مۇئەللىم - ئۇ كىم؟

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-28 12:13:44

مۇئەللىم ئۇ كىم؟مۇئەللىم دېگەن كىم؟ مۇئەللىم بىر ساقچى، چۈنكى ئۇ كۈن بويى سىنىپتا دېلو ئېنىقلايدۇ. مۇئەللىم بىر رىياسەتچى، چۈنكى ئۇ كۈن بويى ئوچۇق دەرسئۈچۈن ئويۇن ۋە نەيرەڭ ئويلايدۇ. مۇئەل...



    مۇئەللىم ئۇ كىم؟

    مۇئەللىم دېگەن كىم؟ مۇئەللىم بىر ساقچى، چۈنكى ئۇ كۈن بويى سىنىپتا دېلو ئېنىقلايدۇ. مۇئەللىم بىر رىياسەتچى، چۈنكى ئۇ كۈن بويى ئوچۇق دەرس  ئۈچۈن ئويۇن ۋە نەيرەڭ ئويلايدۇ. مۇئەللىم بىر ئارتىس، چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى بىردەم خۇشخۇي بىردەم قاتتىق تېرىككەك. مۇئەللىم بىر تازىلىق ئىشچىسى، چۈنكى ئۇ كۈن بويى يەر سۈپۈرىدۇ، ئەينەك سۈرتىدۇ. مۇئەللىم بىر ھۈنەرۋەن ۋە رەسسام، چۈنكى ئۇ كۈن بويى دوسكا بويايدۇ، دەرسخانىنى تۈزەشتۈرىدۇ. مۇئەللىم بىر يازغۇچى، چۈنكى ئۇ كۈن بويى ماقالە ۋە پىلان يازىدۇ. مۇئەللىم بازارغا بارسا توۋلاپ مال ساتالايدۇ، چۈنكى ئۇ يۇقىرى ئاۋاز ۋە يۈزى قېلىنلىقنى مەشىق قىلغان. ..

      مۇئەللىم دېگەن كىم؟ زىيالىيلارنىڭ سۆزىچە، ۋەتەننىڭ غۇنچىللىرىنى تەربىيلەيدىغان باغۋەن. ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلەرنىڭ سۆزىچە، كۈن بويى تەتىل قىلىدىغان بېكارچى. دوختۇرنىڭ سۆزىچە، مۇئەللىم ئاسانلا كېكىردەك راكى بولىدىغان قىلىشقا بولمايدىغان كەسىپ. سودىگەرلەرنىڭ سۆزىچە، مۇئەللىم بىر پىخسىق. ئانىلارنىڭ سۆزىچە، قىزلار مۇئەللىم بولسا ياخشى بىر ئەرگە ئېرىشىدۇ. بويتاقلارنىڭ سۆزىچە، مۇئەللىم بىلەن توي قىلسا، بىر ئىنكئانا، بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى، بىر كاتىپ تاپقانلىق بىلەن باراۋەر بولىدۇ....

      مۇئەللىم دېگەن كىم؟ قانۇن دەيدۇكى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئورۇن قاتارىدا باشقۇرۇلىدۇ، ئىش ھەققى شۇ جايدىكى دۆلەت مەمۇرىيلىرىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار دەيدۇكى، مۇئەللىم بىر سېسىق توققۇزىنچى (زىيالىيلارنىڭ كەمسىتىلگەن نامى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيالىيلار پومېشچىك، باي دېھقان، ئەكسىل ئىنقىلابچى، بۇزۇق ئونسۇر، ئوڭچى، خائىن، ئىشپيون، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارنىڭ كەينىگە تىزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان).
       بەزىلەرمۇقەددەسلەشتۈرۈپ دەپ قويىدۇ، مۇئەللىم جاھاندىكى ئەك پارلاق كەسىپ دەپ. پاكلاشتۇرۇپ دەپ قويىدۇ، مۇئەللىم بالىلارنىڭ پادىشاھى دەپ. بىر ئاتا ئانا دەيدۇ- مۇئەللىم كۈن بويى پۇللا يىغىدۇ. يەنە بىر ئاتا ئانا دەيدۇ- بالامىنىڭ نەتىجىسى ياخشى، چۈنكى مۇئەللىمى بەك ئەقىللىق. يەنە بىر ئاتا ئانا دەيدۇ-بالامنىڭ نەتىجىسى ناچار، بۇنىڭ ھەممىسى مۇئەللىمنىڭ دۆتلۈكىدىن....

        مۇئەللىم دېگەن كىم؟ ئىمتىھان مائارىپى ھەممىسى مۇئەللىم تېرىغان بالا-قازا دەيدۇ. ساپا مائارىپى قورسۇقۇمدىكىنى تاپ دەيدۇ...

        مۇئەللىم دېگەن كىم؟ مۇئەللىم ئۆزى شۇنداق دەيدۇكى، مەن پەقەت ئىككى تاشنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىچارە قۇرۇت.  كادىرلار باشقارمىسى مۇئەللىمنى بىرنچىدىن، مۇئەللىمنىڭ ئۇنۋانى بىلەن مەمۇرلارنىڭ دەرىجىسى پەرىقلىق بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا دۆلەت مەمۇرلىرى زىيالىيلارنىڭ مائاشىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىدىن قورقمىسىمۇ بولىدۇ؛ قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۈنۈم مائاشىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتىنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ، گال پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، نەيرىڭى بىلەن مۇئەللىمنى ئاخىرىدا مەمۇرلارغا سېلشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن ئۆلچەمدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا مەجبۇرلاش كېرەك. يەنى، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىشكېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا بېقىلىش سۇغۇرتىسىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئىتتىرىپ دەريادىن خەتەرسىز ئۆتۈش تاكتىكىسى بىلەن كۆپچىلىكنى بۇ قاراقچى كېمىسىگە ئالداپ چىقارغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىنى دېھقان ئىشلەمچى بىلەن پەرقسىز قىلىش كېرەك. يەنى يۈكنى ئازلىتىش كېرەكدەپ كەمسىتىپ، يۇقارقى ئۈچ قەدەمنى بېسىپ ماڭدۇرىدۇ.

      مۇلەللىم كۈن بويى ئادەم تەربىيلەپ قاتتىق ھالسىرايدۇ، ئوقۇغۇچى دېگەننىڭ ھەممىسى توغرا بولىۋېرىدۇ. مۇئەللىم مائاشى تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە باج تاپشۇرىدۇ،  ئەتىدىن كەچكىچە قوشقا قاتقان ئۇيىدىنمۇ بەك چارچايدۇ، ئۇچ ۋاق تامىقىنى ۋاقتىدا يېيەلمەيدۇ. مىنۇت سېكونت ئىش ئورنىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىشتىن چۈشەي دېگەندە يىغىن ئېچىشلىرىچۇ تېخى! تەكشۈرۈش كېلىپ قالسىغۇ تۈگەشتىڭىز دېگەن گەپ! چۈنكى، كۈندە چۈشەنمەي تۇرۇپ بىر نەرسە يادلايسىز -دە! ئۇنۋان ئۆستۈرۈلمەكچى بولسا ئارقا ئارقىدىن كېچىكتۈرۈلىدۇ. پېشىنى قېقىپلا كېتەي دېسە، چوڭلارغا يۈز كېلەلمەيدۇ. يانچۇقىدا بار نەرسىدىن قورۇنۇپ، كىشىنى كۆرسە ئۇيىلىدۇ.بەزىلەر يەنە بىزنى پارا يەيدۇ، ياشلىق دەۋرى مۇشۇنداق خازان بولىدۇ دەيدۇ...
    لېكىن نېمىشقىكىن، بۇ دۇنيادا شۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئارتۇق ئۇلۇغ ئىشمۇ يوق! شۇڭا بۇنىڭدىن كەچكەن بىرمۇ ئىنسان يوق!

    (گۈليارە تۇرسۇن) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇئەللىم كىم