بۇ قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى زادىلا ئويلىمىغانىدى. توختىماي سەكرەۋاتقان قويلارغا قاراپ، ئۇنىڭ ئىچى سەل ئېچىشقاندەك بولدى. سەكرەشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەنلىرىنى بولسىمۇ تۇتۇپ قالغۇسى كەلدى.

    ---- ھۇشت- ھۇشت!.... نەگە بېرىشىسەن گۇينىڭ قويلىرى، توختاش!

    ----- ئىمام بولىمەن. مە!..... ئىمام.... ----- سېمىز بىر قوشقار شۇنداق دەپ مەرىگىنىچە جىلغىغا سەكرىدى.

      «  توۋا! » دەپ ياقىسىنى تۇتتى راھەتباي، قوينىڭ زۇۋانغا كىرگىنىگە ھەيران بولۇپ. ئارىدىن نەچچە تىنىق ۋاقىت ئۆتەر- ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى خۇمارى باستى.

        « سەكرەپ چۈشۈپ كەتكەن قوشقار ئىمام بولۇمەن دېدىما؟.... راست،  شۇنداق دېگەندەك قىلدىغۇ. ئىمام؟ توغرا، ئىمام بولۇش ئۈچۈن سەللە بولۇشى كېرەك. سەللە بولمىسا ئۇلار نىمىشقا سەكرەيدۇ؟ قوي دېگەن ساق جانىۋار، بىلمەي قالمايدۇ. سەللە ئەسلىدە جىلغا ئاستىدىكەندە! بالىلارنىڭ بىرەرسىدىنمۇ ئۇنداق- مۇنداق ئاۋاز چىقمىدى. ئاشۇ شۇمتەكلەر تېپىۋاپتۇ- دە، ئۇنى. ھەي، ۋاپاسىز كۇچۇكلار، بىر ئېغىز تىنىپ قويۇشمىدىڭ. مېنى يەنە گوللاشتىڭ. قوي دېگەن ھايۋانچىلىك بولالمىدىڭ. ھەممىنى قىلغان سەن سەللىبەگ. ئۇكىلىرىڭنى ئازدۇرۇپ.... خەپ، سېنىڭ تاپقان سەللىنى تىقىۋالغىنىڭنى بىر كۆرەي. پايخانلىرىڭنى ئۇشتۇۋېتىمەن. توختا، ھازىرلا كۆرىسەن، سەللە مېنىڭ!...»

         راھەتباي ئەسەبىي قىزغىنلىقتىن ئەس- ھۇشىنى يوقاتقانىدى. ئۇ، ئۆلۈم، ئېغىر ئاياغ خوتۇن... دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ، خىيالى بىر تۇيغۇ قېتىدا جىلغا گىرۋىكىگە كەلدى ۋە « يا بىسمىللاھ! » دېگىنىچە ئۆزىنى تاشلىدى.

           جىلغا سەللىنى راستىنلا يۇشۇرۇپ ياتقاندەك ئۈن- تۈنسىز تۇراتتى. قاياقتىندۇر ئاڭلىنىۋاتقان قىقاس- چۇقانلار بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ....

               ----- ئاشۇ گاچا ئايالنىڭ قورسىقىدا قالغان بالا، دادام شۈكۈر ئاخۇن شۇ ئىكەن، ----ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك دېدى، چاناقلىرى ياشقا تولغان خۇدابەردى شۈكۈر ئوغلى مەشھۇرى.

                 مەن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدىم. بۇ ھەقتە گەپ قىلغۇدەك قىزغىنلىقىممۇ قالمىغانىدى. پەقەت تارىخقا بولغان ئۆچمەنلىكىم تېخىمۇ ئاشتى. بىر ئامال قىلىپ ،تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلەنمەكچى، تارىخ دېگەن بۇ نەرسىدىن ئۈزۈل- كېسىل يۈز ئۆرۈمەكچى بولدۇم. « تارىخقا لەنەت! » دېدىم مەن ۋە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ قېتىدا چاچراپ قوپۇپ، ھېلىقى دورىنى كاپ قىلىپ قولۇمغا ئالدىم.

    ----- نېمە قىلىسىلە؟ توختاڭلا، رېئاكسىيە قىلىدۇ!

        خۇدابەردىنىڭ گېپىمۇ قولۇقىمغا كىرمىدى. ئۇ، يۈگۈۈپ كېلىپ بولغىچە، قۇتىدىكى دورىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىچىۋەتتىم ۋە:

    ---- ئەۋلادىنى كۆرسىتەلمەيدىغان بۇنداق دورىنى... ----- دېدىم. ئارقىدىنلا ئىلھامىم كەلگەندەك، ئېنىقراق ئېيتقاندا، نىمە كۆرسەم كۆرەي دەپ: ---- مىنۇس بىر! دەپ توۋلۇدۇم، خۇدابەردىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا ساناشقا تىرىشىپ. مەقسىتىم، ئەجداد ھەققىدىكى ھەرقانداق گەپلەرنى ئۇنتۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمنى كۆرۈپ بېقىش ئىدى.

         ---- بىر! ---- يەنە بىر قېتىم ۋارقىرىدىم مەن، مېھمان ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ، گاژگۇنلۇق بىلەن.

       دېگەندەك، مۆجىزە يۈز بەردى. كۆزۈمگە راستىنلا بىر نەرسە كۆرۈندى: تېخى ھېلىلا تېلىفۇنلاشقان قىز دوستۇم---- تويلاشماقچى بولغان ئايالىم يىراقتىن بىر ئوغۇل بالىنى يېتىلەپ كېلىۋاتاتتى. ئايالىمنىڭ چىرايى سولغۇن، بالا بولسا ماڭىلا ئوخشايتتى.

    ---- مۆجىزە، خۇدابەرداخۇن، مۆجىزە! بالامنى كۆردۈم! ---- دورىنى خۇددى مەن كەشىپ قىلغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم مەن.

    ---- ۋاي، دورىنىڭ بۇنداق رولى بولسا تېخىمۇ ياخشىغۇ. راستىنلا مۆجىزە!

    ----- بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى خۇدابەردى؟ ----- قوپاللا سورۇدۇم مەن، بالامنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگەندىن كېيىن جىددىيلىشىپ، ---- بالىنىڭ بېشى گەجگىسىدە تۇرۇدۇ- يا، ئەستاغپۇرۇللا!...

    ----- ئىككى! ----- دەرغەزەپ بىلەن يەنە سانىدىم مەن. ئەمدى، بېشى گەجگىسىگە ئورۇنلاشقان بىر ئادەم، بېشى ئىت، بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر مەخلۇقنى يېتىلەپ كەلمەكتە ئىدى.

         مەن زادىلا تاقەت قىلىپ تۇرالماي، جان- جەھلىم بىلەن ساناشقا باشلىدىم.

    ----- ئۈچ!.... ۋاي، خۇدابەردى، بۇ نىمە گەپ، ئىت باشلىق بىر ئادەم ئۆزىدىن ئېگىز بىر ئېشەكنى بالام دەپ يېتىلەپ كېلىۋاتىدۇغۇ. خۇدايىم، بۇ ماڭا نىمە تارتقۇلۇق. تۆت!....

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.